ئۈرۈمچى'5‏ - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى'

خىتاينىڭ قەلەمكەشلىرىدىن پۇبلىستىكا يازغۇچى لۇشۈن: "جۇڭگونىڭ ئەسكەرلىرى پۇقرالارنىلا ئۆلتۈرەلەيدۇ،" دېگەن بۇ گەپ راست بولۇپ چىقتى.

0:00 / 0:00

خىتايدا ئاۋۋال تىيەنئەنمىندە خىتاي، خىتاينى ئۆلتۈردى، قوراللىق خىتايلار بىر سىنىپ، قورالسىز خىتايلار يەنە بىر سىنىپ بولۇپ سىنىپى كۆرەش قىلدى. 1989‏ - يىلى تىبەتتە، تىبەتلەرنى بۈگۈنكى خۇجىنتاۋ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ باستۇردى. بۇ سىنىپى كۆرەش ئەمەس خىتاينىڭ تىبەتلەرگە قارشى مىللى، ئېتنىك باستۇرۇشى ئىدى. 1997 ‏- يىلى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرغا قارشى ئۆچمەنلىكىنى قورالنىڭ كۈچى بىلەن چىقارغان ئىدى. 2008‏ - يىلى 3‏ - ئايدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۆزى پىلانلاپ،ئۆزى"ئارتىس" بولۇپ ئۆزى سىياسى ئويۇن ئويناپ لخاسا قىرغىنچىلىقىنى مەيدانغا ئېلىپ چىقتى. ئاق كۆڭۈل، ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىنىپ تۇرغان تىبەتلەر نامايىشقا دەرھال قوشۇلۇپ، باستۇرۇشقا دۇچار بولدى.

"قارا! ئىنسان قايسى تەخلىتتە قۇربان بولار ئىكەن، بالىلىق چېغىڭدىن قىساسقا ئۈگەن."

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى لخاسادا ئوينىغان ئويۇننى بۇ يىل 6‏ - ئاينىڭ 26‏ - كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۈەن شەھرىدە،7‏ - ئاينىڭ 5‏ - كۈنى مۇستەملىكىدىكى ئۇيغۇرىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئويناپ چىقتى. ئوخشىمايدىغان يېرى، نامايىش بولۇۋاتقاندا خەلقئارا جەمئىيەت مۇخبىرلىرىنىڭ لخاساغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. بىر كېچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنى يۇيۇپ تازىلاپ، نامايىشچى ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرىنى يۆتكەپ بولۇپ، ئاندىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇيغۇرلار توختىماي نامايىش قىلىپ دەردىنى مۇخبىرلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلاتتى.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئىلى ۋەقەسىنى قانداق باستۇرغان بولسا، بۇ قېتىم يەنە شۇنداق ۋەھشىلىكىنى ئىشقا سېلىپ، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇردى. يەرلىك ساقچى، يەرلىك قوراللىق ساقچى قىسىملارنى ئىشقا سالماي،خىتاينىڭ 31 شەھەر، ئۆلكىلىرىدىن ئەسكەر، قوراللىق ساقچى قىسىملارنى يۆتكەپ كېلىپ تۈرلۈك ۋاستىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئىشلەتتى.شۇڭا ئۈرۈمچىدە "قارا چاپانلىق ساقچىلار"نىڭ ھېكايىلىرى تارقىلىشقا باشلىدى. تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنى سۇسىز قويۇپ، ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. تېلېفۇن ئارقىلىق ئۇچۇر تارقاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈردى.

مەسىلەن، ئۇيغۇرنىڭ ناخشا چولپىنى مىرزات ئالىمنىڭ كۆزىنى ئويۇپ تاشلاپ قىيناپ ئۆلتۈردى. زىيالىي ئۇيغۇر قاينام جاپپارنى خىتايلار ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى. پۇت - قوللىرى چېقىۋېتىلدى. ھەتتا، سۆڭەكلەر بەدەننىڭ گۆشىدىن بۆسۈپ چىقتى. ئوق تەككەن ئۇيغۇر يىگىتلىرى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلمىدى. يارا بولغان يەر يىرىڭلاپ كەتتى، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتى... جان ئۈزدى ھېچ كىمنىڭ كارى بولمىدى... ۋەتەندىن چىققان كىشىلەر سۆزلەپ بەرگەن پاجىئەلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلىدۇق. ئاتا - ئانىلار بالام ئۆلدى... خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئۆلدى... بالام خىتاينىڭ ئوقىدا ئۆلدى... بالام خىتاينىڭ كالتىكىدە ئۆلدى... بالام خىتاينىڭ دورىلانغان يىڭنىسىدە ئۆلدى... ھەممىسى ئۇيغۇر، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلدى دېيەلمىدى. شۇنداق دېگىنىدە بۇ ئۇيغۇرلار تۈرمىگە تاشلاندى.

يېقىندا قورغاسلىق يىگىت شۆھرەت تۇرسۇننىڭ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈپ، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلدى دەپ، جەسەتنى ساقچىلارنىڭ، شۆھرەتنىڭ ئاتا - ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. قول - پۇتى كۆك... مەيدىسى كۆك... مېڭىسى تاياق زەربىدىن ئويۇلۇپ كەتكەن... دادىسى داۋا قىلغاندا، ھاكىم بولغۇچى زاكىر دېگەن كىشى "بالاڭنى پۇلغا ساتامسەن دېگەن...."

ئانىسىنىڭ ... دادىسىنىڭ ... ئايالىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىدۇق ... يىغلاپ، يىغلاپ ئاۋازى پۈتۈپ كەتكەن. خورلۇق، ئاجىزلىق، بە قاۋۇللۇق، نامراتلىق، بۈگۈن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ساڭا خاس بولسىمۇ ئۇيغۇرۇم، ئاينىڭ 15ي ئايدىڭ، 15ي قاراڭغۇ....

نۆۋەت ساڭا كەلگەندە قولۇڭ تىترىمىسە، ئىچ ئاغرىتمىساڭ، قىساس ئېلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ئۆچ ئېلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا، ئىنتىقام ئېلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا روس شائىرى لىرمىنتوپ سېۋاستوپول، ئۇرۇشىدىن قايتىپ كېلىپ بوسۇغىدا ئۆلۈپ قالغان سالدات توغرىسىدا مۇنداق يازغان ئىدى: "قارا! ئىنسان قايسى تەخلىتتە قۇربان بولار ئىكەن، بالىلىق چېغىڭدىن قىساسقا ئۈگەن."