خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان 'مىڭە يۇيۇش ھەرىكىتى'

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مىللى بىرلىكسەپ سىياسىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى. رادىئومىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوبزورچىسى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى بۈگۈنكى ئوبزورىدا خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى "مىڭە يۇيۇش ھەرىكىتى" دەپ ئاتىدى.

0:00 / 0:00

سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "مىڭە يۇيۇش ھەرىكىتى" ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ "مىڭە يۇيۇش ھەرىكىتى" بىلەن "ئويغۇنۇش ھەرىكىتى"نىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ، "مىڭە يۇيۇش ھەرىكىتى"نىڭ ماتېرىيالى ساختىپەزلىك ۋە يالغانچىلىقتۇر، دەيدۇ.

سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر خەلقى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن ئويغۇنۇشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ "قانلىق تەجرىبىسى" ئارقىلىق بىلىۋالغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.