باشقا مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭدا نەشر قىلىنىدىغان "ۋىنخۇيباۋ" مۇنداق خەۋەر قىلدى: "مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئاۋىئاماتكىنىڭ سېرىق دېڭىزغا بېرىپ مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقى جۇڭگوغا پوپوزا قىلىش. شۇنىڭ ئۈچۈن، - دېيىشتى مۇتەخەسسىسلەر، - ئامېرىكىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىزكى، كەلگەن ئىكەنسەن، ئاقىۋەتكە ئۆزۈڭ مەسئۇل بول!"
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ كاتىپى يى خەيلىن مۇنداق دەپتۇ: " ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ سېرىق دېڭىزغا كېلىپ ھەربىي مانېۋىر قىلىشىدىن تۇيۇقسىزلىق ھېس قىلىپ كەتمەيمىز؛ ھەربىي جەھەتتە جۇڭگوغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈشىدىنمۇ ئەنسىرەپ كەتمەيمىز؛ چۈنكى، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا جۈرئەت قىلالمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكىغا تەھدىت پەيدا قىلالايدىغان ئۇسۇللىرى بار."
يى خەيلىن "نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، جۇڭگو، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كېلىمەن دېسە كېلىدىغان، كېتىمەن دېسە كېتىدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈۋېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك؛ بۇنداق ھەرىكەتنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا پوپوزا ئىشلىتىشكە تېخىمۇ يول قويماسلىق كېرەك" دېگەنمىش.
يى خەيلىن يەنە مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئۆتكەن قېتىم ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ سېرىق دېڭىزغا كىرگەنلىكى مەسىلىسىنى كۆپ ئويلاپ كېتەلمىگەن بولساق، ئۇنداقتا بۇ قېتىم ئاۋىئاماتكا سېرىق دېڭىزغا كىرىپ ھەربىي مانېۋىر قىلماقچى بولغان بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى. جۇڭگو، ئامېرىكىغا چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەككى، كەلگەن ئىكەنسەن، ئاقىۋىتىگە ئۆزۈڭ مەسئۇل بول!"
ئوھوي! يۈرىكى قاپتەك بارمۇ نېمە، ماۋۇ خىتاينىڭ !
ھۆرمەتلىك جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر، ھەربىي ئادەملەر، ھۆرمەتلىك جۇڭنەنخەي! سىلەرگە ئەمدى ئالدىڭلاردىن، يېنىڭلاردىن، ھەتتا كەينىڭلاردىن ياردەم بېرىدىغان ستالىن يوق. ھەرنېمە قىلساڭلار، ھەر ھالدا دىققەت قىلارسىلەر! جۇڭگولۇقلار، كورىيىگە 3يۈز مىڭ كىشىلىك ئەسكەر چىقارغاندا، يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ بويىغا ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى قۇرۇۋېلىپ، جۇڭگونىڭ پىدائىي قىسىملىرىغا ياردەم بېرىپ ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالغان ستالىن يوق! جۇڭگولۇقلار، ۋېيتنامغا مەخپىي ئەسكەر چىقىرىپ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلغاندا ھەربى قورال - ياراق يەتكۈزۈپ بەرگەن بېرىژنىف ۋە كوسىگىنلار يوق!
1996 - يىلى شاڭخەيدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى"نى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا پىلان تۈزگەندە، يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەن رۇسىيىنىڭ سابىق دۆلەت باشلىقى يىلتسىن يوق! ھەرنە قىلساڭلار، ئاقىۋەتنى ئويلاپ قويۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 7 - ئىسكادىرونى سېرىق دېڭىزغا كىرگەندە تاقابىل تۇرالايدىغان ئۇسۇللارنى ئىشلەتسەڭلەرمۇ كېچىكىپ قالمايسىلەر !
ئۇيغۇرلارغا تېخى جاھان ئۆزگەرمىدى، لېكىن باشقىلارغا جاھان ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتتى.
19 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ياۋرۇ - ئاسىيادىكى سادىق دوستى بولۇپ كەلگەن چار رۇسىيىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا دوست بولۇپ كەلگەن لېنىن - ستالىن رۇسىيىسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى. ئەمدىلىكتە ۋىلادىمېر پۇتىن رۇسىيىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. شۇڭا 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارى كلىنتون خانىم ۋېيتنامدا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى يىغىندا - خېنۇيدا پەيدا بولغان كۈندىن باشلاپ، ئاسىيانىڭ ھەتتا ياۋرۇ - ئاسىيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى. ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يەر شارى سىياسىتى ئاسىياغا يۆتكەلدى. (شەرت شۇكى، يەنە ئالاھىدە ئىشلار كۈن تەرتىپكە كىرمىسىلا) شۇڭا دىققەت جۇڭنەنخەي! ھەرقانداق مەسىلە تىنچ يول بىلەن، سۆزلىشىش بىلەن ھەل قىلىنىدىغان بولسا، جۇڭگولۇقنىڭ سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولىدىغانلا بولسا، ئەخلاق بىلەن ئەقىلنىڭ قوبۇل قىلىشىدا ھېچ گەپ يوق. ئامېرىكا ئەزەلدىن ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن دۆلەت. جۇڭگولۇقلار ئاقىۋەتكە ئىگە بولالامدۇ - يوق ؟ مەسىلە سىلەردە قالدى!