جۇڭگو تەرتىپنى بۇزالامدۇ؟

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن دۇنياۋى تەرتىپ (بىر بۇرجەكتە كوممۇنىست خىتاينىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا) سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلىشىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى.

0:00 / 0:00

"ۋەنۋى" تور بىتىنىڭ 5 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى" خىتاي ئارمىيىسى خەلقئارا جاندارما بولمايدۇ"، "دۇنياۋى رەھبەر بولمايدۇ" دەپ، ئۆزىنى‏ - ئۆزى ئالداپ ئولتۇرغاندا، "دۇۋى "تور بىتىدە ئېلان قىلىنغان "ئىش قىلىش كېرەك، تەرتىپنى بۇزۇش لازىم" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، لۇيى ئەپەندىنىڭ :"جۇڭگو ھازىر چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى...ئىككىنچى بىر دۆلەتكە بېقىندى بولۇپ قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق... جۇڭگو يۇمشاق باش ئەمەس" دەيدىغان گەپلىرى غالجىرلىققا ياندىشىپ ئوتتۇرىغا چىقتى: "بۈگۈنكى جۇڭگو بىر ئاجىز دۆلەتتىن، كۈچەيگەن، قۇدرەتلىك دۆلەت بۇلۇش يولىغا قاراپ ماڭدى...رايون خاراكتېرلىك دۆلەت بولۇشتىن، دۇنياۋى دۆلەت بولۇش مۇساپىسىگە قەدەم تاشلىدى...باش كۆتۈرگەن دۆلەت سۈپىتىدە، رەھبەر دۆلەت سۈپىتىدە...جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بۈيۈك ئىستراتېگىيىسىدە...ئاسىيا، تىنچ ئوكىيان ئىستراتېگىيىسىدە ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيە سېستىمىسى بولۇشى كېرەك...."

لۇيى ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە: "جۇڭگونىڭ قۇدرەت بىلەن باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا، جۇڭگونى يۇشۇرۇن رىقابەتچى دەپ تاللاپ ئالغاندا، جۇڭگو رىقابەتچى بولىمەن ياكى بولمايمەن دەپ ئېيتالمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

باشتا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، "جۇڭگو خەلقئارا جاندارما بولمايدۇ" دېيىلدى. كىم جۇڭگونى "خەلقئارا جاندارما " بولۇشقا تەكلىپ قىلغان بولغىدى؟ "جۇڭگو رايون خاراكتېرلىك دۆلەت بولۇشتىن.... دۇنياۋى دۆلەت بۇلۇش مۇساپىسىگە قەدەم تاشلىدى...." دېيىلدى. دۇنياۋى دۆلەت بولۇشنىڭ تارىخى مۇساپىسى...." دېگەن قانداق مۇساپە، ئۇ؟ " دۇنياۋى دۆلەت " بۇلۇشنىڭ شەرتلىرى نېمە؟ "يالتا يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى سۆھبەت ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى لايىھەلىدى ھەمدە سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىنى جۇڭگوغا ئۇختۇردى...." ("رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار" ئاپتورى ئامېرىكىلىق جۇن گارۋېر 505 - بەت)

"سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ... جۇڭگو بىلەن دونبا دۇن كاۋچۇكزارلىقى يىغىنىدا ئۇچرىشىشنى خالىماسلىقتا... ھەقىقىي غەرىزى جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ئۈچ كۈچلۈك دۆلەت بىلەن باراۋەر بولۇپ قېلىشىنى خالىماسلىقتىن ئىبارەت..." (يۇقىرىقى كىتاب 500 - بەت) قارىغاندا، چوڭ دۆلەت بولۇش جۇڭگوچە ئوڭاي بولسىمۇ، لېكىن چوڭ دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىش ئانچە ئوڭاي بولمسا كېرەك! جۇڭگو بۇ تارىخى مۇساپىنى جياڭ جېشى دەۋرىدىلا بېسىپ كەلگەن، گومىنداڭنى ب د ت دىن چىقىرىۋېتىپ، بۈگۈنكى جۇڭگونى ب د ت غا ئېلىپ كىرگەن دۆلەتمۇ ئامېرىكا ئىدى.

دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن ئامېرىكا، جۇڭگونى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۆرەپ كىرىپ، 60 - يىللاردا ھەربىي ئاپتوموبىلنى ھايدىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن لى فىڭدەك ئەسكەرلەردىن تەشكىللەنگەن "ئازادلىق ئارمىيە"نى، بۈگۈنكىدەك ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرالايدىغان، ئامېرىكا ئارمىيىسى مانېۋىر قىلسا، دوراپ مانېۋىر قىلالايدىغان ئارمىيىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانمۇ ئامېرىكا ئىدى.

جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىگە، چوڭ دۆلەت بولۇشىغا ئامېرىكا ھازىرغىچە قارشى تۇرغىنى يوق. نېمە ئۈچۈنكى، جۇڭگو مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن بېرى ئانداقەي، مۇنداقەي دەپ تولىمۇ ھەسىرەپ - ھۆمۈدەپ كەتتى.

دۇنياۋى ئىشلاردا ھەم جۇڭگونىڭ ئىچىدىكى ئىشلار مەسىلىسىدە، جۇڭگو، ئامېرىكا بىلەن با مەسلىھەت ئىش قىلىشى كېرەك دېيىشىدۇ كىشىلەر.

جۇڭگولۇقلار كۆتۈرۈپ چىققان، جۇڭگونىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىشلىق، تىبەت، "شىنجاڭ"، تەيۋەن ئەمدى يېقىندا قوشۇلغان جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق رايونلار، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭمۇ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىشلىق رايونلار ئىدى. تەيۋەننى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئازاد قىلغان، "شىنجاڭ"نى خەلقئارا جەمئىيەت ستالىننىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ، گومىنداڭ خىتايلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ياكى قوشۇپ بەرگەن. ئەينى چاغدا "موسكۋا شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ زېمىنىدىن ئايرىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئىدى"(يۇقىرىقى كىتاب 204 - بەت)

سىز، لۇيى ئەپەندى، ماقالىڭىزدە : "ئامېرىكا، تەيۋەن بوغۇزى، تىبەت، شىنجاڭ قاتارلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، زىددىيەت پەيدا قىلىپ جۇڭگونى چەكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ" دەيسىز.

توقوناقنى كىم چەككەن بولسا، شۇ كىشى يىشىشى كېرەك، لۇيى ئەپەندى! مېنىڭچە جۇڭگونىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىش قارا نىيىتىگە چەك قويىدىغان ۋاقىت، جۇڭگولۇقلار ئۆز قولى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرتىپىنى بۇزىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.