ئىستراتېگىيىلىك مۇجىمەل تەيۋەن سىياسىتى ئاخىرقى چەككە يەتتىمۇ؟

2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جۆسف باسكو، "لوس ئانجېلىس ۋاقىت گېزىتى"دە "ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇجىمەل تەيۋەن سىياسىتى ئاخىرقى چەككە يەتتى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، "ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان مۇجىمەل ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتىنىڭ قىممىتى ئاخىرقى چەككە يەتتىمۇ" دەپ سوئال قويدى.

0:00 / 0:00

ئاپتور ماقالىسىدە: "ھازىر خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشنىدىغانلا بولسا، ئامېرىكا دېموكراتىك تەيۋەندىن ۋاز كېچىپ، ئۇرۇشتىن ساقلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا توقۇنۇشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. بۇ دېگەنلىك، تەيۋەننىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش تەھدىتىنى بېسىپ تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئامېرىكا دېگەنلىكمۇ؟ "... نارازىلىق ۋە ئاغرىنىشنىڭ كەينىدىكى ئەھمىيەت شۇ بولدىكى، غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگوغا ياردەم قىلىپ، ناھايىتى زور كۆلەملىك ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۇچ قۇرۇپ بەردى" دەپ كۆرسەتتى ئاپتور. دېمىسىمۇ بۇ دۆلەت، جۇڭگو، داشقازاندا ئۇماچ قاينىتىپ كوممۇنىزم قۇرۇۋاتقان دۆلەت ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس ئەپەندى: "جۇڭگونىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى خەلقئارا قائىدىلەرگە خىلاپ" دەپ، كۆرسەتتى. بىرلەشمە شتاب باشلىقى مېچىىل موللېن يېقىندا: "مىنىڭ پىكىر قىلىشىم قىزىقىشتىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۆزگەردى، ئۇلار (جۇڭگولۇقلار) نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارى كلىنتون خانىم ئاگاھلاندۇرۇپ: "جەنۇبىي دېڭىزدىن ئۆتىدىغان خەلقئارا قاتناش يولىنى(جۇڭگو) ئۈزۈپ تاشلىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى. بىز دەيمىزكى، جۇڭگونىڭ شۇنداق مەقسىتى بولمىسا، نېمىشقا جەنۇبىي دېڭىزدا ئالا - توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، 6 نەپەر ۋېيتناملىقنى ئۆلتۈرۈپ زوراۋانلىق قىلدى؟

ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ: "ئوباما ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ھازىر، تىبەت، تەيۋەن قاتارلىق جايلار، جۇڭگونىڭ جانىجان مەنپەئەتى دېدى، ئەگەر بۇ جانىجان مەنپەئەت خىرىسقا دۇچ كېلىدىغان بولسا، جۇڭگونى خەتەرلىك ئاقىۋەتكە تەۋەككۇل قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا قىزىق نوختا تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوباما ھۆكۈمىتى ئەزالىرى ئاقىلانە بولمىغان ئەھۋالدا، ئىستراتېگىيىلىك مۇجىمەل تەيۋەن سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى ... بۇ سىياسەتكە پرېزىدېنت نىكسۇندىن تارتىپ ھەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن ..." دەپ كۆرسەتتى.

مېنىڭ قارىشىمچە، مۇجىمەل تەيۋەن سىياسىتى يېقىنقى سىياسەت يەنى ئامېرىكا، جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن يولغا قويغان سىياسەت ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدىن 65 يىل بۇرۇن بەلگىلەنگەن "جۇڭگونىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش، جۇڭگونى ئاسىيادا، ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىنكى بوش ئورۇنغا قويۇش ۋە جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش" تىن ئىبارەت ھېچقانداق تارىخى ۋە خەلقئارا سىياسەت ئاساسى يوق ھالدا جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەن پرېزىدېنت روزۋېلتنىڭ سىياسىتىنىمۇ ئامېرىكا سىياسىيونلىرى قايتا ئويلىنىپ كۆرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدىمىكىن؟ "جۇڭگونىڭ گېنېراللىرى ئىككى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەننى قوغدايدىغان بولسا، ئامېرىكا قىتئەسىدە يادرو ئۇرۇشى پارتلايدۇ" دېدى دەپ كۆرسەتتى ئاپتور. ئۇنداق ئەھۋالدا جۇڭگو "قىتئەسى"دىمۇ يادرو ئۇرۇشى پارتلايدىغانلىقىنى جۇڭگونىڭ گېنېراللىرى بىلمەمدىكىنا؟

ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ: "ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2010 - يىلى 4 يىللىق مۇداپىئە خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە، ئامېرىكىنىڭ مۇرەككەپ پىلانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇداپىئە ئىستراتېگىيسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى. ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت (ئامېرىكا، جۇڭگو) ئىككى تەرەپكە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ياكى ئىككى تەرەپكە ئاپەت ئېلىپ كەلمەيدىغان فورمۇلا بويىچە، تىپىك تەھدىت ياكى پوپۇزىغا قارشى ھەرىكەتچان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

"... ھازىر ئامېرىكا، تەيۋەنگە ئوچۇق ئېيتىپ قويىدىغان ۋاقىت - ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇجىمەل تەيۋەن سىياسىتى ئاخىرقى چەككە يەتتى دەپ ئېيتىپ قويىدىغان ۋاقىت كەلدى... ۋاشىنگتون بايانات ئېلان قىلىپ: دېموكراتىك تەيۋەننى قوغداپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەھدىتىگە، ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىمىز، بىز تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز دېيىشى كېرەك؛ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى 12 - ئايدا چاقىرىدىغان يىغىنغا تەيۋەننىڭ پرېزىدېنتى ما يىڭجۇنى تەكلىپ قىلىشى لازىم " دەپ كۆرسەتتى.

" ... ھازىر تەيۋەن رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاشتىن ۋاز كېچىشنى بەدەل قىلىپ ئاخىرقى نەتىجىنى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇشى لازىم ... ئامېرىكا تەيۋەننىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا كاپالەت بەرمەسلىكى كېرەك ... باشقىلارنىڭمۇ كاپالەت بېرىشىنى چەكلەش كېرەك ... جۇڭگو قورال ئىشلەتكەن ھامان، ئامېرىكا دەرھال تەيۋەننىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم ... جۇڭگومۇ دېموكراتىيىلىشىپ، خىتاي پۇقرالىرى دېموكراتىيىگە ئېرىشكەندە، ئىككى قىرغاق خەلقى تەيۋەن بىلەن جۇڭگونىڭ بىرلىشىشىنى ياكى تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ياكى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلالايدۇ" دەپ كۆرسەتتى ئاپتور.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جۆسىف باسكوئەپەندى ماقالىسىدە شۇنداق يوللۇق، ئۈنۈملۈك، سىياسى لوگىكىلىق مەسلىھەت كۆرسىتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە "تەيۋەنگە قاراتقان مۇجىمەل ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئاخىرقى چەككە يەتتى" دەيدىغان كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان پاساھەتلىك جۈملە شەكلىگە بىر دەۋرلىك سىياسەتنىڭ مەزمۇنى سىڭدۈرۈلۈپتۇ. خوڭكوڭغا ئالىي ئاپتونومىيە بەرگەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر بىلەن تىبەتنىڭ ئادەتتىكى سىياسى تەلەپلىرىگە ئوق چىقىرىپ باستۇرۇش بىلەن جاۋاب بەردى. ئۇيان تارتىپ - بۇ يان تارتىپ، مۇبادا تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىغان بىر كۈنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر بىلەن تىبەتكە قانداق مۇئامىلە قىلار؟