ئائىلىڭىز بىر، ئېلىڭىز جۇڭگومۇ؟
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.10.08
2010.10.08
غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ مەھەللە ئىش باشقارمىسى رەھبەرلىكى بۇ يىل ھەر كۈنى ئەتىگەندە خىتاي كادىرلار يېرىم سائەت ئەتىگەندە ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇر كادىرلار يېرىم سائەت ئەتىگەندە خىتايچە (يۇقىرىقى ناخشىنى توۋلاپ) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىدا لېكسىيە پائالىيىتى تەشكىللىگەن ئىمىش.
بۇ ناخشىنى ئىجات قىلغۇچى تۇڭگان ئەپەندىم نۇسرەت ۋاجىدى، تاجاۋۇزچى ۋاڭ جىننىڭ تاجاۋۇزچى "ئازادلىق" ئارمىيىسىنى چېگرادىن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا باشلاپ كىرگەن ئادەملەرنىڭ بىرى، تۇڭگان، تۇرپاندا ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىۋېلىپ لەنجۇدا سودا تىجارەت قىلىدىغان ئەخمەت ۋاجىدىنىڭ ئوغلى ئىدى.
نۇسرەت ۋاجىدى خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەنئەت مەكتەپلىرىدە پىئانىنو چېلىشنى، ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەنگەن، بۇ كىشى "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسسۇل ئانسامبىلى"دا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئىدى. رېتىم ئاھاڭ، مۇزىكا تىلى، ناخشا - مۇزىكىلىق قۇرۇلما، ناخشا - مۇزىكىلارنىڭ مېلودىيىسى، مۇزىكا سىمفونىيىسى جەھەتلەردە ئىجات قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلما شەكلى پۈتۈنلەي خىتاي ناخشا - مۇزىكا سەنئىتىنىڭ شەكلى ۋە قۇرۇلمىسىغا، ئاھاڭ شەكلىمۇ پۈتۈنلەي خىتاي ناخشا - مۇزىكىلىرىنىڭ مېلودىيىلىك ئاھاڭ شەكلىگە ئوخشايتتى. شۇڭا ئۇ ئىجات قىلغان ناخشا - مۇزىكىلارنى ئۇيغۇرلار ياقتۇرۇپ ئاڭلىمايتتى.
نۇسرەت ۋاجىدى دېگەن بۇ كىشى ئىجات قىلغان، "ئائىلىمىز بىر، ئېلىمىز جۇڭگو" ماۋزۇلۇق بۇ ناخشا ھازىر مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئۆيمۇ - ئۆي توۋلاپ يۈرۈيدىغان، كوچىمۇ - كوچا ۋارقىراپ يۈرۈيدىغان، مەھەللىمۇ - مەھەللە جارقىراپ يۈرۈيدىغان، بۇ ناخشىنى توۋلاش بويىچە "كىم ئاشتى" دەپ بازارغا سالىدىغان، شۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىق قىلىدىغان بىر ناخشىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئاخىر زامان بولدىمۇ - نېمە؟
جىسمانىي جەھەتتە زوراۋانلىق، مەجبۇرلاش ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ، ئادەم بۇ دۇنيانىڭ دەردۇ - بالاسىدىن بىراقلا خالاس بولىدۇ. ئەمما، مەنىۋى جەھەتتە زوراۋانلىق قىلىش، يۇقىرىقىدەك بىمەنە ناخشىلارنى جارقىراشقا، ۋارقىراشقا مەجبۇرلاش، سىياسى ئۆگىنىشكە، مىڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلاش، مىللەتلەرنى ياسالما، سۇنئىي، يالغان، چاكىنا ئىتتىپاقلىققا مەجبۇرلاش ئۆلۈمدىنمۇ قورقۇنچلۇق، ھەتتا ئۆلۈمدىنمۇ دەھشەتلىك مەجبۇرلاشتۇر.
سىياسى كرىزىستىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەپ ماۋ زېدۇڭ باشلىغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە، مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئۇيغۇرنىڭ خەلق ناخشىلىرىنى سېرىق ناخشا دەپ چەتكە قېقىپ، جياڭ چىڭ پۈتۈن جۇڭگولۇققا "8 ياڭبەنشى" 8 ئۈلگىلىك تىياتىرنى تېڭىپ توۋلاشقا، ئۈلگىلىك تىياتىرنىڭ مۇزىكىلىرىغا ئۇسسۇل ئويناشقا مەجبۇرلىغاندا دېھقانلار ئېتىزلىقتا ئۇسسۇل ئوينايتتى.
ئىشىنىڭلار ! مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھازىرغىچە مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئاخىرلاشمىدى. ماۋ زېدۇڭ ئۈزۈندىلىرىدىن ئىشلەنگەن ناخشا "داخەي خاڭشىڭ كاۋدوشۇ" دېگەن ناخشىنى ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار توۋلىغاندا "تەخەي قاچتى قوغلاڭلار، ئاپىرىپ قوزۇققا باغلاڭلار" دەپ ئۆزگەرتىپ توۋلىغان. بۇ قېتىممۇ، نۇسرەت ۋاجىدى ئىجات قىلغان "ئائىلىمىز بىر، ئېلىمىز جۇڭگو" دېگەن ناخشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ، "ئائىلىمىز باشقا - باشقا، ئېلىمىز، ۋەتىنىمىز ئۈستى ئوچۇق تۈرمە" دەپ توۋلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز دېيىشتى ئۇيغۇرنىڭ سىياسى مۇساپىرلىرى.