' ئازادلىق ئارمىيە ' ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرامدۇ؟

دوۋﯤ تور بىتى شاڭگاڭدا نەشر قىلىنىدىغان "ئەينەك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، 2009‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 24‏ - كۈنى مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچىدە "5‏ - ئىيۇل نامايىشى" ۋە "5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى" يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھەربىي تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تۈنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىپ "شىنجاڭ مۇستەقىللىقى" يەنى مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

دوۋﯤ تور بىتى يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: "ئازادلىق ئارمىيە" نىڭ باش شىتاپ باشلىقى چىن بىندﯤ تۈنۈگۈن خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە جۇڭگو ھەربىي تەرەپ تېرورىستلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تولۇق تەييارلىنىپ قويدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھوقۇق بېرىپ يول قويىدىغانلا بولسا، خىتاي ھەربىي تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئەسكەر چىقىرىپ، بىرلىشىپ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە، تېرورىست كۈچلەرگە زەربە بېرىدۇ دېدى، دەپ كۆرسەتتى.

شىتاپ باشلىقى گېنېرالى چىن بىندﯤ ۋە مەركىزى سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىقلار جياڭسۇ، گەنسۇ، نەنجىڭ قاتارلىق خىتاينىڭ ئۆلكە شەھەرلىرىدىن قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەربىي قىسىملارنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىپ، نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىپ "5‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى" نى پەيدا قىلدى. گېنېرال چىن بىندﯤ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىمىز دېدى. ئۇيغۈرىستاننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىلچىلەر دەپ باستۇرماقچىمۇ ياكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرماقچىمۇ؟

بۇ قېتىم خاباروۋىسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدا رۇسىيىلىكلەر خىتايغا شۇنداق ئىمتىياز بەرگەنمۇ ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىگە ئەسكەر چىقىرىپ شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئىجازەت بەرمەكچىمۇ؟ نېمىسىگە چوڭ سۆزلەيدۇ گېنېرال چىن بىندﯤ؟!

ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پالىيەتچىلىرى ئويلايدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ئەۋەتىلگەن ئەسكىرى قىسىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ؛ خۇددى سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندە ھەربىيلەرنى چېكىندۈرۈپ ھەربى قورال - ياراقلارنى ئەمدىلا مۇستەقىللىق جاكارلىغان دۆلەتلەرگە تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كەتكەندەك، گېنېرال چىن بىندېمۇ ھەربىي قورال - ياراقلارنى ئۇيغۇرىستاننىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئويلىغاندەك، گېنېرال چىن بىندﯤ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىشقا تەييارلىنىپ قويدۇق دېدى. ئەگەر چىن بىندﯤ، ئالىمادىس مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە تەييارلىنىپ قويغان بولسىچۇ؟ مۇبادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چىن بىندېنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىشىغا بۇيرۇق بەرمەي، ئېھتىماللىق ئىچىدە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە بۇيرۇق بەرسىچۇ؟ چىن بىندﯤ قانداق قىلىشى كېرەك؟ ھەربىي ئادەم ئەلۋەتتە بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشى كېرەك! چۈنكى گېنېرال چن بىندﯤ ئۆزىنىڭ دېيىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ بۇيرۇق بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، دە!

ۋاقىت دېگەن بۇ پەلسەپىۋىي ئۇقۇمنى سىز قانداق ئويلايسىز، باشقىلار قانداق ئويلايدۇ، مەن قانداق ئويلايمەن، چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ۋاقىتنى بىلگەن ئادەم ئۆتمۈشنى بىلىدۇ، تارىخنى بىلىدۇ، رېئاللىقنى بىلىدۇ. بىلمىگەندىمۇ ئاز - تولا ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ. گېنېرال چىن بىندﯤ شۇنى بىلىۋېلىڭكى، ۋەقەلەرنىڭ ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگىرىشى، دېمەكچىمەنكى، سىزنىڭ ئىرادىڭىزگە ۋە مىنىڭ ئىرادەمگە بىقىنمايدۇ!