ئۇيغۇرلار قايسى 'دۆلەت'نى ۋە قايسى 'مىللەتلەر'نى تەن ئالدى؟
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.08.24
2010.08.24
ئاپتور لى شاۋشىيا ماقالىنى مۇنداق باشلايدۇ: "ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇرلار مىللەتنى تەن ئېلىشنى، ئىسلام دىنىنى تەن ئېلىشنى، دۆلەت (جۇڭگو) نى تەن ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتنى تەن ئېلىش ئېڭى تېز لىك بىلەن ئۆرلىدى ..." دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئاپتور يەنە، "دۆلەتنى تەن ئېلىش، بۇ دۆلەتتىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا، بۇ دۆلەتكە تەۋەلىك، ساداقەتمەنلىك قىلىش تۇيغۇسىدا ئىپادىلىنىدۇ ... ئېلىمىزدە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تارىخىنى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى ئېتىراپ قىلىش ... بۇ مىللەتنىڭ جۇڭخۋا مىللەتلىرىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۆزىنىڭ جۇڭخۋا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش دۆلەتنى تەن ئالغانلىق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ ..." دەيدۇ.
ئاپتور مىسال كەلتۈرۈپ: "گۇ جىڭلىننىڭ تەكشۈرۈشىدە زىيارەت قىلىنغان 90.1% ئۇيغۇر ئاممىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك، جۇڭگو ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق قۇرۇپ چىققان كۆپ مىللەتلىك، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت" دەپ تونۇدى ... 89.9%تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاممىسى "شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى" دەپ تونۇدى دەيدۇ. گۇ جىڭلىن ئەپەندى تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغانمىدۇ ياكى جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغانمىدۇ؟ بەرىبىر، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئۆلكىدە قۇرۇلغان خىتاي تۈرمىلىرىدىن نېمە پەرقى بار؟ زورلۇق بىلەن زىيارەت قىلىپ، زورلۇق بىلەن پىكىر ئېلىشنىڭ، قوراللىق زوراۋانلىق بىلەن قەلەم زوراۋانلىقىدىن نېمە پەرقى بار؟
كۇچار ناھىيىسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا 94.6% ئۇيغۇر ئاممىسى يۇقىرىقى پەلىپەتىش راي سىناشقا قوشۇلغان ئىمىش. ئاپتور مىسال كەلتۈرۈپ: "20 - ئەسىرنىڭ 20 - ، 30 - يىللىرىدا دۆلەت مۇنقەرز ھالەتكە كەلگەندە ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ يازغان "جۇڭگو" دېگەن شېئىر ئارقىلىق ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن ... جۇڭگو، جۇڭگو ئانا ۋەتىنىم سەندۇر" دېگەن، جۇڭگو دېگەن دۆلەتنى تەن ئالغان دەيدۇ. لېكىن ئاپتور، شۇ شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، جۇڭگوغا قارشى تەشكىلات قۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى، باسمىچى ساقچىلىرى تەرىپىدىن 1945 - يىلى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن دېمەيدۇ. بۇ شېئىرنى لۇتپۇللا مۇتەللىپ يازغانمۇ ياكى باشقىلارغا يازدۇرۇپ مەرھۇم شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىغا قوشۇپ قويغانمۇ؟ ئاپتور نېمىشقا بۇ توغرىدا بىر نېمە دېمەيدۇ.
يېقىندىن بېرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا "جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى"نى تەن ئېلىش، "شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى" دېگەن سەپسەتىنى تەن ئېلىش سىياسى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تارىختىن ساختا پاكىت كەلتۈرۈپ، ئەخلەت شائىرلار يازغان ئەخلەت شېئىرلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىغا خىتايچە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى سىڭدۈرمەكچى بولدى. مەسىلەن، 2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى "تەڭرىتاغ " تور بىتىدە "يېڭى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ياڭراق مېلودىيىسى - تاڭ ناخشىلىرى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالىنىڭ رايىغا باققاندا "جۇڭگو! جۇڭگو! سۆيۈملۈك ۋەتەن !" دەپ يازغان مىش قايسىبىر شائىر؛ "بەختىمنىڭ بۇلىقى ھەي ئۇلۇغ بېيجىڭ، سەن ئۇلۇغ شەھەر ئېلىمىزنىڭ كۆزى" دەپ يازغانمىش يەنە بىر شائىر. بۇ ئۇلارنىڭ "دۆلەت"نى تەن ئېلىش جەھەتتە ھەقىقىي ھېسسىياتى ئىمىش.
"جۇڭخۋا مىللەتلىرى" دېگەن ئىسىمغا كەلسەك، خىتاي تىلىدىن باشقا تىلدا بۇنداق ئىسىم ۋە بۇنداق ئاتالغۇمۇ يوق، ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ "جۇڭخۋا مىللەتلىرى" دەيدىغان مىللەتمۇ يوق. ئۇيغۇرلار نېمىنى تەن ئالغان بولىدۇ. تەن ئېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، جانابى لى شاۋشىيا ئەپەندى، 60 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم نامايىش ھەتتا قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىپ، تەن ئېلىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، خىتاينىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلدى.
ئاپتور ئەپەندى سىز بۇ ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرىسىز ؟
ھېسسىيات ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا رەت قىلىش، قوبۇل قىلىش، مۇھەببەت، نەپرەت، تەستىقلاش، ئىنكار قىلىش، سۆيۈنۈش ۋە ئۆچمەنلىك، قىساس ئېلىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئاڭ شەكىللىرىدە ئۆزىنى ئىپادىلەپ ھەرىكەتكە ئۆتكەندە، شۇ ئادەمنىڭ بىلىش ئىقتىدارىدىن ھېچبىر زامان ئايرىلىپ كەتمەيدۇ.
دۆلەت خىتاينىڭ دۆلىتى، پارتىيە خىتاينىڭ پارتىيىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار "جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى" دېگەن دۆلەتنى نېمىشقا ھېسسىيات جەھەتتە تەن ئالىدىكەن؟ ھېسسىيات زوراۋانلىققا، ئەخلاقتىن تاشقىرى، قانۇندىن تاشقىرى زوراۋانلىققا دۇچ كەلگەندە بەلكى ھېسسىيات ئىپادىلەش خاراكتېرىنى ۋاقىتلىق بۇرمىلاشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقىي ھېسسىيات ھەقىقىي ئىپادىلىنىش شارائىتىغا ئېرىشكەندە، لى شاۋ شىيا ئەپەندى، ھەممىمىز بىرلىكتە ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق دۆلەت ئۇقۇمىنى تەن ئېلىشى توغرىسىدا رايىنى سىناپ بېقىشقا كېلىشسەك بولامدۇ؟