ئاپتور لۇ يى ماقالىسىدە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولغان كۈنلەردە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقى دېڭىز فلوتىمۇ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋالدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 91765 قىسىمنىڭ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن باشلاپ 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە شەرقى دېڭىزدا ئوق چىقىرىپ ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا، جۇڭگو ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ بىر - بىرىگە دېۋەيلەپ تۇرغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىمۇ "2010 - يىللىق " زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيە ئارمىيىسى ياپون دېڭىزىدا، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى سېرىق دېڭىزدا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى شەرقى دېڭىزدا بىر - بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن دېڭىز يۈزىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولدى.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىش پەقەت بىر خىل تەسادىپىلىقمۇ؟ سوئال قويدى ئاپتور. بىلىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان يەر سېرىق دېڭىز ۋە ياپون دېڭىز يۈزى، بۇنىڭغا 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى باشلانغان، 14 دۆلەت تەشكىللىگەن "تىنچ ئوكيان 2010 - يىل"لىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن دېڭىز يۈزىنى قوشقاندا جۇڭگو ئامبۇر شەكىللىك قورشاۋنىڭ ئىچىدە قالدى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ھاسىل بولدى دەپ كۆرسەتتى ئاپتور لۇ يى.
ئاپتۇر لۇ يى "بۆرى كەلدى" دېگەن جۈملىنى ئىشلەتكەندە، پەقىر ئوبزورچى "بۆرى كەلگەن "لىكىنى جۇڭگولۇقلار ھېس قىلىپ يەتتىمۇ؟ دەپ سوئال قويدى. ئاپتور ئېيتقاندەك، بۆرى ھەقىقەتەن يېتىپ كەلدى. دېڭىز يۈزى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىغا بۆرى يېتىپ كەلدى.
پۇل مۇئامىلە، ئىقتىساد ساھەسىدە خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا "بۆرى كەلدى". جۇڭگودا ئىقتىسادى قۇرۇلما، ئىقتىسادى "تەرتىپ"، جۇڭگوچە ئىقتىسادى ئەندىزە ئۆزگىرىشكە مەجبۇرلاندى، ھەقىقەتەن "بۆرى كەلدى"، تىبەت، ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا، جۇڭگوغا ھەرگىز يول قويمايدىغان بولدى. ھەقىقەتەن كۆك "بۆرى كەلدى." بۆرى تېخى يولدا كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى جۇڭگولۇقنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن بىخەتەرلىك ئېڭى بۆرى كېلىشتىن بۇرۇنقى جىددى كەيپىياتنى نۆل نۇقتىغا چۈشۈرۈپ قويدى.
تېررېتورىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا "ۋاشىنگتون" بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسىنىڭ سېرىق دېڭىز تەۋەسىگە كىرمەكچى بولغانلىقىنى ھېسابقا ئالغاندا، جۇڭگو دېڭىز ساھىلى، پۈتكۈل شەرقىي شىمال رايونى، لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى، ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرى ئۇرۇش قىلالايدىغان دائىرىگە كىرىپ قالغان بولىدۇ. بۇ ئىش ئىنتايىن ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك بولۇپ، بېيجىڭ تەرەپنىڭ دىققەت قىلىشىنى قوزغىدى دەيدۇ ئاپتور.
رۇسىيە نېمە قىلماقچى؟سوئال قويدى ئاپتور.
مۇشۇ پەيتتە، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق ھەربىي قوماندانلىق شىتابى، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن يىراق شەرق رايونى ۋە سېبىرىيىدە "2010 - يىل"لىق زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 20 مىڭ ئەسكەر، 70 دانە ئايروپىلان قاتناشتۇرۇلغاندىن باشقا، ھەربىي ۋە مەخسۇس ئەسلىھەلەر ۋە يەنە ھەربىي پاراخوتلار مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان بولدى.
بۇ مانېۋىر رۇسىيە يېمىرىلگەندىن كېيىنكى زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر دەپ ئاتالدى. ئامېرىكا ئاۋازى بۇ توغرىدا توختىلىپ، رۇسىيە ھەربىي ۋە سىياسى ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، رۇسىيە ھەربىي تەرەپ "شەرق 2010 - يىل" ھەربىي مانېۋىرىغا بەك ئېتىبار بىلەن قارىدى، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مانېۋىر جۇڭگوغا قارىتىلدى دېدى، دەپ كۆرسەتتى.