تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشى كېڭەيمەكتە

2010 - يىل 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسى رېبكوڭ ناھىيىسىدە مىڭلىغان تىبەت ئوقۇغۇچىلار نامايىشقا چىقىپ خىتاينىڭ ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ ئارقىلىق تىبەت تىلىنى يوقىتىشىغا، تىبەت مەدەنىيىتىنى يۇقىتىشىغا قارشى نامايىش قىلىپ، تىبەت تىلىنى قوغدايدىغان ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىدا تەرتىپ ساقلاپ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار كىشىلەرنى چۇڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

0:00 / 0:00

كىشىلەردە غەيرى تەسىرات پەيدا قىلغۇچى بىر كۆرۈنۈش شۇ بولدىكى، خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىپ بىر پاى ئوق چىقارمىدى ياكى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى سىلكىشلىمىدى، ياكى تارتقۇشلىمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟ بۇ ھال دالاي لامانىڭ يېقىندا تىبەتكە قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدىغاندۇ؟

رېبكوڭ ناھىيىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىغا چىقىپ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپ - پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان بولدى.

2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە توختاپ، كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ئېتىلغان تۈنجى پاي ئوق بىر نەپەر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ بېشىغا تەگدى... بۇ قىز ئوغۇل ساۋاقدېشىنىڭ قۇچىقىغا يىقىلدى... 2008 - يىلى تىبەتلەر لىخاسادا نامايىش قىلغاندا خىتاي ساقچىلىرى ئوق چىقىرىپ باستۇرغان ئىدى.

بۇ يىل رېبكوڭ ناھىيىسىدە نامايىش قىلغان تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ساقچىلار باستۇرۇش ۋاستىلىرىنى ئىشقا سالمىدى. نېمە ئىش بولدى، خىتاي قولىدىكى قىڭراقنى تاشلاپ ئەۋلىياغا ئايلىنىپ قالمىغاندۇ؟ 7 - ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋەزىيەتلىك داۋالغۇش خىتاي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنى سەگىتىپ قويدىمۇ، قانداق؟

ئوخشاش ۋاقىتتا، مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدە نېمە ئىش يۈز بەردى؟ خىتاينىڭ "خەلق گېزىتى" ماقالە ئېلان قىلىپ: "كېلەر قېتىملىق 5 يىللىق پىلان ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھەر يىلى 10مىڭدىن ئوقۇغۇچى ئەۋەتىدىغانلىقى"نى تىلغا ئالدى.

پۇل تۆلەپ ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بالىلىرىنى ئوقۇتالمىغان ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار، خىتاي ئۆلكىلىرىدە "ھەقسىز" ئوقۇتۇپ بېرىمەن دېسە، ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىپ بېرىۋاتامدۇ؟ بالىلىرىنىڭ پىسخىك روھى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ بالىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ باشقا بىر مەدەنىيەت مۇھىتىغا كىرىپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلۇقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى، دىنىي ئېتىقادىنى، ئۇيغۇرنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەت قاراشلىرىنى، ئۇيغۈرنىڭ مىللەت قارىشى ۋە مىللى ئېڭىنى تامام يوقىتىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ، بۇ ئاتا - ئانىلار؟!

چەتئەللەردە ھەر قايسى دېموكراتىك ئەللەردە بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىدىن باشلاپ ئەنگىلىز تىلى ۋە ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىدىكەن، ئەمما خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئېغىزدا قوش تىللىق مائارىپ ئەمەلىيەتتە بىر تىللىق خىتاي تىلى مائارىپىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇمۇملاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ بىر مىللەتنى يوقىتىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم بولماي، ئەكسىچە بىر مىللەتنى "گۈللەندۈرۈش" ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم ھېسابلىنامتى؟

سەددىچىننىڭ ئىچىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ چىكەتكىدەك بېسىپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۈرنىڭ نېمە ئالاقىسى بار ئىدى؟ مۇستەملىكە ۋە مۇستەملىكە بولۇپ قېلىشلا ئالاقىسى بار ئىدى خالاس!

بۈگۈن چىڭخەيدە تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار قوزغىلىپ قوش تىللىق مائارىپقا قارشى نامايىش قىلدى، شۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ "خەلق گېزىتى" ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەر يىلى مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدىن 10 مىڭ ئۇيغۇر بالىنى يۆتكەپ كېتىپ ئىچكىرى خىتايدا خىتاي تىلىدا ئوقۇتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.