'قۇرۇلۇش' قىلامسىلەر نۇر بەكرى؟

2010 - يىلى، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى "شاڭخەي دۇنياۋى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى داغدۇغىلىق باشلاندى" ماۋزۇلۇق خەۋەر "تەڭرىتاغ تور بېتى"گە چاپلاندى. "شاڭخەي دۇنياۋى كۆرگەزمىسى" قاچان ئېچىلدى؟ ئەجەبا "شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى" ئەمدىلا باشلىنىپتۇ.

0:00 / 0:00

"سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسى" سۈرەتلىك خەۋەر تارقاتقاندا: دوپپىسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، قولىدا دومبۇراسى قازاق مىللىتىنىڭ، ئولتۇرۇپ ئوينىغان ئۇسسۇلى موڭغۇل مىللىتىنىڭ ... ۋاي - ۋۇي، تازا ماسلىشىپتۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقى دېگەن بۇنداق بولمامدۇ؟ بىراق، "ياڭگارۋۇ مۇزىكىسى"غا ئالدىغا بىر قەدەم، كەينىگە بىر قەدەم دەسسەيدىغانلار يۇقىرىقى سۈرەتلىك كۆرۈنۈشكە قاتناشماپتۇ، چاقىرىلمىغانمۇ ياكى خالىمىغانمىدۇ؟!

نۇر بەكرى مۇراسىمغا نۇتۇق سۆزلىگەندە: "شىنجاڭنىڭ مىللى ئۆرپ - ئادىتى... گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى..." دەپ سۆزلىدى. مىللى ئۆرپ - ئادەت دېگەن نېمە نۇر بەكرى؟"... مۇۋەپپەقىيەتلىرى... چەكسىز، تەرەققىيات ئىستىقبالى... " دېگەن نېمە، نۇر بەكرى؟... "مول ماددى بايلىقى" دېگەن يەنە نېمە نۇر بەكرى؟

مۇستەملىكە ۋە مۇستەملىكە ھايات دېگەن، يەنە نېمە نۇر بەكرى؟ مەن شۇنداق سوئال قويدۇم، لېكىن نۇر بەكرى ھەرگىز ئۇنداق سوئال قويالمايدۇ.

- ھازىر شىنجاڭ - دەيدۇ، نۇر بەكرى: "ئومۇمىي يۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىش، زور تەرەققىيات مەزگىلى - باسقۇچىغا قەدەم قويدى."

راست شۇنداق نۇر بەكرى ئەپەندى! ھازىر "شىنجاڭ" ئومۇمىي يۈزلۈك ھەربىي بازا قۇرۇش تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى. مەسىلەن، قازاقىستاندا ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن ئارمىيىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇلدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ئۈچۈن، ئىچكىرى خىتايدىن يۆتكەپ چىققان ئارمىيە، ساقچى، قوراللىق ساقچى قىسىملارنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، قانداق ئالاھىدە قىسىملارغا ئايلاندۇرۇش، ھازىرقى زامان ھەربىي فورمىسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كىيگۈزۈپ قويۇپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ "ھەيۋىسى" نى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى قورقۇتماقچى بولغان ۋاقىت يېڭىلا ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى بۇلارنىڭ كىيىمىنى قەيەردە سالدۇرۇۋېلىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، بۇ توغرىدا نۇر بەكرىگە بۇ - نۇقتىنى يېزىپ بەرگەنلەر بەلكىم "ئومۇمىي يۈزلۈك قۇرۇش" دەپ يېزىپ بەرگەن بولسا كېرەك.

"كەڭ ئېچىش" دەيدۇ نۇر بەكرى. بىراق، "شىنجاڭ"نى ئەمدى بۇنداق كەڭ كۆلەمدە ئاچقىلى بولمايدۇ! پوسكام، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيىلەردە ئېرىق - ئۆستەڭ سۈيىنى كۆچمەن خىتايلار ئىگىلەپ كەتكەنلىكتىن، بۇ ناھىيىلەردە دېھقانلار يەر ئاستىدىن سۇ تارتىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا باشلىدى. شىنجاڭ" تەبىئىي قۇرغاق، يەر ئاستى - يەر ئۈستى سۈيى كەمچىل مۇستەملىكە ئۆلكىدۇر. ئەمدى شىنجاڭنى داۋاملىق ئاچقىلى بولمايدۇ نۇر بەكرى!

"شىنجاڭنى كەڭ ئېچىش" دېگەن گەپنىڭ تېگىدە گەپ بولسا كېرەك. تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گازى، تۇرۇبا ياتقۇزۇپ، قازاقىستاننىڭ خام نېفىتلىرى "شىنجاڭ" ئارقىلىق ئىچكىرى خىتايغا ئېقىپ كەلمەكتە. بۇ دۆلەتلەر ئارا چېگرا قۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالدىمۇ، بەلكى كەڭ ئېچىش دېگەننىڭ مەنىسى - قازاقىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان چېگرىلىرىنى كەڭ ئېچىۋېتىش - دېگەنگە قارىتىلغانمۇ، قانداق؟ غەيرى بىر دۆلەت خىتاينىڭ ئارمىيىسى، ھەربىي قوراللىرىنى كۆتۈرۈپ، ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ھەيدەپ قازاقىستانغا كىردى دېگەن گەپ، قالتىس گەپ جۇمۇ! نۇر بەكرى "كەڭ ئېچىش" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى خاتا شەرھىلەپ قويدىمۇ بۇ يەردە ياكى مەن خاتا شەرھىلەپ قويدۇممۇ؟

مۇئاۋىن سېكرېتار، مۇئاۋىن ئۇيغۇر، مۇئاۋىن ئادەم نۇر بەكرى، دىققەت! ھازىر مۇنداق قارىغاندا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تېررىتورىيە ۋە ئىگىلىك ھوقۇق خىرىسقا دۇچ كەلگەندەك تۇرىدۇ. ئۇزۇندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبى دېڭىزدا بەزى ئاراللارغا ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈپ ھەربىي بازا قۇرغان، جامائەت ئەسلىھەلىرى ياسىغان ئىدى. سېنكاكۇ ئارىلىغا "ئىگىلىك ھوقۇق" جاكارلاپ "سېنكاكۇ ئارىلى ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر قىسمى" دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن ۋېيتنامنىڭ بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىلىرى تېخى يېقىندىلا جەنۇبى دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر قىلدى. ياپونىيە سېنكاكۇ ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىسىنى تۇتۇۋالدى. توساتتىنلا شۇنداق ئىش يۈز بەردى.

جەنۇبى دېڭىزنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىدە، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىدە چاتاق چىقتى، چىققاندىمۇ چوڭ چاتاق چىقتى. ھەتتا، ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى ئوباما ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا رەھبەرلىك قىلىشى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. شۇڭا جەنۇبى دېڭىزدا قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىپ، غەربىي دېڭىزدا يەنى" شىنجاڭ "دا قۇم دېڭىزىدا قۇرۇلۇش قىلىشنى باشلىدىڭلارمۇ ئەمدى نۇر بەكرى!

قانداق قىلغۇلۇق، قانداق قىلىمىز نۇر بەكرى! جەنۇبىي دېڭىز بىلەن سېرىق دېڭىزنىڭ ئارىلىقىدا 7 - ئىسكادىروننى يېتىلەپ ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكا ئۈزۈپ يۈرۈپتۇ. پامىر تاغلىرىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ناتو، تەڭرى تاغلىرىنىڭ غەربىي ئېتەكلىرىدە ماناس ئايرودرومىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى تۇرۇپتۇ.