خىتاي - تىبەت پۇقرالىرى سۆھبىتى

2009‏ - يىلى8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بوشۈن تور بېتى مۇنداق خەۋەر تارقاتتى: خىتاي - تىبەت خەلقئارا يىغىنى ئورتاق تونۇش توغرىسىدا قول كۆتۈرىپ قارار ماقۇللاپ ئاخىرلاشتى.

0:00 / 0:00

3 كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىنغا دالاي لاما ئۆزى بىۋاستە قاتناشتى، خىتاي زىيالىيلىرى ۋە تەيۋەنلىك زىيالىيلار قاتناشتى.

ھەممىگە مەلۇم، پرېزىدېنت ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈنجى قېتىم 7‏ - ئاينىڭ 27‏ - كۈنى ۋە 28 ‏ - كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ‏ - خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد مەسىلىلىرى ۋە سىياسى ئىسىتراتېگىيىلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. ئىقتىساد مەسىلىلىرى سۆھبىتىگە ئامېرىكا تەرەپتىىن مالىيە مىنىستىرى گەيتنېر ئەپەندى، خىتاي تەرەپتىن دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىرى ۋاڭ جىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى. ئىستراتېگىيىلىك سىياسىي سۆھبەتكە ئامېرىكا تەرەپتىن دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىللارى كىلىنتۈن خانىم، خىتاي تەرەپتىن دۆلەت مەھكىمە ئەزاسى دەي گىڭگو قاتارلىقلار قاتناشتى. سۆھبەت جەريانىدا ئىقتىساد مەسىلىسى، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى مەسىلىسى ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى ھېسابلانسىمۇ. لېكىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۆزلىنىدىغان ئىستراتېگىيىلىك سىياسى مەسىلىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقى، شۇ چاغدا ياپۇنىيە گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

كۈتۈپ تۇرغاندەك ئارقىدىنلا، خىتاي - تىبەت پۇقرالار ئارا سۆھبەت قۇرۇش يىغىنى جەنۋە شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئارقىدىنلا يا گۈلدۈرى يوق، يا يامغۇرى يوق خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرا سۆھبىتى تۇيۇقسىزلا يېڭى دېھلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جەنۇبىي تىبەت چېگرا رايونى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت تېمىسى بولدى.

دالاي لاما 2009‏ - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ب ب س مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا" جۇڭخۋا خەلق رېسپۇبلىكىسىنىڭ رامكىسى ئىچىدە تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقى"نى بىلدۈردى. ئورتاق قارار ئالغان " ئورتاق پىكىر " دە، 2009‏ - يىلى8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جەنۋەدە" تىبەت ھەرگىزمۇ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگوغا تەۋە بولغان ئەمەس "دەپ قارار ئېلىندى.

دالاي لاما ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا: تىبەت مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن تەخىرسىز، جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن نۆۋەتتە بېيجىڭ تەرەپ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق. بېيجىڭ تەرەپتىن كېلىدىغان ئۇچۇرنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمىز، دېدى.

دالاي لاما ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا سۆھبەت بايان قىلىپ ئاخىرىدا: يېقىندىن ئېيتقاندا، تىبەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئېيتقاندا تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھېچقانداق ئۈمىد يوق دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدا، "نۆۋەتتە تىبەت مەسىلىسىنىڭ جىددىي، تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم" دېگەن دالاي لامانىڭ تۆۋەندە "ئۈمىد يوق" دېگەنلىكىنى بەلكى سىياسىي تاكتىكا دەپ چۈشەنسەك بۇلامدىغاندۇ؟ "تەخىرسىزلىك" ۋە "ئۈمىد يوق" دېگەن سىياسىي ئىبارىلەر بۇ يەردە زىددىيەتلىك، ئامما بىر - بىرىگە ئورۇن بېرىدىغان سىياسىي ئىبارىلەردۇر.

دالاي لاما ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: تىبەت مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى ياكى تىبەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا نېمە ئىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىقانلىقىدىن پەيدا بولغان مەسىلە بولماستىن، بەلكى ئاتالمىش " ئازادلىق ئارمىيە" نىڭ تىبەتتە بارلىقنى قورال كۇچى بىلەن تىزگىنلىگەنلىكىدىن پەيدا بولغان مەسىلىدۇر دەپ كۆرسەتكەندە، دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپكە: تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تىبەتلەرنىڭ ھېچقانداق مەجبۇرىيىتى يوق. مەجبۇرىيەتمۇ، تەشەببۇسكارلىقمۇ ئوخشاشلا خىتاي تەرەپتە، خىتاينىڭ " ئازادلىق ئارمىيە" سى تىبەتنى قورال كۇچى بىلەن ئىگىلىمىگەن بولسا، بۈگۈنكى تىبەت مەسىلىسىمۇ بولمىغان بولاتتى، دەيدىغان ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن بولدىمۇ؟

دالاي لاما 2009‏ - يىلى8 - ئاينىڭ 10‏ - كۈنى ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا سۆھبەت بايان قىلىپ: " تىبەت مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى " دېدى. بۇشۇن تور بىتى 2009‏ - يىلى 8 - ئاينىڭ 9‏ - كۈنى تارقاتقان خەۋەردە: تىبەتلىكلەر ۋە خىتاي زىيالىيلىرى جەنۋەدە تىبەت ھەرگىزمۇ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگوغا تەۋە بولغان ئەمەس دەپ ئورتاق تونۇشقا كەلدى دەپ كۆرسەتتى. دالاي لاما، ئىچكى ئىشى دېدى. قىزىق ئىش. ئەزەلدىن تارتىپ خىتايغا تەۋە بولمىغان تىبەتنىڭ ئىشى قانداقلارچە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى بۇلۇپ قالىدۇ؟؟ تەستىقنى ئىنكار قىلىش، ئىنكارنى تەستىقلاش سىياسەت ساھاسىدە دائىم "ئۇچراپ تۇرىدىغان" لوگىكىلىق ھادىسىمۇ؟

نۆۋەت ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە، سىياسىي مەزمۇنلارنى ئېلىپ يۈرگۈچى جۈملىلەرنى خۇدا لوگىكىلىق توقۇناقتىن ساقلىغاي!