"ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى"نىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمى 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاڭلاتقان خەۋىرىدە:" رۇسىيە فېدېراتسىيىسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شىتاپ باشلىقى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ناتونىڭ ھەمكارلىقى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى، رۇسىيە ئارمىيىسى ناتو بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى زامان تەھدىتىگە ئورتاق قارشى تۇرىدۇ"دېدى دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەرنى رادىئونىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جۇ رىن بىۋاستە ئاڭلاتقاندا، بىۋاستە ئاڭلىتىش خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغاندا بۇ خەۋەرگە ياندىشىپ يەنە بىر خەۋەر جىددىي ئوتتۇرىغا چىقتى. دەل شۇ كۈنلەردە مەسىلەن، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ خېنۇيدا ئېچىلغان نۆۋەتتىكى يىغىنىدا دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارى كلىنتون خانىم جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنىڭ خەلقئارا قاتناش تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بۇ ئاراللارغا ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپى قويۇلمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى دىپلوماتىك قورشاۋنىڭ ئىچىدە قالغان ئىدى.
مۇخبىرنىڭ موسكۋادىن تارقاتقان بۇ قېتىمقى خەۋىرى خىتاي تىلى ئارقىلىق خىتاي جەمئىيىتىگە يىتىپ بارغاندا، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ سەزگۈر، سەرخىللىرى قاتلىمى نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟ مەن ئويلايمەن، ھىلارى كلىنتون خانىم سۆھبەت باياناتى ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئوخشاش بىر كۈندە، رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ شىتاپ باشلىقى ماكاروپنىڭ يۇقىرىقىدەك بايانات ئېلان قىلىشى نورمال ئادەملەر بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا جۇڭگولۇق ئاكىيۇلارنىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالمامدۇ؟
ھەپتىنىڭ 5 - كۈنى زىيارەت ئۈچۈن موسكۋاغا يىتىپ كەلگەن ناتو ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ماكاروپ مۇخبىرلارغا:" ناتو ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن رۇسىيە ھەربىي تەرەپنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى، رۇسىيە بىلەن ناتونىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى، رۇسىيە ئارمىيىسى ناتو ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھازىرقى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى دۇچ كەلگەن تەھدىتكە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا تەييار"دەپ كۆرسەتتى.
"دۇنيا دۇچ كەلگەن يېڭى تەھدىت" توغرىسىدا شىتاپ باشلىقى ماكاروپ كونكرېت بىر نەرسە دېمىدى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا "بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى رەھبەرلىرى بىلەن ناتو ھەربىي قىسىم قوماندانلىرىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا بىريۇسسىلدا ئۇچراشقاندىن كېيىنكى ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى خۇلاسىلاپ، كەلگۈسى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى." رۇسىيە تەرەپ ئافغانىستاندا بىر گۇرۇپپا تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەترىتى تۇرغۇزماقچى بولدى.
ناتو ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا: "ناتو، رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولدى" دەپ كۆرسەتتى.
بۇ ھەقتە ئوبزورچىلار: "رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى شىتاپ باشلىقىنىڭ ناتو قىسىملىرى بىلەن مۆرىنى - مۆرىگە تېرەپ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى باياناتى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋىدېۋنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قايتا ياخشىلىغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇۋاتقان رۇسىيە تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىندىن بېرىكى مۇناسىۋىتىدە سۈپەتلىك ياخشىلىنىشنىڭ بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بىر - بىرىگە تېخىمۇ يېقىن تۇرىدىغان مۇمكىنلىكنىڭ ھازىرلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى" دېيىشتى.
"دۇۋى" تور بېتى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تارقاتقان: "ئامېرىكا، رۇسىيە ھاۋا قىسىملىرى تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولدى" ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە، "ھۇشيار بۈركۈت" بەلگىلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شىتاتى ھاۋا ئارمىيىسى قوماندانلىق مەركىزىدىن، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق خاباروۋىسكى رايونىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ مانېۋىر پىلان بويىچە 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۆتكۈزۈلدى ....
"دۇنيا دۇچ كەلگەن يېڭى تەھدىت" شەرقىي شىمالى ئاسىيادا پەيدا بولدى، يېڭى تەھدىت "جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرى ۋە غەربىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىدا پەيدا بولدى،" يېڭى تەھدىت "مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا پەيدا بولدى. يېڭى تەھدىت"كە قارشى يېڭى كۈچمۇ ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا ناتو بىلەن رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بىرلىكىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.