"ۋەنۋىي "تور بېتى 2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېلان قىلغان "ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ: ئەگەر جۇڭگو ئاۋىئاماتكىنى چۆكتۈرۈۋېتىدىغان بولسا، ئامېرىكا جۇڭگو قۇرۇقلۇقىنى بومباردىمان قىلىدۇ"دېدى ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە: "... ئەگەر ئىش دوكلاتتا ئېيتىلغاندەك بولسا، ھەر بىر ئاۋىئاماتكا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ۋە پۈتكۈل ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقتىن، ئاۋىئاماتكا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ھامان ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى تىزگىنلەش مۇمكىن بولماي قالىدۇ، شۇ ۋاقىتقا يەتكەندە ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى كىم ھۆددىگە ئالالايدۇ" دېدى، دەپ كۆرسىتىلدى.
"بوشۈن" تور بېتى 2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېلان قىلغان "ئازادلىق ئارمىيە قاتتىق سۆز قويۇۋەتتى، جەنۇبىي دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىمىز" دېدى. سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە: "دېڭىز ئارمىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى گېنېرال مايور جاڭ شۇسەن، ئەتراپتىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدا ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلايلى!" دەپ تەشەببۇس قىلدى دېيىلدى.
"بوشۈن" تور بېتى 2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېلان قىلغان "ئامېرىكا، جۇڭگو دۆلەتلىرىنىڭ بىر - بىرىنى ئىستراتېگىيىلىك سىناق قىلىشى، ئامېرىكا، جۇڭگو دۆلەتلىرىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە: "جۇڭگو،ئامېرىكا مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتتى، يۈزەكى قارىغاندا ۋەقەنىڭ قوزغىلىشىغا تيەنئەن بەلگىلىك پاراخوت ۋەقەسى سەۋەب بولغاندەك كۆرىنىدۇ... چۇڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىكى، ئامېرىكا، جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيىلىك زىددىيەتلىرىنىڭ ھاسىلاتىدۇر ....
بۇ قېتىمقى ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىكى، ئامېرىكىدا جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئاشكارا كۆرسەتتى... ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچلۇق بىر - بىرىنى سىنىشىش، قارشى تەرەپنى سىناپ بېقىش مەزگىلىگە كىردى. ئاخىرقى نەتىجە، ئامېرىكىنىڭ، جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە كەلگۈسى دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنى بەلگىلەيدۇ"دەپ كۆرسىتىلدى.
يۇقىرىدا خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ، "ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى"نىڭ، خىتاي گېنېراللىرىنىڭ ئامېرىكا توغرىسىدا ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى 7 - ئىسكادىرونىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرى، ياپون دېڭىزى، سېرىق دېڭىز، ئېنىقراقى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئوچۇق دېڭىزدا پەيدا بولۇپ ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ۋە ئۇرۇش پوپوزىسى بىلەن رەددىيە بەرگەن سۆز - ئىبارىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق.
پەقىر ئوبزورچى ۋە يەنە باشقا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو سىياسىتى ئۆزگىرىش دەۋرىگە كىردى دەپ قارىغۇچىلار، ھەقىقەت بىلەن سۆزلىگەندە ئامېرىكا جۇڭگو سىياسىتىنى، بولۇپمۇ 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە ئېچىلغان "يالتا" يىغىنىدا بەلگىلەنگەن "بىر جۇڭگو " سىياسىتىنى، يەنى "سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش - يالتا كېلىشىمىنىڭ مەقسىتى" بولغان بىر جۇڭگو سىياسىتىنى؛ "ئەمەلىيەتتە جۇڭگونى بۇ دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ھېچقانداق سىياسى ئاساسلىرى يوق ئىدى"، دېيىلگەندەك، يوق يەردىن بەلگىلەنگەن بىر جۇڭگو سىياسىتىنى؛ (ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى مەغلۇبىيىتى " خىتايچە نەشرى ئاپتورى تۈس تاڭ)، 1979 - يىلى1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلىنغان " جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئاخباراتى"دا كۆرسىتىلگەن "بىر جۇڭگو" سىياسىتىنى("ئەسىرلىك دېلولار" خىتايچە نەشرى 1996 - يىل، 453 - بەت) ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلدى دەپ قارامدىغاندۇ؟ چۈنكى، مانجۇلارمۇ، ئىچكى موڭغۇللارمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ، تىبەتلەرمۇ، يەرلىك تەيۋەنلىكلەرمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىگە مۇستەقىل سىياسەت بەلگىلىشىگە تەقەززا بولۇۋاتىدۇ.