خىتاينىڭ 'ئاق تاشلىق كىتابى' ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى

يېقىندىن بېرى قىزىق، قىزىق ھادىسىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 2009‏ - يىلى 9‏ - ئاينىڭ 21 - كۈنى "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرلىشى" ماۋزۇلۇق "ئاق تاشلىق" كىتاب ئېلان قىلىپ ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورىزملىق ھەرىكەتلەر بىلەن قانداق شۇغۇللانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى " 5‏ - ئىيۇل نامايىشى" نى دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى تېررورىستلار تەشكىللىدى، دېدى. بۇ ئىشنىڭ قىزىقى شۇ يەردىكى "ئاق تاشلىق كىتاب" رەئىس خۇجىنتاۋ نىيۇيورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە ئېلان قىلىندى.

ئۈرۈمچىدە نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئەزەلدىن قولىغا ئېلىپ باقمىغان" خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى بۇ قېتىم كۆتۈرۈپ چىقىپ، نامايىش قىلغاندا، نامايىشنى تىنچ يول بىلەن باشلىدۇق يەنە تىنچ يول بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز، دەيدىغان ياخشى نىيەتتىن بىشارەت بەرگەن . كىم، كىمگە تېررورىستلىق قىلدى، كىم، كىمگە زوراۋانلىق قىلدى؟ ئاخىرقى ھېسابتا خەلقى ئالەمگە ئايان بولدىغۇ؟ شۈبھىسىزكى، خىتاي ساقچىلىرى، ئەسكەرلىرى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلىپ ئوق چىقاردى. " ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر تېررورىستلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبى ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا خەلقئارا تېررورىستلار ھەرىكىتىگە مەخپىي قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلدى"، دېيىلگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ رايونلاردا تېررورچىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تالىبان قاتارلىق تېررورىستلارنى ھەربىي قورال - ياراق بىلەن تەمىنلىگەن قايسى دۆلەت بولۇپ چىقتى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ چىقتىغۇ ؟

2009‏ - يىلى 9 - ئاينىڭ27‏ - كۈنى خىتاي دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى يەنە بىر قېتىم "خىتاينىڭ مىللى سىياسىتى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى" ماۋزۇلۇق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. كىتابتا: خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇننى، ئىقتىسادى، مەمۇرى ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، تارىختىن قېلىپ قالغان مىللى كەمسىتىش، مىللى ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىپ ... دۆلەت چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇردى ... ھەم يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇردى، دەپ، كۆرسىتىلدى.

"تارىختىن قېلىپ قالغان مىللى كەمسىتىش" دېگەن نېمە گەپ، ئۇ؟ 1944‏ - يىلىدىن 1949‏ - يىلىغىچە، قوراللىنىپ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇپ، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن 5 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىگە خوجايىن بولغان ئۇيغۇرنى كىم كەمسىتەلەيدىكەن، شۇ چاغدا؟

60 يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىر تەرەپتىن ئالداش يەنە بىر تەرەپتىن باستۇرۇش، بىر تەرەپتىن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا كۆچمەن كۆچۈرۈش، خىتاينىڭ ماھىيەتلىك مىللى سىياسىتى بولۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق مىللى سىياسىتى بار ئىكەن خىتاينىڭ؟

كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاۋۋالقى بىر نەچچە يىلدا، 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى دەپ، دوكلات ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ مۇستەملىكە شارايىتىدا يېتىشىپ چىققان ياش ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى ئىدى. ئۇنداقتا،خىتاي ھۆكۈمىتى قايسى مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، يەنە قايسى مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكىگە قارشى تۇرمىدى؟ ھازىرغىچە 60 يىل ئۆتۈپ كەتتى، خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ باققانمۇ، بىر خىتاينى مىللەتچى دەپ، تۈرمىگە سولاپ باققانمۇ، مىللەتچى دەپ بىر خىتايغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ باققانمۇ؟ ھەي، خىتاي ھۆكۈمىتى تەبىئىتىڭدە يالغانچىلىقتىن باشقا يەنە بىر خۇسۇسىيەت بارمىدۇ؟

ئادەتتە خىتاي مىللەتچىلىكى قانداق ئىپادىلىنىپ كەلدى؟ ئىقتىساد، پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدە، مائارىپ - مەدەنىيەت ساھەسىدە، ھەربىي ئىشلار ساھەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئىشلىتىش ساھەسىدە، ئاۋىئاتىسىيە مائارىپى ساھەسىدە مىللەتچىلىك ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلدى. كىمنىڭ، قايسى مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكى؟ ئەلۋەتتە خىتاينىڭ مىللەتچىلىكى بولمامدۇ. بۇ ساھەلەردە ئۇيغۇرلار ئىشلىمىسە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى بولمىسا !