خىتايدا ھەر خىل ناملىق تور بەتلىرىدە، چەتئەللەردە خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان ھەر قايسى تور بەتلىرىدە، ۋىن جياباۋنىڭ شېنجېندا نوتۇق سۆزلىگەندە،: "ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپلا قالماي، سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىمۇ يولغا قويۇشىمىز كېرەك" دەپ ئېغىزدىن چىقارغان بىر جۈملە سۆزى باش بەتلەرگە قويۇپ ئېلان قىلىندى ... نۇرغۇن ئالقىشلار ياڭرىتىلدى ... نۇرغۇن كىشىلەر ئىلھاملاندى ... نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسىنى يەشمەكچى بولدى ... - دەيدۇ ئاپتور شياۋ كاڭ. ئاپتور ھەم ئۆزىمۇ بۇ ھەرىكەتتىن ئەنسىرەپ، ۋىن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقى، يەنە بىر قېتىم "بۆرى كەلدى "دېگەندەك بولۇپ قالمىسۇن يەنە دەپ كۆرسەتتى.
ۋىن جياباۋ "مائارىپ ئىسلاھاتى" توغرىسىدا سۆزلەپ، تېخى لايىھە ئوتتۇرىغا قويا - قويمايلا مائارىپ ئىسلاھاتى مەغلۇپ بولدى. بۇ ئادەم سەھنە ئالدىدا چۇقان سېلىۋاتقاندا ... تۆۋەندە ئادەملەر ئۇنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى.... ۋىن جياباۋ توغرىسىدا دەيدۇ ئاپتور، - ئىككى خىل كۆز قاراش بار، بىر خىل كىشىلەر ۋىن جياباۋ رەقىپلىرىگە قارشى تۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، لېكىن كۈچى يوق دېيىشسە، ئىككىنچى خىلدىكى كىشىلەر ۋىن جياباۋنى ئۇ ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دېيىشىدۇ.
جۇڭگودا قىزىقارلىق پۇقرالار ياشايدىكەن، ۋىن جياباۋنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى يالغان، ئالدامچىلىق قىلىۋاتقىنى راست، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى دېگەن نېمە؟
سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆزگەرتىش دېگەنلىكتۇر. بىر پارتىيىلىك سىياسى تۈزۈمنى كۆپ پارتىيىلىك سىياسى تۈزۈمگە ئۆزگەرتىش دېگەنلىكتۇر. پۇقرالارغا سايلاش - سايلىنىش ھوقۇقى بېرىش ۋە ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش دېگەنلىكتۇر. سايلام قانۇنى تۈزۈپ چىقىش، سايلام قانۇنى ۋە ئاساسىي قانۇننى خەلقنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش دېگەنلىكتۇر. ئۇيغۇر، تىبەتتەك مىللەتلەرگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىش دېگەنلىكتۇر. سىياسى تاللاش ھوقۇقى بېرىش، مەتبۇئات ھوقۇقى بېرىش، مەتبۇئات، نەشرىيات ئورگانلىرى تەسىس قىلىش ھوقۇقى بېرىش دېگەنلىكتۇر. پۇقرالارغا يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىش، خۇسۇسىي مۈلۈككە ۋە يەرگە مۈلۈكچىلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىش دېگەنلىكتۇر.
قىسقىسى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ نامىنى بولسىمۇ ئۆزگەرتىپ نېمە كۇڭزىچىلار پارتىيىسى دەمدۇ، گېلاۋخۇيچىلار پارتىيىسى دەمدۇ ياكى ۋاڭ خېشاڭ پارتىيىسى دەمدۇ، ئەيتاۋۇر جاڭ پارتىيىسى دەمدۇ، خۇ پارتىيىسى دەمدۇ، بىر نېمە دەپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنى 60 يىلدىن بىرى قاباھەتلىك چۈش كۆرۈۋاتقان ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىش - مانا بۇ ھەقىقى مەنىدىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى دېگەنلىكتۇر.
قايسى خىتاي بۇنىڭغا ماقۇل دەيدىكىنا، قىزىل كوممۇنىست خىتايمۇ ياكى تەيۋەندە ئاقىرىپ كەتكەن گومىنداڭچى خىتايمۇ؟ تۆمۈر داۋامەتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا "ئاخماق بولماڭلار ئاغىنىلەر!" شۇنداق ئاخماق بولماڭلار، جۇڭگونى پەقەت "شىنخەي ئىنقىلابى"لا قۇتقۇزالايدۇ.
خىتاينى مانجۇلارنىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرغان "شىنخەي ئىنقىلابى" جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈلسە، ھازىرغىچە سىنىپمۇ بولالمىغان، مىللەتمۇ بولالمىغان، پەقەت پۇقرالارنى سۈلۈكتەك سۈمۈرۈپ يەۋاتقان، مەنپەئەت بابىدا بىر - بىرىنىڭ كۆزىنى چوقۇشۇۋاتقان، بىر تۈركۈم خىيانەتچى، پارىخور خىتاي ئەمەلدارلار ھاكىمىيىتىنى ئۈزۈل كېسىل يىمىرىپ تاشلايدىغان يەنە بىر قېتىملىق شىنخەي ئىنقىلابى كۆتۈرۈلگەندىلا ئاندىن جۇڭگودا يەنە نېمە، خىتايچە دېموكراتىيە دېگەندىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ.
"بۆرى كەلدى"، ۋىن جياباۋ "بۆرى كەلدى" دېسە، ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ھەقىقىي بۆرى كەلگەندە ياكى "شىنخەي ئىنقىلابى" يەنە بىر قېتىم يىتىپ كەلگەندە، ھەقىقىي بۆرى يىتىپ كەلگەن بولىدۇ.
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ماددى مەنپەئەت ئېڭى بىلەن مەنىۋى مەنپەئەت ئېڭى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت، توقۇنۇش بارمۇ - يوق؟
جۇڭگولۇقتا ھازىرغىچە مەنىۋى مەنپەئەت ئېڭىنىڭ يېتىلىشىگە خىتاي كوممۇنىستلىرى يول قويمىغان ئەھۋالدا، جۇڭگولۇقلار، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، تۆت پرىنسىپ دەيدىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن قۇتۇلالمىدى. جۇڭگولۇقنىڭ ماددى مەنپەئەت ئېڭى بولغاندىمۇ، لېكىن ماددى مەنپەئەت قاراشلىرىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن بىر قاچا ئۇماچقا باغلىنىپ قالغان ئاڭ، ئۇماچ ئۇسقان قاچىنىڭ كەينىدە يەنە نېمە بار دەپ سوئال قويۇشقا مۇمكىنلىك بەرمىدى. مەسىلەن، ئىپتىدائىي كاپىتالىزم دەۋرىدە ماددى مەنپەئەت ئېڭى ئويغانمىغان، ھوقۇقى مەنپەئەت ئېڭىمۇ ئويغانمىغان بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا ھەقىقىي سىياسى ئىسلاھاتنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنمۇ؟
تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاياقتىن كېلىدۇ؟ ئاممىۋى خاراكتېرلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئاۋۋال مەنىۋى ئازادلىقنى شەرت قىلىدۇ. ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئىدىيىلەرنى پارچىلاش مەنىۋى ئازادلىقنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىقتۇر. ئەنئەنىۋى ئىدىيىلەر كەم - كۈتىسىز مۇكەممەل ھالەتتە تۇرغاندا، مەنىۋى ئازادلىق دېگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. جەمئىيەت بېكىنمە ھالەتتە - ئۆزىگە - ئۆزى يېتەرلىك ھالەتتە تۇرغاندا، مەنىۋى ئازادلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇنداق جەمئىيەتتە ئادەملەر باشقا بىرسىنىڭ تەپەككۇرى بويىچە، باشقا بىرسىنىڭ سىياسى مەنتىقىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان جەمئىيەتتە، مەنىۋى ئازادلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئەركىنلىك روھىنى يوقىتىپ قويۇش - شەخسنىڭ شەخس بولالماسلىقىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ جەمئىيەت بولالماسلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر. بۇنداق جەمئىيەتتە سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.