ئۇ يەنە، خىتايلار ئوخشاش بىر مەزگىلدە موڭغۇلىيە ۋە تەيۋەننى ئاھالە كۆچۈرۈش بىلەن ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى تاماملىدى، شۇڭا بېيجىڭ بۇ ئۇسۇلنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى شىنجاڭدا تاماملىماقچى بولدى، كېچىكىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇرۇشتىن كېيىن باشلىدى. كۆچۈپ كەلگەن "شىنجاڭغا" نۇرغۇنلىغان كۆچمەن خىتايلار، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە باشلىدى، خىتاي نوپۇسى ئەمدى شىنجاڭغا كۆچمەن يۆتكەشنى قوللىماسلىقى مۇمكىن دەپ يازدى.
ئاپتۇر فىلىپ بوۋرىڭ ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچمەنلىك ھېسسياتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كېچىكمىگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش خاھىشى ۋە مەدەنىيەت شوۋىنىزمىنى ئوزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.
ئاپتور فىلىپ بوۋرىڭ ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېدى: يۇقىرىقىلار چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلى خىتاينىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ،خەلقئارا ئىشلاردا ياكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنىلا كىچىك مەسىلە. لېكىن خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئېيتقاندا، ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ خۇددى ھندىنوزىيە بىلەن شەرقى تۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پۇتقا پاتقان بىر تال تاش بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھۆرمەتلىك يازغۇچى فىلىپ بوۋرىڭ ئەپەندى، سىز بىلەن بىز ئۇرۇش دەۋرىدە ياشىمىغان ئامما، ئۇرۇشنىڭ ۋە چوڭ دۆلەت دىپلوماتلىرىنىڭ 40 - يىللاردىكى پائالىيەتلىرىدىن ئاز - تولا خەۋىرىڭىز بولسا كېرەك. بىلىشىڭىز مۇمكىن، بۈگۈن خىتاينىڭ پايپىقىدا بىر تال تاش بۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەينى يىللاردا سىتالىننىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدە ۋە روزۋېلىتنىڭ دىپلوماتىك سۆھبەت ئۈستىلىدە بىر تال گۆھەر بۇلۇپ قالغان ئىدى.
"1939 - يىلىدىن 1941 - يىلىغىچە شىنجاڭ جۇڭگونىڭ خەرىتىسىگە كىرەمدۇ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتارىغا كىرەمدۇ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى"، "ۋاشىنگىتون چۇڭچىڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ 1943 - يىلى 4 - ئايدا ئىرمۇندى كىلوبىينى ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى قىلىپ تەيىنلىدى"، " 1943 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جىياڭ جېشى روزۋېىلىتقا تېلېگرامما يوللىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن روزېلىت جىياڭجېشىغا ئىككى قېتىم تېلېگرامما يوللاپ شىنجاڭدىكى توقۇنۇشنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى"، " جياڭ جېشى ئالدىراپ - تېنەپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا كىرىشتى، مۇنداق قىلمىغاندا مانجۇرىيە ۋە شىنجاڭدىن ئايرىلىپ قالاتتى"، "روزۋېلىت جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى بىلەن،سوۋېت - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يانمۇ - يان ھالدا، باشتىن - ئاخىر دوستانە، مۇقىم تەرەققى قىلىشىنى ئارزو قىلاتتى، روزۋېلىتنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ئىدىيىسى تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئۈستىگە قۇرۇلغانىدى. جۇڭگو - سوۋېت توقۇنۇشى بۇنداق پىكىرنى بۇزۇۋېتەتتى. شۇنداقلا ئۈرۈشتىن كېيىنكى دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلاتتى. شۇڭلاشقا پىرېزىدېنت روزۋېلىت 1944 - يىلى مۇئاۋىن پرېزىدېنت ۋاللىسنىنى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن قوشۇپ موسكۋاغا ئەۋەتتى. ۋاللىس موسكۋانى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتاجۇڭگونى زىيارەت قىلدى. "ۋاللىس موسكۋادا سىتالىن بىلەن نېمە توغرىدا سۆھبەتلەشتى ؟! مېنىڭچە تارىخنىڭ بۇ سىرى تېخى يىشىلمىدى!" بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو - سوۋېت يېقىنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلىنىشى ئىدى" بۇ سۆزلەر ئامېرىكىلىق يازغۇچى جۇن گارۋىر ئەپەندى يازغان " ئىتتىپاقداشلار ۋە رەقىبلەر" ماۋزۇلۇق كىتابتىن ئېلىندى.
ھۆرمەتلىك يازغۇچى فىلىپ بوۋرىڭ ئەپەندى، سىزنىڭ تىلىڭىزدىكى شىنجاڭ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەسىلىسى شۇ چاغدا تىنچ ئوكيان دىپلوماتىيىسى ئۈچۈن كېرەك بولغاندا، ياۋرۇپادا ۋە ئاسىيادا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا كېرەك بولغاندا، بۈگۈن سىزنىڭ قەلىمىڭىزدە" پۇتقا پاتقان تاش " بۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر مەسىلىسى، ھۆرمەتلىك فىلىپ بوۋرىڭ ئەپەندى، شۇ چاغدا يەنى "جۇڭگو سوۋېت شەرتنامىسى" ئىمزالانغان چاغدا، خىتاي بىلەن سىتالىننىڭ ئۈستىلىدە بىر پارچە گۆھەر بولۇپ قالغانىدى.