پەقىر ئوبزورچى ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ شەھەرلىشەمدۇ ياكى كۆچمەن خىتايلارلا شەھەرلىشەمدۇ دەپ سوئال قويىمەن. ئاڭلىشىمچە ئادەتتىكى ئىدارە جەمئىيەت ياكى ئەۋرەز تازىلايدىغان ئىشلارغىمۇ ئىشچى قۇبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغاندا "خىتاي تىلىنى پۇختا بىلىش" شەرت قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇرنىڭ بالا - چاقىلىرىغۇ پەقەتلا خىتاي تىلى ئۆگىتىدىغان "قوش تىللىق" يەسلىلەرگە، سۇنۋۇكۇڭلار ئاچقان مەكتەپلەرگە، جۇباجېيەلەر باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپلەرگە، 19ئۆلكە، ساخىېشاڭلار "ياردەم" قىلىۋاتقان مەكتەپلەرگە، قىزىلباشلىق تۈگۈنەكلەر ھىيلە - مېكېر ئۆگۈتۈۋاتقان مەكتەپلەرگە، بۇدساتۋا بولسا يەلپۈگۈچنى يەلپۈتۈپ ئالداۋاتقان مەكتەپلەرگە "ئوقۇش"قا كىرىپ بولدى. تېخى يوقالماي تىركىشىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي تىلىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار شەھەرلەشكەندە خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەكمۇ، يوق؟
ئاۋالقى كاپىتالىزم دەۋرىدە 19 - ئەسىرلەردە ياۋروپادا سانائەت نوختىلىرى شەھەرلەردە قۇرۇلۇپ، يەرسىز، ئىشسىز قالغان دېھقانلار يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرىپ كاپىتالىستلارغا ياللىنىپ زاۋۇتلارغا ئىشچى بولاتتى.
سوتسىيالىزم بىلەن كاپىتالىزم ئارىلىشىپ كەتكەن، ئىدېئولوگىيىسى سوتسىيالىزم، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى كاپىتالىزم، باشقۇرۇش ئۇسۇلى فېئودالىزم، قانۇن - ئەدلىيىسى مۇستەبىتىزىم - بارلىق ئىزىملار ئارىلىشىپ كەتكەن جۇڭگوچە شالغۇت سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، قوشۇمچە دۆلەتچىلىكنى قوشقاندا گىتلېرنىڭ قۇرغىنىغا ئوخشاش قۇرۇپ چىققان جۇڭگوچە دۆلەت سوتسىيالىزمى تۈزۈمىدە، ئۇيغۇر، بۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسى، قانۇنى ئورنى بولىشى مۇمكىنمۇ؟ جاۋاب: مۇمكىن ئەمەس، ئىكەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى زادى قايسى ئۇسۇلدا شەھەرلەشتۈرۈش مۇمكىن؟
ئەمدىلىكتە دېھقانلارنى شەھەرلەشتۈرۈش يېڭى چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ھەممە نەرسە دۆلەت پىلانى ئىچىدە باشقۇرۇلىدۇ. سۇغۇرۇش، قانداق سورتلۇق مەھسۇلات تېرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، قانداق باھا قويۇپ سېتىش، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دېھقانلارنىڭ قولى ئارقىلىق بازارغا كىرەمدۇ ياكى خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سېتىپ ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئارقىلىق بازارغا كىرەمدۇ؟ ئۇيغۇر دېھقانمۇ، ئۇ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتمۇ ئوخشاشلا ۋاقىتتا بازارغا كىرەلەيدىغان بولسا، ئۇيغۇر دېھقانلىرى باھادا كەمسىتىشكە ئۇچرىماي تاۋارنى تاۋارغا ئايرىۋاشلاش جەريانىدا تەڭ ھوقۇقلۇق ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولسا، دېھقان ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۇيغۇر دېھقان ئادەمنىڭ قەدىر - قىممىتى ئوخشاش بولىدىغان بولسا، ئۇيغۇر دېھقانلىرى شەھەرلىشىشنىڭ ئوبيېكتىپ شارائىتىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا تەدرىجى تەييارلىيالىغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى، پۇرچاق تېرى دېسە تېرىيدۇ، قوغۇن دېسە تېرىيدۇ، ئاشلىق دېسە تېرىيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نېمىسى بار بۇ دېھقاننىڭ؟ ئۇيغۇر دېھقانلىرى قۇلغا ئايلىنىپ بولدىمۇ ياكى ياللانما دېھقانلارغا ئايلاندىمۇ؟ بۇ دېھقانلار قايسى شەكىلدە شەھەرگە كىرىدۇ، قايسى شەكىلدە شەھەرلىشىدۇ؟
"تېرىلغۇ يەرلەر تاۋارلىشىدۇ..." يەرلەرنى كىم سېتىپ ئالىدۇ، كىم سېتىپ بېرىدۇ. "تېرىلغۇ يەرلەر بازارلىشىدۇ..." يەر بازارغا كىرىدۇ. ئالدى - ساتتى بولىدۇ. يەرلەرنى سېتىپ ئالغۇچى تەرەپ، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت! سېتىپ بەرگۈچى تەرەپ، مۇستەملىكە مىللەت ئۇيغۇرلار! دىققەت، تېخى بۇ يەرنىڭ ئىگىسى كىم؟ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى، يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، قىسقىسى مۈلۈكچىلىك ھوقۇقىنىڭ سوبېكىتى زادى كىم؟ "يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلەملىشىشكە يۈزلىنىشى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكىدۇر ..." بۇ نېمە دېگەنلىك، تېرىلغۇ يەرلەرنى جاي - جايلاردا بىر كىشىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش، يەنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىش ياكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۆددىگە بېرىش؛ ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتايلارغا دېدەك، قۇل، ئىجارىكەش، ياللانما دېھقان بولۇپ ئىشلەش؛ ئوھوي! كونا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تەجرىبىسى، - قورۇق قۇرۇش، خىتاي كۆچمەن كاپىتالىستلارنى بەرپا قىلىش دېگەنلىك بولماي نېمە؟ دېھقانلارنى شەھەرلەشتۈرۈش چاقىرىقى بۇرۇنقىدەك مەقسەتنى يوشۇرغان ئالدامچىلىق ئەمەس، ئەمدى بۈگۈن ئاشكارە ئالدامچىلىق بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
"تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تەدرىجى تاۋارلىشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ياكى پايدىلىنىش ھوقۇقىنىڭ بازارلىشىشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلەملىشىشىنى بازار ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ ..." دەيدۇ، خەۋەر يازغۇچى. بۇ دېگەنلىك، تېرىلغۇ يەرلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلىشىدۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي خوجايىنلىرىغا قۇل بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر.