ھۆكۈمەت بۇ سوت جازالىرىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاست دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلغان مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرىگە باغلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
سوت يىغىنىدا خىتاينىڭ يەرلىك ئەمەلدارى مەمەتئېلى ئابدۇراخمان خىتايلار يېزىپ بەرگەن ھۆكۈمنامىنى ئۇقۇپ بەردى، بۇ ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بەرمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە سوت ئېچىپ جازالاۋاتقان بۇ ھۆكۈمەت كىمنىڭ ھۆكۈمىتى؟ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمىتىدۇر. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئالدىغا ئەيىبلەۋاتقان بۇ قانۇن قايسى ئورگاننىڭ قانۇنى؟ خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قانۇنىدۇر. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەر قانداق كۈچلەر؟ ئۇيغۇرنىڭ مىللى قەھرىمانلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغانغان باتۇرلىرى، ئۇيغۇرنىڭ ئازادلىق سېپىگە ئاتلانغان ئوغۇل - قىزلىرىدۇر.
ئىلى خەلقى 40 - يىللاردا قولىغا قورال ئېلىپ سىتالىننىڭ ھىماتىغا ئىرىشكەن شىڭ شىسەينىڭ 50 مىڭ كىشىلىك ياللانما قوشۇنىنى، كېيىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گومىنداڭ خىتايلىرىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى تار - مار قىلغان ئىدى، ئىلى خەلقى غۇلجىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنە قىلغان ئىدى.
ئىلى خەلقى 50 - يىللاردا راخمانوفنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە بىر كۈنمۇ باش ئېگىپ قۇل بولۇشنى قوبۇل قىلغىنى يوق. مىللىي خورلۇققا، مىللىي ئاسسىمىلااتسىيىگە، مىللىي ھالاك قىلىشقا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مىللى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھېسابسىز بەدەل تۆلىگەن ئىدى. ئىلى خەلقى ئىرادىسىنى، غۇرۇرىنى،ئەخلاقىنى، ئۇيغۇرلۇقىنى ساقلاپ قىلىش يولىدا پىداكارلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ئىلى خەلقى 1962 - يىلى خىرۇششىف - سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭنەنخەي - بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ قورغاس چېگرا ئېغىزىنى ئىچىۋېتىپ، ئىلى - چۆچەك، قاچ - قاچ ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، يەنە توپىلاڭ كۆتەردى دېگەننى باھانە قىلىپ غۇلجا شەھىرىدە نەق مەيداندا 52 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلاپ، سوۋېتلەر ئالدىدا جۇڭنەنخەي، خەلقئارا سىياسى دەسمايىغا،خىرۇششىف - سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى جۇڭنەنخەينىڭ ئالدىدا خەلقئارا سىياسى دەسمايىغا ئىرىشكەن ئەمەسمىدى،
1970 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى پەقەتلا غۇلجا شەھىرىدە ئىسمايىل ئۆمەر، ئىمىنجان ئىكرام، ئابدۇغېنى قاتارلىق 21 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىنقىلابچىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى، 1997 - يىلى يەنە، مىللىي ئەركىنلىكى، دىنىي ھۆرىيىتى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چىققان ئىلى ياشلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك نامايىشىنى لەنجۇدىن ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ باستۇرغان ئەمەسمىدى؟ بۈگۈن خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى يەنە داۋاملىق باستۇرماقتا. ئۇلارنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟
تۆمۈر يولنى غۇلجا شەھىرىگە تارتىپ كېلىپ، نېفىت تۇرۇبىلىرىنى ياتقۇزۇپ بۇ يەرنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت، گازلىرىنى توشۇماقچىمۇ ؟ ھېسابسىز كۈچمەنلىرىنى بۇ يەرگە، شەھەر ياشلىرىنى، قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكىمەكچىمۇ ؟ بۇ مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئۇيغۇر خەلقىنى قورقۇتۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچىمۇ؟
بۈگۈن، ئىلى خەلقىنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ياشلىرىنىڭ قانۇنسىز، ئادالەتسىز ۋە رەھىمسىز بىر سوتتا جازالانغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا ئاڭلىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ھۆرىيىتى ھەمدە مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە كىشىلەر ئاڭلىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ب د ت نىڭ يىللىق يىغىنىدا " بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە يانتاياق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز،" دېگەن سۆزىنىمۇ ئىلى خەلقى ئاڭلىدى !