1987 - يىلىدىن باشلاپ دالاي لاما "ئوتتۇرا يول"، ھەقىقىي مەنىدە ئۆزىنى - ئۆزى باشقۇرۇش" تەشەببۇسىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ "ئىجابىي تەشەببۇسى"غا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلماي، "دالاي لاما بۆلگۈنچى"، "دالاي لاما شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى" ۋە ھاكازا، دېدى. دالاي لامانى قارا - قويۇق ئەيىبلىدى. ئەمما دالاي لاما ئۆزىنىڭ سىياسى تەشەببۇسىنى بىر جۈملىمۇ ئۆزگەرتمىدى. ئەكسىچە ئىزچىل تەكرارلاپ كەلدى. گەرچە تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، دالاي لاما تەيۋەننى زىيارەت قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.
بۇ قېتىم دالاي لاما تۇيۇقسىز تەيۋەننى زىيارەت قىلماقچى بولدى ۋە 30 - كۈنى تەيۋەنگە يىتىپ كەلدى. جۇڭگو خىتايلىرى كونا گېپىنى يېڭىدىن تەكرارلاپ " تەيۋەن مۇستەقىللىقى، تىبەت مۇستەقىللىقى بىلەن بىر ئېقىمدا قوشۇلۇپ كەتتى" دېدى.
2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى "ئالما گېزىتى" ماقالە ئېلان قىلىپ، دالاي لامانىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى ئانالىز قىلىپ: تەيۋەننىڭ پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ، دالاي لامانىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، بېيجىڭ ئاغزاكى قارشى تۇردى. خىتاي تور بەتلىرى ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، دەيدۇ "ئالما گېزىتى" ۋاقىت يۆتكىلىشكە، زامان ئۆزگىرىشكە باشلىدى. بېيجىڭ، ما يىڭجۇ تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەرەپدارلىرېنى ئىسكەنجىگە ئالالايدىغان كۇچ، دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقى تەرەپدارلىرىنى ئىسكەنجىگە ئالالايدىغان كۇچ دەپ قارايدۇ. دالاي لامانىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى ئىككى قىرغاقنىڭ مۇناسىۋىتىگە زەربە ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ، كۆرسەتتى.
دالاي لاما خىتاينىڭ "كۆڭلىدىكى" دالاي لاماغا ئايلىنىپ قالغان بولسا، بېيجىڭ ئۈچۈن ئەنسىرەشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئارتۇقچە بولۇپ قالىدىغانلىقى تەبىئىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخى يېقىندىلا تىبەتتە دالاي لامانىڭ سۈرىتىنى تاملارغا ئاشكارا ئېسىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى "ئەنسىرەش"نىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟ دالاي لاما تەيۋەنگە زىيارەتكە كەلگەن مەزگىللەردە تەيۋەن - جۇڭگو ئوتتورىىسىدا ھاۋا قاتناش تەرتىپلىرىدە ئۆزگىرىش بۇلۇپ، ئەسلىدىكى قەرەلسىز قاتناش ئەمدى كۈندە بىر قېتىم قاتناشقا ئۆزگەرتىلدى.
دالاي لامانىڭ تەيۋەن زىيارىتى ئىككى قىرغاقنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىدى دېگەن سۆز. ھەممىڭلارغا مەلۇم. گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پارلامىنتېدا "مۇڭغۇل - تىبەت كومىتېتى"، دەيدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. 8 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرۇپ خىيانەتچىلىكتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمىگەن، دېموكراتىيە - تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن " تىبەتلەر جۇڭگولۇق ئەمەس، تىبەت تېررىتورىيىسى جۇڭگونىڭ زېمىنى ئەمەس" دېيەلىگەن ئىدى.
تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ دالاي لامانى قوبۇل قىلامدۇ - يوق؟ جۇڭگو تەرەپ دالاي لامانىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى ۋە دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ دالاي لامانى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ بايانات ئېلان قىلغاندا، خىتاي دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلمىدى بەلكى جۇڭگو تەيۋەن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ دالاي لامانىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى تەنقىدلىگەن بولدى. باياناتچىنىڭ دەرىجىسى باياناتنىڭ سالمىقىنى بەلگىلەمدۇ؟ ئۇنداقتا جۇڭگو ھۆكۈمىتى
دالاي لامانىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى تەنقىدلەشنى تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويدىمۇ... ؟ نېمىشقا ؟ ياكى جۇڭگو، تەيۋەن، تىبەت 3 دۆلەت ئوتتۇرىسىدا "ئىللىقلىق" مۆتىدىل سىياسى كەيپىيات پەيدا بولدىمۇ؟!