خىتاي ھۆكۈمرانلىرى غالجىرلاشتىمۇ؟

2010 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋەنۋىي تور بىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگولۇقلار ئۈچ يۈنۈلۈشلۈك "قىزىل سىزىق سىزىپ، كىم بۇ سىزىقتىن ئۆتۈپ كېلىدىغان بولسا، ئۆلتۈرىمىز" دەپتۇ.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئەتراپىدا ھەقىقەتەن كۆپ خىل ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. قورال ئىشلىتىش توغرىسىدىكى قىقاس - چۇقانلار قۇلاقنىڭ تۈۋىدىن كەتمەيدىغان بولدى. توۋلاپ قويۇش، ۋارقىراپ قويۇش، پوپوزا قىلىش بۇ باشقا بىر گەپ، "تىنچلىق دەۋرىدە خەتەرنى ئويلاپ، ئۇرۇش يولىنى تاللاپ ئېلىشنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ" دېيىش بۇ يەنە باشقا بىر گەپ.

قىزىل سىزىق، "1 - جۇڭگو ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ھەر قانداق ئۇرۇش قىلىشىدىن قورقمايدۇ". كىم - كىمگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ؟ پىكىر ئېنىق ئەمەس. 60 يىلدىن بېرى دەيدۇ، ئاپتور: "جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەر قانداق دۆلەت تېڭىپ كەلگەن ھەر قانداق ئۇرۇشتىن قورقمىدى."

بۇ يەردە ئاپتور بىر ئاز ئاشۇرۇۋەتتىمۇ نېمە؟ ... "قىزىل سىزىقتىن كىمدۇ بېرى ئۆتكەندە دۆلىتىمىز يوقىلىدۇ، ئىرقى يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىمىز ... دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە بۇ قىزىل سىزىققا شەرتى توشىدىغانلار ... ئۈچ رايوننىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئىنتايىن جىددىي مۇستەقىللىقتۇر ... دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشى ناھايىتى ئېغىر دۆلەت خاراكتېرلىك بوھران كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ..."

دېمىسىمۇ ئاپتور دېگەندەك، ئەگەر دەيلى، تەيۋەن شەكلى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ، قانۇنلۇق مۇستەقىللىقنى قوغلىشىپ تەيۋەن ئارىلىدا مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلا بولسا، جۇڭگودا دۆلەت يوقالمايدۇ. ئەمما، كوممونىستىك پارتىيە بىر كېچىدە چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىدۇ.

تاشقى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت ئارمىيىسى، دۆلەت پارتىيىسى، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بىر كېچىدە چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىپ، ھاكىمىيەت كوممۇنىست خىتايلارنىڭ قولىغا قالغان ئەمەسمىدى؟

ھەر قايسى دۆلەتلەر تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى دېيىشىدۇ. بۇ پەقەت ئېغىزدىكى يەل بولۇپ، تەيۋەندە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بىر نەپەر ئەسكىرىمۇ يوق. ياكى تەيۋەننىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا كوممونىستىك پارتىيىنىڭ ئىككى كىشىلىك ياچېيكىسىمۇ يوق. ئامېرىكا تەيۋەننى ياپونىيىنىڭ قولىدىن ئېلىپ چىقىپ، قېچىپ كەلگەن خىتاي جاڭ جېشىغا بوشىتىپ بەرگەن كۈندىن ھېسابلىغاندا، تەيۋەندە بىر ھاكىمىيەت گومىنداڭ پارتىيىسى بۇ ئارال دۆلىتىنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە. تەيۋەن قانداقسىگە جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولىدۇ ئەمدى؟

مەيلى تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىلار بولسۇن، مەيلى تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ياپونىيە بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىلار بولسۇن، شەرتنامىلار، باياناتلار پەقەت شەكىلدىكى يازما ھۆججەتلەر بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە، ياكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسى، ياكى ياپونىيىنىڭ پارلامېنتى ياكى تەيۋەننىڭ مەمۇرى پالاتاسى بۇ ھۆججەتلەرنى تە ستىقلاپ قانۇنغا ئايلاندۇرغان ئەمەس. ئۇنداقتا،جۇڭگولۇقلار نېمىگە ئاساسلىنىپ تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى دەيدۇ؟ جۇڭگولۇقلار شۇنداق دېگەنلىكى ئۈچۈن، جۇڭگولۇقلار تەيۋەننى ئازات قىلمىز دېگەنلىكى، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا، جۇڭگولۇقلار قورال ئىشلىتىمىز دېگەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتە تەيۋەن مەسىلىسىنى نازۇك مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇڭا، تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھامان چوڭ قۇرۇقلۇقتا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىر كېچىدە گۇمران بولىدۇ. چۈنكى، تەيۋەن مەسىلىسى بويىچە كوممۇنىستلار پۇقرالارغا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بولىدۇ.

ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتا تەيۋەن توغرىسىدا نېمە، "ۋەتەننىڭ بىرلىكى" دەيدىغان قانۇنمۇ ماقۇللىنىپ بولدى. قارىغاندا قىزىل سىزىقمۇ سىزىلىپ بولدى، تەيۋەن قاچان قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ساقلاپ تۇرۇشقا ھاجەت قانچىلىك ئىدى؟ تەشەببۇسكارلىق چوڭ دۆلەت جۇڭگونىڭ قولىدا تۇرۇپتىغۇ؟ ئەگەر، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى دېيىلىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا جۇڭگودا ئىككى پارتىيە، ئىككى خىل ھەربىي كۇچ، ئىككى خىل ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولىدۇ. ئاتالمىش جۇڭگو ئىنقىلابى غەلىبە قىلمىغان، پەقەت ماۋزېدۇڭ بىلەن جياڭ جېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش - تارتىشلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولمامدۇ؟

تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ تېررىتورىيىسى مەسىلىسى ئەمەس، پەقەت ئىسيان كۆتۈرگەن كوممونىستىك پارتىيە، جۇڭگونىڭ ئەسلى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىسى گومىنداڭ مەسىلىسنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدۇر دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا تەيۋەن جۇڭگونىڭ زېمىنى ھېسابلانمايدىكەن، تەيۋەندە ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان گومىنداڭ پارتىيىسى ۋە دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ھەر دەقىقىدە مۇستەقىللىق جاكارلاش ھوقۇقى بولىدۇ.

تەيۋەنگە قىزىل سىزىق سىزىپ بەرگەنلەر، ئۇرۇش توغرىسىدا قولاق تۈۋىدە داۋراڭ قىلىۋاتقان ئادەملەر شۇ ۋاقىتقا يەتكەندە زادى قانداق قىلغۇلۇق؟!