ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېگەن ئىمىش: 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچى سايۋاغ رايونى چاڭجياڭ يولىنىڭ بويىدا ھۆسن تۈزەش ساتىراشخانىسى قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردى، پىچاق كۆتەرگەن 3 نەپەر كىشى ساتىراشخانىغا بۆسۈپ كىرىپ بىرنەپەر خىتاي ئايالنى يارىلاندۇردى. بۇ خەۋەرنى يالغان تارقىتىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ تەكرارلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا "قاتىللىق قىلغان" بۇ كىشىلەر باغچىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئىمىش. قولغا ئېلىنغان ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 15 نەپەر كىشىنىڭ ئىچىدە 5 نەپىرى ئۇيغۇر قىزلىرى ئىكەن. ساختا، ساختا، ساختا پەقەت ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن باشقا خەۋەرنىڭ ھەممىسى ساختا.ئەمما يېڭى شەھەردىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى 20 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ بۇنىڭ ئىچىدە 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى.
مەن ئىشىنىمەنكى بۇ ئۇيغۇرلار گۇناھسىز ئۇيغۇرلاردۇر.بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ياكى باغچىغا ئوينىغىلى كېتىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ياكى رەڭلىك ئولتۇرۇشقا كېتىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.
بۇ ئۇيغۇرلار بەلكى يېقىن ئەتراپتا چاي ئىچىپ ئولتۇرغان بولىشى مۇمكىن. گۇناھسىز سەبى بالىلارغا، بۇ؟ خىتاي نېمىشقا غالجىرلاشتى؟خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىللىرىدە زوراۋانلىققا يەنە زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ كەيپىياتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قارىتىپ ساختا مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش،جەمئىيەتتىن جۇڭنەنخەيگە مەركەزلەشكەن زىددىيەتلەرنىڭ بېسىمىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋېتىش، شۇ ئارقىلىق قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن جۇڭنەنخەي ۋە خىتاينىڭ كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئەمەسمۇ، بۇ؟يەنە بىر تەرەپتىن ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقە چىقىرىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا پوپوزا ئىشلىتىپ، توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇننى قورقۇتۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، مەقسەتكە يەتمەكچى بولغان خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ھىلە - نەيرىڭى ئەمەسمۇ، بۇ؟
ئەينى چاغدا قەشقەردە ماتىتەي قۇچقاچ ئۆلتۈرەتتى. ئەمدىلىكتە ۋاڭ تىتەي قۇچقاچ ئورنىدا ئۇيغۇر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇر ئادەمنىڭ جېنى قۇشقاچنىڭ جېنىغا باراۋەر بولۇپ قالدىمۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوخشاش، پارتىيە بولساڭمۇ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاۋانگارتى بولساڭمۇ، خۇشامەتچى مۇئاۋىن ئەمەلدار بولساڭمۇ ئۇيغۇرلا بولىدىكەنسەن خىتاي سىنى دۈشمەن ئورنىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىگە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ نېفىتى ۋە تەبىئى گازى كېرەك بولدى، ئۇيغۇرىستاننىڭ يەر - زېمىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە كېرەك بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ لازىمى بولمىدى شۇڭا ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش كېرەك بولدى.
5 نەپەر ئۇيغۇر ئۈرۈمچىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، 5 نەپەر ئۇيغۇر قەشقەر يېڭى شەھەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، 10 نەپەر ئۇيغۇر ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىندى، 15 نەپەر ئۇيغۇر يېڭى شەھەردە سوت قىلىندى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئېتىلىپ چىققان قان كۆزۈڭگە چاچرىدى كۆزۈڭنى ئاچ ئۇيغۇر! خىتاينىڭ ئاتقان ئوقى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە تەگدى، ئەمەلىيەتتە سىنىڭ يۈرىكىڭگە تەگدى ئۇيغۇر!
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئولىمپىك تەنتەنىسى قىلماقچى بولغاندا، ئۇيغۇرلارغا ھازا ئېچىش بىلەن مازارنى ئورۇنلاشتۇردى. بىلسە ئىنسان ۋەتەننى ۋە ئۆزىنى كۆز ياش بىلەن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى نام - نىشانسىز، شان - شەرەپسىز بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالدى. ھىچ بولمىغاندا بىرگە - بىرمۇ بولالمىدى، تارىخ بۇ كىشىلەرنى ئەسلىگەندە ۋاي ئىسىت بىچارىلەر دەپ ئەسلەيدىغان بولدى. لېكىن يەنە شۇ تارىخ بىچارىلىكنى، ئىرادىسىزلىقنى، كۆز ياشنى، ئاجىزلىقنى، روھسىزلىقنى،چارىسىزلىقنىمۇ ئەيىبلەپ توختىماي يېزىلىپ كەلگەن تارىخ ئىدى.
