جۇڭگودا زور توپىلاڭ ۋە ئۆز ‏ - ئارا قىرغىن قىلىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنمەكتە

بۈيۈك ئىرا تور بېتىگە " جۇڭگودا زور توپىلاڭ باشلىنىشنىڭ ۋە ئۆز - ئارا قىرغىن قىلىشنىڭ ئالامەتلىرى " ماۋزۇلۇق ماقالە يازغان زىڭ جېمىڭ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى : 2008‏ - يىلى 6‏ - ئاينىڭ 28‏ - كۈنى گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋېڭئەن ناھىيىسىدە پارتلىغان توقۇنۇش پۇقرالارنىڭ زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

0:00 / 0:00

غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، چېقىپ ئوت قويۇشى ئىسلاھات باشلانغاندىن بېرىكى ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ ھەرىكەت بولۇپ قالدى. بىرىنچى قېتىم ئۆتكەن يىلى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ بوبەي ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن، لېكىن بۇ قېتىمقى ۋېڭئەن ۋەقەسىنىڭ كۆلىمى زور، كېلىشى شىددەتلىك بولدى. ۋېڭئەن ۋەقەسى تىنچ يول بىلەن قارشىلىق كۆرسۈتۈشنىڭ تىزلىك بىلەن خەلق ئارىسىدا تاشلىۋېتىلىپ، زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش دەۋرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

تىنچ يول بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش نېمىشقا تاشلىۋېتىلدى دەپ، سوئال قويدى زىڭ جېمىڭ ئەپەندى: چۈنكى، خاتالىق - سەۋەنلىكلەرنى تۈزۈم ئىچىدە ھەل قىلىشنىڭ يولى ئاللىقاچان ئېتىلىپ قالدى. ئۈمىدسىزلىكنى بەلگە قىلغان ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئالامەتلىرى ۋېڭئەن ۋەقەسى ئارقىلىق كۈچلۈك ئىپادىلەندى.خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن يېڭىدىن "ئەرز - شىكايەت قىلىش نىزامنامىسى"نى تۈزۈپ چىقىپ، 5 نەپەردىن ئارتۇق ئەرىز - شىكايەت قىلىپ كەلگۈچىلەرگە "يولسىز ئەرز - شىكايەت قىلىش" دەيدىغان بەدنامنى چاپلاپ قاتتىق زەربە بەردى. يەرلىكلەر قارا جەمئىيەت كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەرز - شىكايەت قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ يول ئېتىلىپ قالدى.

زىڭ جېمىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر ئادەم ياۋۇز كۈچنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا بېرىپ ئەمەلدارلارغا دەردۇ‏ - ھال ئېيتىشى مۇمكىن، لېكىن ھوقۇقلۇق ئادەملەر ياۋۇز كۈچكە ئايلانغاندا، بارلىق ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ياۋۇز كۈچكە ئايلانغاندا، پۇقرالار قەيەرگە بېرىپ دەردۇ - ھال ئېيتىشى مۇمكىن؟ ياكى زامانغا بويسۇنۇپ، باشقىلارنىڭ بەلگىلىشىنى كۈتۈپ، ھاقارەتكە چىداپ ھايۋاندەك ياشىغۇلۇق ياكى قوزغۇلۇپ زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئادەم تۇرماق ھايۋان جېنىدا ئۆزىنى قوغدايدىغۇ؟ئەگەر ئادەملا بولىدىكەن، ئۇنىڭدا ئاز - تۇلا ئار - نومۇسنىڭ ساقىندىسىلا بولىدىكەن، زورلۇق - زومبۇلۇقنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە ئوڭايلا زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسۈتۈشنىڭ يولىنى تاللاپ ئالىدۇ.

زىڭ جېمىڭ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: زوراۋانلىق پۇقرالارغا بالايى - ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، لېكىن زوراۋانلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان تەرەپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، شۇڭلاشقا زوراۋانلىق پۇقرالارغا بالايى - ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى تۈپەيلى، يوللۇق ۋە قانۇنلۇق قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

زىڭ جېمىڭ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: ۋېڭئەن ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا خۇ جىنتاۋ" لخاسا تەجرىبىسى" نى ئىشلەتتى.ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايلا دېلو بېكىتىپ ۋېڭئەن ۋەقەسى قارا قوللار قۇتراتقان ھەرىكەت، دېدى. ئەمەلىيەت، - دەپ كۆرسەتتى زىڭ جېمىڭ ئەپەندى، - خۇ جىنتاۋ ئەپەندىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

خۇ جىنتاۋ نېمىشقا قوراللىق باستۇرۇشقا بۇ قەدەر خۇراپىيلارچە ئىشىنىپ قالدى؟خۇ جىنتاۋ ئەقىللىقراق بولۇشى، قولىدىكى ھوقۇقىنى يۇقىرى قاتلامدا ئىسلاھاتچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ يول بىلەن ئۆزگىرىشىگە يول ئېچىپ بېرىشى كېرەك. خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، كۇباغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشى كېرەك. ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋېرىدىكەن، ئۆلگۈچە ئۆزگەرمەيدىكەن، ئۇنداقتا، گائاگا تۈرمىسىدە كۈتۈلۈشكە مۇيەسسەر بولۇش خۇ جىنتاۋغا بىر ئاقىۋەت بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقىچىرەك ئېيتقاندا، ئىسيان كۆتەرگەن پۇقرالار ۋە ئىسيان كۆتەرگەن ئەسكەرلەرنىڭ قولىدا ھالاك بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ زىڭ جېمىڭ ئەپەندى.

خىتاي زىيالىلىرىنىڭ پىكىر قىلىشلىرىغا، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئوبيېكتىۋ رىياللىقىغا ئاساسلانغاندا جۇڭگودا ۋەزىيەت ھەقىقەتەن جىددىيلىشىپ كەتتى، لېكىن باشقىچە پىكىردە بۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سىياسى ئاكتىپلىرى: شىنخەي ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىللىتارىستلارنىڭ ئىچكى يېغىلىقى، 20‏ - ئەسىرنىڭ 40‏ - يىللىرىدا جۇڭگودا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش تېخى تۈنۈگۈنلا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى خىتاي جەمئىيىتىگە تارىخى ئەينەك بولۇپ تۇرۇپتۇ. تىنچ يول بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنى قوراللىق كۇچ بىلەن ھەل قىلىشقا ھاجەت قانچىلىك، دېيىشتى.