مۇكاپات ليۇ شاۋبوغا بېرىلدىمۇ ياكى ۋېن جياباۋغا بېرىلدىمۇ؟

2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي كىشى ليۇ شاۋبوغا بېرىلدى. سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى، رۇسىيىدە ساخاروپ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، قايتا قۇرۇش جەريانىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ، سابىق سوۋېتلەر جەمئىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدە ئۆچمەس تارىخى تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. ليۇ شاۋبو شۇنداق رول ئوينىيالىشى مۇمكىنمۇ؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئاۋازىدا 12 - كۈنى ئېلان قىلىنغان سېلىشتۇرما خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، كۇبا، ۋىنسۇئىلانىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭنى قوللاپ، ليۇشاۋبونىڭ مۇكاپات ئېلىشىغا قارشى تۇردى. لېكىن بېيجىڭ بۇ قېتىملىق مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى...؟ كاللىسى كولدۇرلاپ كەتكەنلەر ئويلاپ قويمامدىكىنە؟! "2008 نىزامنامىسى" يېزىلغاندىن كېيىن، تور بەتلىرىدە بىر ھەپتىمۇ تۇرالمىدى. نەچچە مىڭ ئادەم قوللىدى دېيىلدى، قېنى بۇ ئادەملەر ئەمدى؟

بۇ نىزامنامىنىڭ ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا ھېچقانداق تەسىرى قالمىدىغۇ؟

رۇسىيە ئاگېنىتلىقى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى نوپۇزلۇق ئوبزورچى نىكولاي تېروتىسكىنىڭ "نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان قورالمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئاپتور ماقالىسىدە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ بەش نەپەر ئەزاسىنى تەنقىدلەپ: "ئامېرىكا، ناتۇ، غەربىي ياۋروپانىڭ بەلگىلىگۈچى تەسىرىگە يولۇققان" دەپ كۆرسەتتى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى: "نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى غەربنىڭ سىياسى قورالىغا ئايلىنىپ قالدى" دەپ كۆرسەتتى. ئايلىنىپ قالسىغۇ مەيلىدى، مۇكاپاتنى كىمگە بېرىش مەسىلىسىدە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى يەنە باشقىچە سىياسى قورالغا ئايلىنىپ قالدى.

10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى "خەلقئارا ئاخبارات خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسى" بايانات ئېلان قىلىپ: "مۇكاپاتنىڭ ليۇشاۋبوغا بېرىلىشى، جۇڭگودا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق" دەپ كۆرسەتتى. ئەپسۇسكى، جۇڭگو مەسىلىسى بويىچە مەندىن بەتەر ئاخماق ئادەملەرمۇ ياشايدىكىنا، بۇ دۇنيادا!

جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما چاۋشۈ: "مۇكاپات ئېلىش جۇڭگونىڭ سىياسى تۈزۈمىنىڭ نىشانىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ"، دەپ كۆرسەتتى. مانا بۇ گەپ جىڭدا توختايدىغان گەپ. بىز ئۇيغۇرلار خىتاينى بىلىمىز، رومانتىك غەربلىلكلەر خىتاينى بىلمەيدىكەن.

نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى كىمگە بېرىلدى، ليۇ شاۋبوغىمۇ ياكى ۋېن جياباۋغىمۇ؟ مۇكاپاتنى كىمگە بېرىش ئېلان قىلىنغۇچە ۋېن جياباۋ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە بولۇپ 8 قېتىم دېموكراتىك سىياسى ئسىلاھات توغرىسىدا نوتۇق سۆزلىدى. ئاخىرقىسى ئامېرىكىنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيىسىگە سۆزلەپ بەرگىنى - پىكىر ئەركىنلىكى توغرىسىدا بولۇپ، ھەممىدىن مۇھىم نوتۇق ئىدى. 300 نەپەردىن ئارتۇق خىتاي زىيالىيسى خەت يېزىپ، مۇكاپاتنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىشتى. بۇ كىشىلەر خىتاي دېموكراتلىرى، خىتاي زىيالىيلىرى ھېسابلىنامدۇ ياكى بۇ كىشىلەر...(؟)

2010 - يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاكتىپ پائالىيەت قىلغان بىر يىل بولغان ئىدى. بۇ يىل نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىلىشى ئېھتىمالغا يېقىن، بەكمۇ يېقىن بىر ئىش ئىدى.

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى نورۋېگىيىدە بىر ئۇيغۇر تېررور گۇماندارى تۇتۇلدى... مەن يېنىمدىكىلەرگە ئۇيغۈرلارغا كېلىۋاتقان نوبىل مۇكاپاتىنىڭ يولى بۈگۈن توسۇلۇپ قالدى، دېدىم.

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى نورۋېگىيە دائىرىلىرى قولغا ئېلىنغان ئەلقائىدە ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىدىكى تېررورلۇق پىلانى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى بىلدۈردى. كۆتۈرۈپ قوپالمىغۇدەك چوڭ گەپقۇ، بۇ؟

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى نورۋېگىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تېررور گۇماندارلىرىدىن بېرى دانىيىدىكى بىر گېزىتخانىنى پارتلىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان دېيىلدى.

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى نورۋېگىيىدىكى تېررور گۇماندارلىرىدىن راشىدىن مەمەت (ئۇيغۇر) ھۇجۇم نىشانىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دېيىلدى....

كېيىنكى 7 كۈن نوبىل مۇكاپاتىنى كىمگە بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدىغان 7 كۈن ئىدى. خەلقئارا جامائەت پىكرى شۇنداق تەييارلاندى، بۇ پىلان راشىدىن مەمەتنىڭ پىلانىمۇ ياكى ئەلقائىدەنىڭ، ياكى خىتاي بىلەن ئەلقائىدە بىرلىشىپ شۇنداق پىلانلىغانمۇ؟

قېرىندىشىم، سىزنىڭچە ليۇ شاۋبو بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا - باشقا نەرسىمىدى، قايسى دېموكرات خىتاي ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى؟

ئەپەندىلەر، بۇ مۇكاپاتنىڭ خىتايغا بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنى ھېساباتتىن چىقىرىۋېتىش بولۇپ قالامدۇ، يوقمۇ؟ بىچارە ئۇيغۇرۇم، نادان ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ئىدىغۇ؟ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ليۇشاۋبوغا بېرىلگەندىن كېيىن ئوڭچى ۋە سولچى خىتايلار جىم - جىت بولۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇلار يېڭىۋالدى‏ - دە!

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خۇ جىنتاۋ ۋاڭ لېچۈەننى، شىنياڭدىن ليۇ شاۋبو ياتقان تۈرمە جايلاشقان جىنجۇ ۋىلايىتىگە ئەۋەتتى. ليۇ شاۋبونى جىنجۇدىكى تۈرمىدىن بېيجىڭدىكى چىنچېڭ تۈرمىسىگە يۆتكەپ كەلمەكچى بولدى... ۋاڭ لېچۈەن يۆتكەپ كەلمەكچى بولدى... بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ قېرىندىشىم؟ 61 يىل خورلانغان ئۇيغۇرۇم ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك خورلانمىغان ئىدى.

بىلىۋالدۇق، سېنىڭ ماھىيىتىڭنىڭ ئەسلى زادى نېمە ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلىۋالدۇق، دۇنيا!!!