ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نامايىشى ۋە '5‏ - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى' ئىقتىسادى مەسىلىگە باغلىنىپ قالغانمۇ ؟

2009‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 21‏ - كۈنى بۈيۈك ئىرا تور بىتىدە " شىنجاڭدا زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئىجتىمائى ئادالەت ھەمدە ئىقتىساد مەسىلىسىدۇر" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە ئىېنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ يىغىندىسى بولۇپ چىقتى.

0:00 / 0:00

مەسىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقى يازغۇچى چارلىز خوتلېرىنىڭ ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائى ئادالەتسىزلىك، كىرىمگە ئېرىشىشنىڭ پەرقى،شىنجاڭدىكى مىللى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىمىش. پىلانلىق تۇغۇت بويىچە خىتايلار، ئۇيغۇرلارغا چەك قويۇلمىدى، خىتايلارغا چەك قويۇلدى، دەپ ئاغرىنار ئىمىش. ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئورۇنلىشىش، مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش جەھەتلەردە زاپاس ساندىن بەھىرلىنەر ئىمىش، يەنە رازى بولماسمىش. يۇقىرىقىلار خىتايلارنىڭ تاپا - تەنىلىرى، ۋايساشلىرى ئىمشس. ھەتتا ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ مېھرىبانلىقىنى قۇبۇل قىلمىغان ئىمىش.

"يەر شارى پوچتىسى گېزىتى" گە ماقالە يازغان جوش چىن دېگەن ئادەمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىقتىساد مەسىلىسى،دىنى مەسىلىگە قارىغاندا كۆپرەك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا مىللى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىمىش. ئادەتتىكى خىتايلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى يوق، ئىقتىسادقا ئالاقىدار مەسىلە ئىمىش. كانزاس شىتاتىنىڭ پروفېسسورى ئارنى دەيۋىرنىڭ يازمىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىېنىرگېيە ۋە سانائەت ساھەسىدە ئاق ياقىلىق خىتايلار ئىشلەپ، ئۇيغۇرلار چەتكە قېقىلغانلىقتىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا مىللى توقۇنۇش كىلىپ چىققان ئىمىش.

مەيلى شەرقتە ياكى غەربتە بولسۇن مىللەت مەسىلىسىنى، بىر ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مىللىي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسىنى، ئاتالمىش مىللىي سىياسەت مەسىلىسىنى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغاندا ھادىسىلەردىن ھالقىپ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە ئىچكىرىلەپ كىرەلمەي ئېتنىك مىللەتنىڭ تەبىئىى تەلەپلىرىنى زاماندىن ئايرىپ، ئىجتىمائىيلاشقان مىللىي تۇرمۇشنى ھوقۇق دائىرىسىدىن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پەيدا بولۇۋاتقان ھوقۇق تەلەپلىرىدىن ئايرىپ، يۈزەكى تەتقىق قىلىپ، پەقەت ئىقتىسادى مەسىلىلەر ياخشىلانسىلا مىللىي مەسىلىلەر ھەل بۇلۇپ كېتىدۇ دەيدىغان قاراشلار ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ئاخماقنىڭ كۆز قارىشى، سىياسەت ساھەسىدە مۇغەمبەرنىڭ كۆز قارىشى، ئىلىم - پەن، سىياسەت پەلسەپەسى ساھەسىدە دۆتنىڭ ياكى ھارامزادىنىڭ كۆز قارىشىدۇر.

بېرمۇدا بىر دۆلەت ئىكەن 67 مىڭ نوپۇسى بار ئىكەن، پالاۋ بىر جۇمھۇرىيەت ئىكەن، 20 مىڭ نوپۇسى بار ئىكەن. خەلقنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا خەلقنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمايدۇ دېگەندەك، ئوخشاشلا مىللەتنىڭ دۆلىتى بولمىسا مىللەتنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بۈگۈن بۇ قائىدىنى تازا ئوبدان چۈشەندى.

ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى قانچە؟ 10 مىليون دېدى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، 20 مىليون دېدى ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى، 30 - 40 مىليون دېدى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان ئالىيلىرى. بىر نەچچە ئون مىليۇنلۇق مىللەت ئۇيغۇرنىڭ مىللىي دۆلىتى بولمىسا ياكى مىللىي دۆلىتى قۇرۇلمىسا، بۇ دۇنيانىڭ رەڭدار دۇنيا بولۇشى مۇمكىنمىدى؟ بۇ دۇنيانىڭ ئەقلى دۇنيا، ئاقىلانە دۇنيا بولالىشى مۇمكىنمىدى؟ بۇ سۆزنى بىروۋلار ياكى مەن شۇنداق دەۋاتقىنىم يوق! تەبىئەت ئەزەلدىن تەكرار - تەكرار شۇنداق دەپ كەلگەن.

بۈيۈك تەبىئەت ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن جەمئىيەتكە ئەندىزە بېرىپ تارىختا ئۇيغۇر مىللىتىگە تالاي قېتىم، تالاي قېتىم دۆلەت قۇرۇپ بەرگەن. بەزىدە تەبىئەت دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالغان. شۇڭا خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە قانداقتۇر قوساق مەسىلىسى، ئېتىبار بېرىش ياكى غەمخورلۇق قىلىش مەسىلىسى ياكى دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى ئەمەس، ئەسلا ئۇنداق ئەمەس! بەلكى خۇددى خى يافې ئېيتقاندەك ۋە خىتاينىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغاندەك، ئۇيغۇر تەلەپ قىلىۋاتقان مەسىلە ياكى ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسى، ياكى تارىختا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدۇر ياكى قايتىدىن مۇستەقىللىق جاكارلاش مەسىلىسىدۇر.

بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى تاۋار ئېڭى بىلەن قوراللانغان ئۇيغۈر ياشلىرىدۇر. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى مىللىي ئاڭ بىلەن قوراللانغان ئۇيغۈر ياشلىرىدۇر.