ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىگە تىبەت توغرىسىدا دوكلات يوللىدى

"دۇۋىي" تور بېتى 2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى "ئامېرىكا دوكلاتىدا جۇڭگونى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ماقالىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسىگە 2009 - ۋە 2010 - يىللىق ئامېرىكىنىڭ تىبەت سىياسىتى توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۇپ، دوكلاتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن ئەمەلىي ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم نىشانى، ئامېرىكا داۋاملىق دالاي لاما بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، مەقسەت شۇكى، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئالدىنقى شەرت قوشۇمچە قىلىنمايدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.

"ھىندىستان گېزىتى" 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋەر قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ "2009 - 2010 - يىللىق تىبەت سىياسىتى" يىللىق دوكلاتىدا جۇڭگونىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، ھەم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق، ھەم تىبەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق. مۇبادا، ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلالمايدىغان بولسا، جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

دېمىسىمۇ، دالاي لاما 2002 - يىلىدىن ھازىرغىچە خىتاي بىلەن 8 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئەمما، ئامېرىكىلىقلار "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىشىنىدۇكى، جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تىبەتتە جىددىي ۋەزىيەتنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ مەسىلىدە دالاي لاما قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ھەمراھ بولۇپ قالىدۇ" دېگەن سىياسەتتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇتەخەسسىسى خۇ يەن، "بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىشى بولۇپ، ھەر يىلى شۇنداق دوكلات ئېلان قىلىۋېرىدۇ، دالاي لاما بۈيۈك تىبەت سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىدى، مۇستەقىللىق تەلەپلىرىدىن ۋاز كەچمىدى، ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ۋەھاكازا" دېدى.

بىز دەيمىز، تىبەتلەر ئەسلىدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، خەلقئارا سىياسەت دائىرىسىدە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، خوڭكوڭغا ئالىي ئاپتونومىيە بەرگەن جۇڭگولۇقلار ... دىققەت! خوڭكوڭلۇقلار خىتايمىكەن ... ئالىي ئاپتونومىيە بېرىشكە بولىدىكەن، ئەمما تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە بېرىشكە بولمامدىكەن؟

بەلكى دۇنيا ھېسسىي پىكىر قىلغاندا دالاي لامادىن زىرېككەندۇ؛ ئەمما ئەقلىي دۇنيا دالاي لامادىن ھەرگىز زېرىكمىدى بەلكى داۋاملىق قوللايدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن، جۇڭگولۇقلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، دالاي لاما دەۋادىن زېرىكمىدى، ھېرىپ - چارچاشتىن قاقشىمىدى، شۇڭا دالاي لاما ئۆزىدىن ئەسلا زېرىكمىدى.

بەزىلەر: "دالاي لاما چاپىنىنى سۆرەپ يۈرۈيدۇ، نېمە ئىش قىلالىدى، ئاپتونومىيە دېسىمۇ ئاقمىدى ... ئاقمايدۇ " دېيىشىدۇ. بۇ كىشىلەر كىم؟ بۇ كىشىلەر 'ئۈزۈم پىش ئاغزىمغا چۈش' دەيدىغان كىشىلەردۇر.

60 يىل ئۆتتى. بۇ ئىشنى باشلىغاندا دالاي لاما كىچىك بىر بالا ئىدى. زېرىكمىدى، داۋاملىق كۆرەش ۋە پائالىيەت قىلىپ تىبەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى غەرب دۇنياسىغا ئاڭلاتتى. ئىتتىپاقلاشقان تىبەت خەلقى دالاي لامانىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، خەلقئارا سەپتە تىبەتنىڭ سىياسى كۈچىنى تەييارلىدى. شۇڭا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تىبەتتە قوش تىل مائارىپىنى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى، تىبەت ياشلىرىنى يۆتكەپ كېتىش سىياسىتىنى يولغا قويالمىدى.

خۇ يەن ئەپەندى: بۇ دوكلات ھەر يىلى سۆزلەيدىغان دوكلات، دەپ شۇنداق دېدى. ياق! مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ دوكلات يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئەمەس. بەلكى مەمۇرىيەتتىن دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان دوكلاتتۇر. بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنلىرى نېمە ؟ ئوچۇق ئېيتقاندا، بۇ دۇنيا يەنىلا، سەن ۋە مەن ئۈچۈن سىرلىق بىر دۇنيادۇر.