خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتى نېمە دەيدۇ ؟
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2009.08.28
2009.08.28
ماقالە "يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسىتراتېگىيىلىك نۇقتىلاردا ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ" دەپ باشلاندى. 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇنقى ياۋروپادا، 20 - ئەسىرنىڭ 60 -، 80 - يىللىرى ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمىدى. نۆۋەتتە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا، خىتاي يەر شارى ئىسىتراتېگىيىسىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغاندا، جۇڭگو تارىخى قانۇنىيەتلەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە جۇڭگونى ھىلال ئاي شەكىللىك قورشاش تاماملاندى. شەرق تەرەپتىن ئامېرىكا،ياپۇنىيە، كورىيە ئىتتىپاقداش بولدى.
ئامېرىكا 1 -، 2 - ھالقىلارنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە، جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدا بىر قانچە دۆلەتلەر سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى، كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ياساشنى تەرەققى قىلدۇرماقتا، ئامېرىكا پەردىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ بۇ دۆلەتلەرگە قوماندانلىق قىلماقتا.
ماقالىدە يەنە: جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭ 3 يۈرۈش ھەربىي بازىسى بار، گۇئامدا، سىنگاپوردا دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي بازىسى بار، جەنۇبىي دېڭىزدا 3 بۇرجەكلىك بىرلەشمە قورشاش ۋەزىيىتىنى ياراتتى، دېيىلدى.
جۇڭگونىڭ ئارمىيىسى، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئىچىدە ئەڭ لاياقەتسىز ئارمىيىدۇر دەپ كۆرسىتىلدى ماقالىدە.
ماقالىدە يەنە: قۇرۇقلۇقتا ئامېرىكا، پاكىستان،ئافغانىستاندىن باشلاپ ھەربىي يۈرۈش قىلىپ بىۋاستە ئۇرۇش قىلالايدۇ. ھىندى ئوكياندىكى ھەربىي بازىغا ۋە ھىندىستاننىڭ قوللىشىغا ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا 18 ئورۇندا قۇرۇلغان ھەربىي بازىغا تايىنىپ، ئامېرىكا قولىنى تاشقى موڭغۈلىيىگە ئۇزارتتى. ئوخشاشلا ۋاقىتتا شىنجاڭ ۋە تىبەتكە بىۋاستە تەھدىت پەيدا قىلدى دەپ كۆرسىتىلدى. ئۇرۇش جۇڭگودىن ئۇزاقتا دېگەن مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇرۇش ھەر خىل مەيداندا بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى قۇرۇغداپ قويۇش، تاشقى پېرىۋوتقا باغلاپ قويۇش، مەدەنىيەتتە چۈشكۈنلەشتۈرۈشمۇ ئۇرۇش كاتېگورىيىسى ئىچىدىكى "يۇمشاق ئۇرۇش"قا مەنسۈپتۇر.
2008 - يىلىدىن باشلاپ تىبەتتە، مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاندا ئارقا - ئارقىدىن زور كۆلەمدە سىياسىي قوزغىلاڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ماقالىدە يەنە: ئارقىدا تۇرۇپ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى قوللىدى ۋە كۈشكۈرتتى، كەلگۈسى جۇڭگونىڭ خاتىرجەملىكى تەسكە توختايدۇ، دېيىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا، تىنچ ئوكيان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھنىدى ئوكياندىكى ھەربىي بازىلىرى، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كۈچىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ شەرقى، جەنۇبى دېڭىز بويلىرى، تىبەت ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىرى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يېرىم سائەت ئىچىدە زەربە بېرىش دائىرىسىگە كىرىپ قالدى دېيىلدى ماقالىدە.
جۇڭگو تىنچلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ دېيىلدى ماقالىدە. سوراپ باقايلىكى، جۇڭگوغا كېرىكى زادى قانداق تىنچلىق؟ ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى خىتاينىڭ ئارمىيىسى، ساقچىلىرى قىرغىن قىلغاندا، باشقا دۆلەتلەر قاراپ تۇرىدىغان تىنچلىقمۇ؟ يېڭى جۇڭگونىڭ تارىخى تەجرىبىلىرى بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويدىكى، ئۇرۇشتىن قورقمىغاندىلا، تىنچلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ھەر كۈنى تىنچلىق، تىنچلىق دەپ يۈرسەڭ بۇنداق گەپ بىر كۈنى سىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىدۇ، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق قارىمۇ - قارشىلىقنىڭ بېرلىكىدۇر، دېيىلدى ماقالىدە.
دېمەك، خىتاي تىنچلىق ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشى كېرەك ئىكەندە؛ دېمەك، خىتاي مەملىكىتىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلغان تىبەتلەرنى، تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى كېرەك ئىكەندە!؟ قىرغىن قىلىشنىڭ كۆچمە مەنىسى خىتاينىڭ نەزىرىدە "تىنچلىق" بولىدىكەندە !؟