ۋىن جياباۋ بۇ گەپلەرنى كىمگە قارىتىپ دەۋاتىدۇ؟ "ھەقىقىي جۇڭگو دېگەن قانداق جۇڭگو ئۇ؟ بۇ جۇڭگونى كىملەر تونۇۋېلىشى كېرەك؟
جۇڭگو 1950 - يىلى سابىق سوۋېتلەرگە بېقىندى دۆلەت، مۇستەملىكە دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى.
1950 - يىلى ماۋ زېدۇڭ بىلەن ستالىن بىر قوللۇق تۈزۈپ چىققان" ئالاھىدە كېلىشىم"دە، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق 15شەھەرنىڭ مەركىزى قىسىملىرىنى سوۋېت ئىتتىپاق پۇقرالىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرۇشنى كېڭىشىپ بېكىتكەن. بوشۈن تور بېتىدىكىلەر ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەرلەرنى سابىق سوۋېتلەرنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان دەپ، كۆرسەتتى.
ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، جۇڭگو مىللەتچى كۆرەڭلىكىنى ئاشكارىلاپ، كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ، سابىق سوۋېتلەرگە دۈمبىسىنى قىلىۋالدى. سوۋېتلەر جۇڭگوغا ئاتوم قوراللىرى بىلەن ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا ماۋ زېدۇڭ "لەخمىنى چۇڭقۇر كولاپ، ئاشلىقنى كۆپ جۇغلاپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلايلى! يېڭى چار پادىشاھنى يوقىتايلى!" دەپ شۇئار توۋلىغان. قورقۇپ كەتكەن ماۋ زېدۇڭ ئاۋۋال مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا باستۇرۇشنى يولغا قويۇپ، گۇناھسىز، "گۇناھكار" كىشىلەر بولۇپ "خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى"نىڭ رەھبەرلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەمئى67 مىڭ نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى. (جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى سايىم ئەپەندىنىڭ 1980 - يىلى ئۈرۈمچىدە 8 قەۋەتلىك مېھمانخانىدا بەرگەن دوكلاتىدا شۇنداق قەيت قىلىندى) 1970 - يىلى 5 - ئايدا "3كە زەربە بېرىش " سىياسى ھەرىكىتىنى قوزغاپ قولغا ئېلىنغان يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئاخۇنوپ، مىجىتلەرنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ ماۋ زېدۇڭ، "سوۋېتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسى كۈچىنى يوقاتتىم" دەپ جۆيلىدى.
ئارقىدىنلا ماۋ زېدۇڭ 1972 - يىلى پرېزىدېنت نىكسۇننى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىپ، ئامېرىكىغا مايىل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى.
سابىق سوۋېتلەر 1979 - يىلى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى، پۇرسەتتىن پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېيتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئامېرىكىغا ياخشىچاق بولىمەن دەپ تۇرۇشىغا، سابىق سوۋېتلەر ۋېيتنام ئۇرۇشى توغرىسىدا بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىشى بىلەنلا، جۇڭگونىڭ ئازادلىق ئارمىيىسى خېنويدىن چېكىنىپ، قەيەردىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە قايتىپ تۈشۈگىگە كىرىپ كەتتى.
1980 - يىلى دىڭ شياۋپىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلدى. ئامېرىكىلىقلار جۇڭگوغا نورمال سودىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تەقدىم قىلدى.
ھەر يىلى بىر قېتىم بۇ سىياسەتنى دۆلەت مەجلىسىدە مۇھاكىمە قىلغاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلاتتى. كېيىنچە، سابىق پرېزىدېنت كلىنتون كىشىلىك ھوقۇققا بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگوغا سودىدا ئېتىبار بېرىشنى شەرتسىز قويۇۋېتىپ، بۈگۈنكى جۇڭگونى 1 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق پروۋۇت زاپىسىغا ئىگە دۆلەتكە، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئوچۇق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغاندا، "كىشىلەر ماڭا چېقىلسا مەنمۇ كىشىلەرگە چېقىلىمەن" دېيەلەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ۋىن جياباۋ ئەپەندى"دوستلۇققا ئېتىبار بېرىش"، "پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش" دېگەنلىك شۇنداق بولاتتىمۇ؟ "دۆلەت بايرىمى"دا خۇ جىنتاۋ، ۋاڭ لېچۈەننى سول تەرىپىگە قويۇپ خاتىرىلەش مەيدانىدا پەيدا بولدى. ۋاڭ لېچۈەن قىرغىن قىلغان ئۇيغۇرنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىغا قاچان گۈلچەمبىرەك قويىمىز ۋىن جياباۋ ئەپەندى!
"ھەقىقىي جۇڭگو دېگەن نېمە"، يۇقىرىقىدەك "ھەقىقىي جۇڭگونى كىملەر تونۇۋېلىشى" كېرەك؟