" خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتىگە نەزەر"

2008‏ - يىلى 9‏ - ئاينىڭ 17‏ - كۈنى بۈيۈك ئىرا تور بېتىگە ماقالە يازغان تاۋ جۈن ئەپەندى "زەھەر سېلىنغان سۈت پاراشوكىدىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتىگە نەزەر" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە : سۈت پاراشوكىغا زەھەر ئارىلاشتۇرىدىغان جىنايەت ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جۇڭگودا سۈت پاراشوكى سانائىتى ساھەسىدە، سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقارغاندا زەھەر سالىدىغانلىقى زەنجىرسىمان ئىنكاس شەكلىدە ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.09.19

 جۇڭگودا سۈت پاراشوكى ئىچىپ چوڭ بولىدىغان 10 مىڭلىغان نارسىدىلەرنىڭ ھاياتى، سالامەتلىكى ئىنتايىن زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز زەھەرلىنىشكە دۇچ كەلدى، بىز قانداق ھەرىكەت ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە بۇ ياۋۇز تەشكىلاتنىڭ ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتىنى توساپ قالالايمىز؟ دەپ سوئال قويدى تاۋ جۈن ئەپەندى.

1930‏ - يىللىرى بولشېۋىك پارتىيىسى كولخوز تۈزۈمى ئارقىلىق قاباھەتلىك ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەندە، بۇنداق ئۆلتۈرۈشنى ئوكرائىنا خەلقى ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتى دەپ تەرىپلىگەن. ئەمما مۇستەملىكىچى خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى 20‏ - ئەسىرنىڭ 60‏ - يىللىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسىدە 20 مىڭ، شايار ناھىيىسىدە 4 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا ھېچكىم ھېچنېمە دېمىگەن. شۇ ئەھۋالنى مىسالغا كەلتۈرۈپ ئۆز ئىرقىنى ئۆزى يوقىتىش دەۋرىنىڭ جۇڭگوغا يىتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن تاۋ جۈن ئەپەندى، سۈت پاراشوكى ئارقىلىق زەھەرلەنگەن جۇڭگو ئۆسمۈرلىرىگە ئىچ ئاغرىتقاندا "ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتى" دەپ ئىسىم قويدى.

 نۆۋەتتە پۈتۈن جۇڭگو مەملىكىتىدە 22 يۈرۈش سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتا ھەممىسىدە دېگىدەك پاراشۇكقا زەھەر ئارىلاشتۇرىدىغان ئەھۋال پاش بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئاللا بۇرۇن كۆرۈپ يەتكەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئورگانلىرى ھېچقانداق تەدبىر قوللانماي، ھەتتا ئورتاقلىشىپ جىنايەت سادىر قىلغانلىقتىن مەسئۇلىيەت ھۆكۈمەتتە. ھۆكۈمەت باش جىنايەتچى، ھۆكۈمەتنى كۈشكۈرتكەن كوممۇنىستىك پارتىيە باش جىنايەتچىدۇر دەپ كۆرسەتتى تاۋ جۇن ئەپەندى.

بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، بۇ پارتىيىنىڭ شەرمەندە، يۈزسىزلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز، كىمنىڭدۇر ئەمەلىنى ئېلىۋېتىپ، كىمنىدۇر پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىپ بىرتەرەپ قىلغاندا قايسى ئەمەلدار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلدى؟ مەسئۇلىيەت كالا بېقىپ سۈت ساققۇچى دېھقانلارغا ئارتىپ قويۇلىدۇ؟ زەھەرلىنىش ئەھۋالى مۇبادا نورمال تەرتىپلىك بىر دۆلەتتە سادىر بولغان بولسا، 22زاۋۇتنىڭ باشلىقلىرى تۈرمىگە تاشلانغان بولاتتى، ئۆلكە باشلىقلىرى قاتتىق جازاغا تارتىلغان بولاتتى، بۇ دۆلەتنىڭ پرېزىدېنت، ۋەزىرلىرى خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەن بولاتتى دەيدۇ تاۋ جۈن ئەپەندى.

ئۇيغۇرلارغا كەلسەك نېمە دەيمىز؟ ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك تازىلىماقچى دەپلا توختاپ قالمايمىز. مۇلاھىزىچىلەر ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا قايتا ‏ - قايتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۇيغۇرنى يوقىتىپ ئاتالمىش شىنجاڭ دېگەن بۇ يەردە يەر ‏ - زېمىننى ئېلىپ قالماقچىمۇ دەپ سوئال قويۇشتى. 99‏ - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۆمۈر يول قەشقەرگە يىتىپ كەلگەندە 2000‏ - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىشكە باشلىدى. تۆمۈر يول غۇلجا شەھىرىگە يىتىپ بارىدىغانلا بولسا، تۆمۈر يول خوتەن - ئىلچى شەھىرىگە يىتىپ بارىدىغانلا بولسا، غۇلجا خەلقىنى يۆتكىمەيدۇ ئىچكىرى خىتايغا، خوتەن خەلقىنى يۆتكىمەيدۇ ئىچكىرى خىتايغا دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇنداق بولغاندا بۇ تازىلاش بولماي، بۇ ئىرقىي يوقىتىش بولماي نېمە؟ خىتاي ئۆز ئىرقىنى ئۆزلىرى يوقىتىشقا ئۆتكەندە ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى ئاياپ قوياتتىمۇ؟
 
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېتلېر جۇۋىشلارنى گازدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، ماۋ زېدۇڭ پۇقرالارنى ئاچارچىلىق بىلەن ئۆلتۈرگەن، دىڭ شىياۋپىڭ قوراللىق قىرغىن قىلىش بىلەن ئۆلتۈرگەن،جاڭ زېمىن غۇلجا شەھەر خەلقىنى قوراللىق قىرغىن قىلىش بىلەن ئۆلتۈرگەن، ئەمدىلىكتە خۇ جىنتاۋ ئادەم ئۆلتۈرگەندە قان چىقارماي ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى، بەلكى زەھەرلەنگەن پاراشۇك سېتىپ، پىلانلىق تۇغۇتنى ۋاستە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي يوقىتىش ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش يولىنى تاللاپ ئالدى. قارشىلىق كۆرسەتكەن جۇۋىشلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامان قېلىپ سۈكۈتتە تۇرغان جۇۋىشلار قىرىلىپ تۈگىگەن. "مىللەت ئۇرۇشتا تۈگىمەيدۇ، سۈكۈتتە قىرىلىپ تۈگەيدۇ،" دېگەن گەپ ئاشۇ تارىختىن قالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.