كۇرىل ئاراللىرى ۋە رۇسىيە - ياپونىيە مۇناسىۋىتى

2010 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا بوران چاپقۇن كۆتۈرۈلدى، ئاۋۋال ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا سېنكاكو ئارىلى توغرىسىدا تالاش‏ - تارتىش باشلاندى. رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېف 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى 4 ئارال - ئېتوروفۇ، خابوماى، كۇناشىرى، شىكوتان ئاراللىرىنىڭ ئىچىدە كۇناشىرى ئارىلىنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى سىمۋوللاشتۇرۇپ، ياپونىيە خەلقىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويدى. چۈنكى بۇ 4 ئارال تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە ياپونىيە دۆلىتىگە تەۋە ئاراللار ئىدى.

0:00 / 0:00

1847 - يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى 38 ياشلىق مۇراۋىيوفنى شەرقى سىبىرگە گوبېر ناتور قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كاپىتان نېۋىرىسكى... كامچاتكا ئارىلىدا پېتىر پاۋلوۋىسكى قورۇقىنى قۇرۇپ چىقتى... ساخالىن ئارىلىدىن ياپونىيە پۇقرالىرىنى قوغلىۋېتىپ بۇ ئارالنى ئشغالىيەت ئاستىغا ئالدى.

1860 - يىلى بېيجىڭ فرانسىيە، ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. چار رۇسىيە ياردەم قىلىپ فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيىنى بېيجىڭدىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو، چار رۇسىيە بىلەن "بېيجىڭ شەرتنامىسى"نى ئىمزالىدى. 19 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغا كەلگەندە چار رۇسىيىنىڭ قىزىقىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىن يىراق شەرققە يۆتكەلدى. سىبىرىيىنى كېسىپ ئۆتكەن تۆمۈر يولنىڭ ياسىلىشى چار رۇسىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

1895 - يىلى ياپونىيە، مانجۇ - خىتاي خانىدانلىقى ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ئۇرۇشى پارتلىدى. جۇڭگو ماگۇەن شەرتنامىسىنى قۇبۇل قىلىپ، لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى، تەيۋەن قاتارلىق زېمىنلارنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بەردى.

1898 - يىلى چار رۇسىيە لۈيشۈن، لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنى 25 يىللىق توختام بىلەن جۇڭگودىن ئىجارىگە ئالدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، 1900 - يىلى "يىخېتۈەن " قوزغىلاڭچىلىرى كۆتۈرۈلگەن پۇرسەتتە، چار رۇسىيە پۈتكۈل مانجۇرىيىنى ھەربىي ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالدى. ئاسىيادا ياپونىيە چۈچۈشكە باشلىدى....

1902 - يىلى ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيە ھەربىي ئىتتىپاق تۈزى. 1903 - يىلى 7 - ئايدا ياپونىيە، ياپونىيىنىڭ كورىيىدىكى مەنپەئەتىنى چار رۇسىيىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى توغرىسىدا تەكلىپ سۇندى. بۇنىڭغا جاۋابەن ياپۇنىيە چار رۇسىيىنىڭ مانجۇرىيە تۆمۈر يولىغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە مەنپەئەتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى.

1904 - يىلى 2 - ئايدا ياپونىيە، چار رۇسىيىنىڭ لۈيشۈن پورتىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي پارخوتىغا ھۇجۇم قىلدى. ياپونىيە ئارمىيىسى مۇھىم جايلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئىككىنچى باسقۇچتا ياپونىيىنىڭ ئارمىيىسى چار رۇسىيە ئارمىيىسى بىلەن مانجۇرىيە تۈزلەڭلىكىدە ئۇچراشتى. چار رۇسىيە ئارمىيىسى ئۇزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولدى. شۇنداق قىلىپ چار رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى ياپونىيە چەكلىدى.

1905 - يىلى رۇسىيىدە ئىنقىلاب پارتلىدى. 1905 - يىلى 9 - ئايدا ئامېرىكا ئارىلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ پورستموز شەھىرىدە ياپونىيە بىلەن چار رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا "پورستموز كېلىشىمى "ئىمزالاندى. شەرتنامە ئاساسىدا چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى، ياپونىيىنىڭ كورىيىدىكى ئىقتىسادى، ھەربى، سىياسى مەنپەئەتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئوخشاشلا چار رۇسىيە مانجۇرىيىدىكى بارلىق ئىمتىيازلىق ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچتى ھەمدە ساخالىن ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق ئاراللارنى (بۈگۈنكى كۇرىل ئاراللىرى بولسا كېرەك) ياپونىيىگە قايتۇرۇپ بەردى. ("دۇنيانىڭ ئۇمۇمىي تارىخى" خىتايچە نەشرى ئاپتورى لېپتىن سىتاۋروس)

بۇ ئاراللار ئەسلىدە ياپونىيىنىڭ ئاراللىرى ئىدىغۇ؟ كېنەز مۇراۋىيوپ تاجاۋۇز قىلىپ بېسىپ ئالغان ئىدىغۇ؟ بۈگۈنكى تالاش تارتىشقا قارىساق، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى يوللۇقمۇ ياكى ياپونىيە يوللۇقمۇ؟

ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 1945 - يىلى "يالتا شەرتنامىسى" ئىمزالىنىپ "يالتا سىستېمىسى" تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، سابىق سوۋېتلەر بۇ قېتىم يېڭى خەلقئارا شەرتنامە ئىمزالاش ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى 4 ئارالىنى ياپونىيىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالدى. "يالتا شەرتنامىسى"نىڭ ياپونىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرى، ئەينى چاغدىكى "پورستموز شەرتنامىسى"نىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى.

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پرېزىدېنت مېدېۋېدىف ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى كۇرىل ئاراللىرىدا پەيدا بولدى. بەلكى بۇ ياخشىلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر.

بەلكى بۇ 4 ئارالنى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىتمۇ توشۇپ قالغاندۇ. شەرقى ياۋرۇپانىڭ مەسىلىلىرىنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىپ بولغان دېموكراتىك رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى 4 ئارالنىڭ مەسىلىسىنىمۇ چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىپ بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىشقا ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

"ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دىلوسىنى ئاغدۇرۇشقا بولمايدۇ"، "ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ" دېگەنلىك تولىمۇ ئالدىراپ، تەنتەكلىك بىلەن پىكىر قىلغانلىقتۇر. "يالتا سىستېمىسى"نىڭ تۇرغۇزۇلۇشى، "بېرلىن تېمى"نىڭ قۇرۇلۇشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ زور غەلبىسى ئىدى. 1989 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى "بېرلىن تېمى" ئۆرۈلدى. ئوخشاشلا بىر دەقىقە ئىچىدە "يالتا سىستېمىسى" گۇمران بولدى. سابىق پرېزىدېنت بوش "يالتا يىغىنى ئىنتايىن زور تارىخى خاتالىق بولغان ئىدى"دەپ كۆرسەتتى. ئەمما، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راۋلوف ئەپەندى سىز باشقىچە قاراشتا، "ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دىلوسىنى ئاغدۇرۇشقا بولمايدۇ" دېگەن كۆز قاراشتا بولۇۋاتىسىز.

"يالتا سىستېمىسى"نىڭ ئاسىيا سىياسىتى، ئاسىيا ئىستراتېگىيىسى ئاغدۇرۇلماسلىقى كېرەكمىدى، جانابى مىنىستىر راۋلوف ئەپەندى؟