ئەمما، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ياشلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بەكمۇ ناچارلىقى، گەپ قىلغۇدەك ئەھۋالىنىڭ يوقلۇقى، بەدەنلىرىنىڭ كۆپكۈك بۇلۇپ كەتكەنلىكى، بەدەنلىرىنى يارىلار بېسىپ كەتكەنلىكى، قىينىغاندا توقماق، توك كالتىكى بىلەن ئۇرۇپ، تاياق تەككەن يەرگە سۇ چېچىۋېتىپ، تاياق زەربىسى ۋە سىرتقى جاراھەتنىڭ ئەجەللىك زەربىسى بەدەننىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىپ ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ئايان بولدى.
تور بىتىگە چاپلانغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە : تۈرمىدىن چىققانلار شۇنداق سۆزلەپ بەرگەن. تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ياشلارنىڭ ئىچىدە 2-3 كۈنگە قالماي ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ بار ئىكەن. سىرتقا چىققاندىن كېيىن دوختۇرغا بېرىپ ئۆزىنى كۆرسەتمەسلىك شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن بۇ ياشلاردىن تۈرمىدە كۆرگەن قىيناش ۋە بەدىنىدىكى تاياق ئىزلىرىنى بىر كىشىگە كۆرسەتمەسلىك توغرىسىدا تىل خەت ئېلىپ، ۋەدەنامە يازدۇرۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەن. 3 كۈندە بىر قېتىم ساقچىخانىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇشنى بۇيرىغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بېر نەپەر ساقچى تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئارىلاشمىغان، ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن ساق - سالامەت چىقىشىغا ئىشەنچىم يوق، دېگەن.
ئەقەللى شەرتلەر
1 - خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇ خەۋەرنى يالغان دەيدىغان بولسا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا قىزىل كرىسىت جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىگە قوشۇلۇشى، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىلتىماس قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىشى شەرت.
2 - خىتاي ئۈچۈن ئاسانلا بېر يول - تور بىتى ئالاقىلىرىنى، تېلېفون ئالاقە يوللىرىنى، ئۇچۇر - ۋاستە ئالاقە يوللىرىنى ئېچىۋېتىپ ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ "بىلىش ھوقۇقى"نى ئىشقا سېلىشقا يول قويۇشى كېرەك. ۋەتەن ئىچى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا نىزامنامىلاردا بەلگىلەنگەن "بىلىش ھوقۇقى" نى ئىشقا سېلىشىغا يول قويۇشى كىرەك دېيىشتى ئۇيغۇرلار.
3 - چەتئەل - دېموكراتىك ئەللەردە يۇقىرىقى خەۋەرلەرگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر بولسا، ئۆز ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامىنتلىرىغا يېقىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە يېتىم قالغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، "5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى"نى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېيىشتى ئۇيغۇرلار.
يۇقىرىقى خەۋەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە پىقىر ئوبزورچىنىڭ دەلىللىشى شۇكى،سۇ،تاماق بەرمەي ئاچ قويۇپ قىيناش ۋە ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۇش خىتاينىڭ تۈرمە باشقۇرۈش ئەنئەنىسىدۇر. مەن ئۆزۈم تۈرمىدە ئاچ قويۇپ قىيناشقا ئۇچرىغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا تاياق زەربىسى ۋە سىرتقى جاراھەتنىڭ ئەجەللىك زەربىسىنى سۇ چېچىپ تاياق يېگۈچىنىڭ ئىچىگە ئۇرۇۋېتىش ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش - خىتاي ساقچىلىرى بۇ ۋاستىنى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ئىشلەتكەن، بۇ كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ، ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا يۇقرىدىكى خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ.
يېقىندىن بېرى يۇتۇپ تور بىتىنىڭ ۋە خىتاينىڭ تېلېۋىزىيىلىرىدە كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا: 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئىككى نەپەر ئۇيغۈر يىگىت قولىغا قىڭراق ئېلىپ ساقچىلارغا قاراپ ئېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلارنىڭ بۇرادەرلىرى خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئارقىدىن ئوق تەگدى، بىر يىگىت يىقىلدى، لېكىن ئورنىدىن دەست تۇردى. ئۇيغۇر يىگىت! يەنە ئوق تەگدى، ئەمدى ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئىككىنچىسىگە ھەم بىر پاي ئوق تەگدى، يىقىلدى، لېكىن ئوخشاشلا ئورنىدىن دەست تۇردى، ئۇيغۇر يىگىت ! يەنە بىر پاي ئوق تەگدى... ئەمدى ئورنىدىن تۇرالمىدى!
قەھرىمانلىق داستانلىرىنى كىملەر يازغان بولغىيدى؟ ئۇيغۈر يىگىتلىرى قەھرىمانلىق داستانلىرىنى كوچىدا يېزىۋاتىدۇ، كوچىدا!!!