سىدىقھاجى: ‏'ئۇيغۇر خەلقى، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ'

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 16 - سېنتەبىر چاقىرىلغان يىغىنىدا د ئۇ ق ۋەكىلى كەسىي پولىئاس خانىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلىپ، خەلقئارانى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

0:00 / 0:00

يىغىندىكى خىتاي ۋەكىللىرى كەسىي خانىمنىڭ سۆزىنى كۆپ قېتىم بۆلۈۋېتىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قارشى پىكىر قىلىش باھانىسى بىلەن ئۇنى سۆزىدىن توختىتىپ قالماقچى بولغان، ئەمما نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى. يىغىندا ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ۋەكىللىرى كەسىي خانىمنىڭ سۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ يىغىن كاتېگورىيىسى ئىچىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، كەسىي خانىمنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوبزورچىسى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى ئوبزور ئېلان قىلىپ، "ئۇيغۇر خەلقى، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.