ئاشكارا پىلانلانغان سۈيىقەست

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۈەن شەھىرىگە قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىن مەجبۇرىي يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرى ئالدىغا بىر ئاي، كەينىگە تېخى 10 كۈن بولماي تۇرۇپ 6‏ - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى كېچىدە، تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا بېسىپ كەلگەن 5 مىڭدەك خىتاينىڭ كالتەك ‏ - چۇماق بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى.

0:00 / 0:00

شۇ ۋاقىتتا تور بەتلىرى 50 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىدار بولدى دەپ خەۋەر قىلىشقان ئىدى. نېمە ئۇچۇن، كىمگە، نېمە كېرەك بولۇپ قالدى؟ خىتاي نېمىشقا مىللىي ئېتنىك قىرغىنچىلىق پىلانلىدى؟ خىتاي يازغۇچىلار، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان كىشىلەر شۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار ئەمەس.

بۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى چەبدەس، كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىشلىرى تەشكىللىك، نىيىتى ياۋۇز، قارا كۆڭۈل ۋە ۋەھشى دېيىشكەن، بۇلار بەلكى كىيىم ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر بولۇشى مۇمكىن دېيىشكەن. ئۇنداقتا گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى قەشقەردىن گۇاڭدۇڭغا يۆتكەپ كېلىپ ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى ئىدى؟

ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرىدۇ ياكى ئىنكاس قايتۇرمايدۇ دەپ ئويلىغان بولغىيمىدى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى؟ ئۇيغۇرلار ئېتىۋەتسەك گەپ قىلمايدۇ،چۈنكى كۆنگەن، تۈرمىگە سولىۋاتساق گەپ قىلمايدۇ، چۈنكى كۆنگەن، ئۇيغۈرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەك گەپ قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇيغۈرلار خىتاينىڭ خورلىشىغا، ھاماقەت تېپىشىغا كۆنگەن دەپ ئويلىغان بولغىيمىدى؟ بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۆلۈمنى قورال قىلىپ ئۆزىنىڭ قانداق باتۇر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ قانداق قەيسەر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئاۋۋال خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە، ئاندىن پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىپ قويدى.

ۋاڭ لېچۈەن، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىقلار ۋە جۇڭنەنخەي نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ‏ - شۇ تاپتا!

بىر مەيدان مىللىي قىرغىنچىلىقنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۆزلىرى تەشكىللىگەن تۇرۇقلۇق، جىنايەتنى شۇملۇق ۋە بىشەملىك بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىگە دۆڭگەپ قويۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغاندىن باشقا، ئۇيغۇرنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا سەت كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سېلىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماقچى بولغان ئىدى.

يازغۇچى لى چۇڭ 7‏ - ئاينىڭ 8‏ - كۈنى يېڭى ئىرا تور بىتىگە يازغان ماقالىسىدا: "ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى" تەپسىلىي پىلانلانغان بىر مەيدان سۈيىقەست، ۋەقە تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، كوممۇنىست خىتايلارغا كېرەك بولغان نىشانغا قاراپ تەرەققى قىلدى، بۇ ۋەقە تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرگە ئوخشامدۇ دەپ سوئال قويدى.

يازغۇچى لى چۇڭ يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى دەل مۇشۇنداق توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان، تەۋرىنىش، يۇقىرى بېسىملىق ۋەقە پەيدا قىلىدىغان ئورگان، بۇ ئىشنى چوقۇم مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى پىلانلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر دائىم مۇقىملىق دەپ چالۋاقاپ تۇرىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەسمىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەمدى "مىللەتلەر ئىتتىپاقى" كېرەك بولماي قالدىمۇ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە خاتىرجەم مۇھىت كېرەك ئەمەسمىدى؟ بەزىلەر "ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى" نى خۇ جىنتاۋ بىلەن جياڭ زېمىننىڭ زىددىيىتىگە باغلاپ چۈشەندۈردى. بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدار پائالىيىتى ئاخىرىقى جەريانغا كىرىپ قالدى، ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىققىتىنى مىللىي مەسىلىگە بۇرۇۋەتمەكچى، خىتاي مىللەتچىلىكىنى قۇتۇراتماقچى دېيىشتى. تېگى - تەكتىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، ئۈرۈمچىدە پىلانلانغان زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق، ئۆتكەن يىلى لىخاسادا پىلانلانغان زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ... جۇڭنەنخەيگە ۋە باشقا كىشىلەرگە نېمە ئۈچۈن كېرەك بۇلۇپ قالدى؟

يېشىلمىگەن سىرلار ۋاقىت تەرتىپىدە ھامان بىر كۈنى ئاشكارا بولىدۇ.