شايار ناھىيىسى قايسى كۈنگە دۇچار بولدى؟

تەبىئەتنىڭ ئۆزىدە يەنە تەبىئەتتەك تەبىئىي ياشاپ كەلگەن شايار خەلقى نېمە كۈنلەرگە دۇچار بولدى؟ "تەڭرىتاغ" تور بىتىدە 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "شايار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توقۇمىچىلىق چوڭ ناھىيىسىگە ئايلاندى" ماۋزۇلۇق خەۋەردە: "داڭلىق توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ شايار ناھىيىسىگە ئارقا - ئارقىدىن ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، شايارنىڭ سانائەت ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىردىن - بىر پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا كۈچلۈك ناھىيىدىن توقۇمىچىلىق سانائىتىدىمۇ چوڭ ناھىيىگە ئايلاندى" دېيىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا ئۈرۈمچىدىكى بۇلاقتاغ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنى مۇسابايلار ئائىلىسىدىن تارتىپ ئالغاندىن باشلاپ، خوتەن لاسكويدا يىپەك توقۇمىچىلىق، ئاقسۇدا يۇڭ توقۇمىچىلىق، غۇلجا شەھىرىدە يۇڭ توقۇمىچىلىق، قەشقەردە پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قۇرغان ئىدى. بۇ فابرىكىلاردا ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئىشچى بولۇپ ئىشلەيتتى. خام ئەشيا ئورنىدا يۇڭ - پاختا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدا ئىشلەپچىقىرىلاتتى. خىتاي كۆچمەنلىرى شۇ دەرىجىدە سانائەتلىشەتتى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى شۇ دەرىجىدە دېھقان بولۇپ قېلىۋىرەتتى.

ئەمدى قارايمىزكى، يىلىغا 1 مىليون 600 مىڭ دەن پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان "شايار ناھىيىسى" بايلىق ئەۋزەللىكىنى، ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن "شايار ناھىيىسى ئىچكىرى خىتايدىن شىركەت چاقىرىپتۇ." جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ' خۇڭلى توقۇمىچىلىق شىركىتى' 60 مىڭ ئۇرچۇق، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 'فۇخۇڭ توقۇمىچىلىق شىركىتى ' 30 مىڭ ئۇرچۇق سىپتە توقۇش لىنىيىلىرىنى پويىزغا قاچىلاپ، شايار ناھىيىسىگە يۈرۈش قىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا "خوڭكۇڭ بەيلۇڭ گۇرۇھى"، خېنەن "خەيياڭ گۇرۇھى" دەيدىغان گۇرۇھلار 100 مىڭ ئۇرچۇقلۇق رەڭلىك توقۇش زاۋۇتىنى ئىشقا سېلىشقا ۋە پاختا بوتقىسى ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

خاڭجۇ، شاڭخەي شەھەرلىرى خىتاينىڭ يېنىك سانائىتى جۈملىدىن توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرى جايلاشقان شەھەرلەر، ئۇرچۇق ۋە زاۋۇتلارنى بۇ شەھەرلەردىن يۆتكەپ كەلگەندە، شاللىۋېتىلگەن ئۇرچۇق، زاۋۇتلارنى يۆتكەپ كېلىپ شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە سېتىپ بەردىمۇ ياكى "خۇڭلى"، "فۇخۇڭ" شىركەتلىرى شاياردا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قۇرۇپ، يەرلىككە باج تاپشۇرۇش شەكلىدە سانائەت تورى بەرپا قىلماقچىمۇ؟

ھۆرمەتلىك مۇخبىر ئەپەندىم، مۇخبىر خانىم، سوراپ باقايلىچۇ؟ سىلەر بۇ خەۋەرنى يازغاندا، زاۋۇت قۇرۇلغان يەرگە پاسكىنىچىلىقمۇ بىللە يىتىپ كېلىدۇ. پاختا بوتقىسىنى خىمىيىلىك ياساشقا توغرا كېلىدۇ. رەڭلىك توقۇشقا خىمىيىلىك رەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنداقتا كىچىككىنە شايار ناھىيىسى بۇ پاسكىنچىلىقنى ئېكولوگىيىلىك بىر تەرەپ قىلىشتا نېمىگە تايىنىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئويلاپ كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇرچۇقلارغا ئەگىشىپ يېتىپ كېلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟ كۆچمەن خىتاي بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلىك خىتايلار توختام تۈزۈپ، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا زاۋۇت قۇرىدىغان بولسا، ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنىمۇ ئىچكىرى خىتايدىن يۆتكەپ كېلىشى، ئەرزان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندىن ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىشى كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇرلار ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنىشى كېرەكمۇ؟ بۇ سوئالغا مۇخبىرلارلا ئەمەس، يېڭى سېكرېتار جاڭ چۈنشيەنمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

قارىغاندا، ئويغىنىۋاتقان كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ گۈرجەك بىلەن دېھقانچىلىق قىلىپ، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا باي بولۇشقا كۆزى يەتمىگەن بولسا كېرەك، شۇڭا مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا دېھقان كۆچمەن بولۇپ كۆچۈپ كىرىشتىن باش تارتقان بولسا كېرەك، خىتاينىڭ ئاققۇن ئىشچىلىرى شىنجىن شەھىرىدە ئايلىقى 5 - 6 مىڭ يۈەنگە ئىشلەۋاتقاندا، قايسى خىتاي سېۋەت، ئەپكەش كۆتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن "شىنجاڭ"غا كېلىدۇ؟ كەلسىمۇ ۋاقىتلىق كېلىدۇ، كېتىپ قالىدۇ. ئېھتىمال خىتاينىڭ كۆچمەنلىرىنى شايارغا يەرلەشتۈرۈش زۆرۈرىيىتى، مۇھىت بۇلغايدىغان زاۋۇتلارنى ئىچكىرى خىتايدىن شايارغا يۆتكەپ كېلىش زۆرۈرىيىتى، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننى پارچىلاپ باشقۇرۇش زۆرۈرىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس تەركىبىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتى "شايارنى سانائەتلەشتۈرۈش"كە مەجبۇر قىلغان بولسا كېرەك.