ئۇيغۇر نامايىشچىلار سىياسى جەھەتتە، قانۇنلۇق بۇلۇش جەھەتتە، ئىنسانىي ئەخلاق جەھەتتە، تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلىش جەھەتتە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ھاكىمىيىتىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇتىھەملىكى،گۇناھسىز، تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى باستۇرۇشى چەكسىز مىللىي ئۆچمەنلىكنى، لېكىن ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان، ئېتىراپ قىلىنمىغان، يۇشۇرۇنغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئاشكارىلىدى.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسى تەلەپلىرى خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىدددىيەتكە ئايلانغاندا، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى ئىسمى - جىسمىغا لايىق خىتاي مىللىتىنىڭ ھۆكۈمىتى بۇلۇپ قالدى. مەسىلەن، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى لى جېى يوقالسۇن پۇستانى دەپ شۇئار توۋلاپ، كالتەك - توقماق بىلەن قوراللانغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى باشلاپ كوچىغا چىققاندا، چەتئەل دۆلەتلىرى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستانغا مىللىي ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئەسلىدىغۇ قانۇنسىز ئىدى، بۇ قېتىم تېخىمۇ قانۇنسىز بۇلۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى زوراۋانلىق بىلەن جاراھەتلەندۈرگەن ۋاڭ لېچۈەن - زوراۋانلىق بىلەن نامايىشچى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋاڭ لېچۈەەن، ئەپسۇس يەرلىك پۇقرا ئەمەس، خەلق سايلام ئارقىلىق سايلاپ بەرگەن رەھبەرمۇ ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن خىتاي ئىدى. ۋەقەنىڭ دەسلىپىدىن كېيىنكى باسقۇچىغا كەلگەندە ھېس قىلىپ يەتتۇقكى، گۇاڭدۇڭ شياۋگۈەن ۋەقەسىنى پىلانلاشمۇ،" ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى"نى پىلانلاشمۇ ۋاڭ لېچۈەەننىڭ، گۇاڭدۈڭلۇق ۋاڭ ياڭنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى ھەم بۇ كىشىلەر بۇنداق تەۋەككۈلچىلىككە جۈرئەتمۇ قىلالمايتتى. بۇ كىشىلەر پەقەت تۈزۈلگەن قىرغىنچىلىق پىلانىنى ئىجرا قىلغۇچى كىشىلەر ئىدى خالاس.
كىم، پىلانلىغان ئىدى؟ جۇڭنەنخەيمۇ؟ بەزىلەر مەركىزى كومىتېتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر شاۋگۈۋان ۋەقەسىنى، "ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى" نى پىلانلاشنىڭ ئىچكى ئامىلىدۇر، دېيىشتى. يەنە بەزىلەر 60 يىللىق دۆلەت بايرىمىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ ئېلىش ئۈچۈنلا، شياۋگۈەن ۋەقەسىنى، "ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى" نى جۈننەنخەي پىلانلىدى، دېيىشتى.
سەۋەب بىلەن نەتىجىنى بىر يەرگە قويغاندا، شياۋگۈەن ۋەقەسىنى، "ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى"نى پىلانلاشقا ئاساس بولغان سەۋەب ئۇنداق ئاددى بولمىسا كېرەك. مىللىي رايونلاردا ۋە قە چىقىرىشتىن ئىبارەت شۇنچىۋالا خەتەرگە جۇڭنەنخەي بۇ دەرىجىدە تەۋەككۇل قىلالمىسا كېرەك. ئاساس بولغان سەۋەبلەر ھەم خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشتىن ھەم خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئامىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
" بە ش موچەنلىك پارتىيە "باشقۇرۇشىدىكى خىتاي تور بەتلىرى ۋە خىتاي قەلەمكەشلىرى، "غەرب دۇنياسى ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە، قىرغىنچىلىققا ئىنكاس بىلدۈرگەندە ئانچە ئاكتىپ بولمىدى " دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابى قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەكچى بولۇشتى. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى پەيدا قىلماقچى بولدى. بۇنداق قىلىش خىتاينىڭ ئەنئەنىسىگە كۆرە قارشى تەرەپنىڭ روھىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان تەشۋىقات ھىلە - نەيرىڭىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
ئويغانغان، ئاڭلىق دەۋىردە ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلىككە گېرىپتار قىلىش خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ! ئۆلۈمدىن قورقمىغان مىللەتنى ئۆلۈم تەھدىتى ياكى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق قورقۇتۇش خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ!
سىياسى ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى بىر مىنۇت توختاپ قالمايدۇ! ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئويغاندى، خىتاينىڭ ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، خىتاي مىللىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زادى قانداق ھۆكۈمرانلىق ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىدى.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا قانداق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم ئىنتايىن يىرىك، ئىنتايىن كەسكىن رەۋىشتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالدىغا قويدى.
