پرېزىدېنت ئوباما 13 - كۈنى توكيوغا يېتىپ كېلىپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۈنجى قېتىملىق ئاسىيا زىيارىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىلىرى ھۆكۈمەتكە تەۋە گېزىتلەردە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئامېرىكىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشنى باشلىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرى، نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالغاندا، تەكىتلەۋاتقان "ئىستراتېگىيىلىك ئىشەنچ مەسىلىسى،" ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، جانىجان قىممەت قاراشلىرىنى تولۇق ئويلاشقانمۇ - يوق؟ دىدى، گۇمانى سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەتى نېمىدۇر؟ خىتاينىڭ بىر نەپەر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى ماقالە يېزىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى خەلقئارا ۋەزىيەت ئاستىدا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ جۇڭگو سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى، باش كۆتۈرگەن جۇڭگوغا قانداق ماسلىشىش مەسىلىسى بولۇشى كېرەك؛ مۇتەخەسسىس ۋۇ شىنبۇ: ئامېرىكا، جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ماسلاشقاندا ھالقىلىق مەسىلە شۇ يەردىكى، جۇڭگونىڭ كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان ئۇنىۋېرىسال دۆلەت كۈچىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى، جۇڭگونىڭ جانىجان دۆلەت مەنپەئەتىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىناۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قەدىرلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. قالتىس گەپ، ھازىر خىتاي زىيالىيلىرى ئامېرىكا بۇ دۆلەتكە بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتىمۇ؟ ئادەتتە كۆرەڭ كىشى ياكى كۆرەڭ مىللەت ھېچ قاچان ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باققان ئەمەس . شۇڭا كۆرەڭ خىتاينىڭ كۆرەڭ ئالىملىرى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى توغرىسىدا نېمە ئىشلارنى قىلىشى ھەققىدە ئامېرىكىغا كۆرەڭلىك بىلەن تەنبىھ بەرمەكتە.
ئامېرىكا تەرەپنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا جۇڭگونىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە قانداق كۆڭۈل بۆلۈشى مەركەزلىك ھالدا تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، شىنجاڭ - ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىدە ئىپادىلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى، خىتاينىڭ ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىغۇچى مۇتەخەسسىسلىرى.
ئىستراتېگىيىلىك ئىشەنچ دېگەن قانداق نېمە، ئۇ ؟ دەپ سوئال قويدى ئامېرىكىنىڭ سابىق ئەمەلدارى كىللىي كەرري خانىم. ئىستراتېگىيىلىك ئىشەنچ فونكىسىيىسى ئاستىدا ئامېرىكا تەرەپ بېيجىڭنىڭ جانىجان مەنپەئەت تەلىماتىغا قەدەممۇ - قەدەم ئەگىشەمدۇ ياكى بېيجىڭنىڭ جانىجان مەنپەئەت سىياسىتىگە خىرس ئېلان قىلامدۇ؟ كىللى كەرري خانىم بۇ يەردە نېگىزلىك بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ يىل 1 - ئايدا پرېزىدېنت ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 9 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتى بىر قېتىم چايقىلىشنى باشتىن كەچۈرگەندە 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، شىنجاڭ - ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى ئامېرىكا جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن نازۇك مەسىلە دەپ كۆرسەتكەن. تەكرارلاشقا تېگىشلىك مەسىلىنى داۋاملىق تەكرارلاش كېرەك، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسى پرېزىدېنت ئوباما بىلەن پرېزىدېنت مىدۋىدېيىفنىڭ سۆھبىتىدە موسكۋادا تىلغا ئېلىنغان،7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا، جۇڭگو دۆلەتلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسىتراتېگىيىلك سىياسى سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالدى (ياپۇنىيە "ئاساخى شىمبۇن گېزىتى" 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى).
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى رەئىس خۇ جىنتاۋ نيۇيورك شەھىرىگە يىتىپ كېلىپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن نازۇك مەسىلە - تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت، ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا پرېزىدېنت ئوباماغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئەمدى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى پرېزىدېنت ئوباما ئاسىيا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى توكيوغا يىتىپ كەلگەندە، خىتاينىڭ تەتقىقاتچى مۇتەخەسىسلىرى ھۆكۈمەتكە تەۋە مەتبۇئاتلاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، تەيۋەن، تىبەت، ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى - خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەتى مەسىلىسىنى ئامېرىكىلىقلار ھۆرمەت قىلىشى ۋە جۇڭگونىڭ جانىجان مەنپەئەت تەلىماتىغا ئامېرىكىلىقلار ماسلىشىشى كېرەك دەپ كۆرەڭلىدى. دەل شۇنداق پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ سابىق ئەمەلدارى كىللى كەرري خانىممۇ: ئامېرىكا بېيجىڭنىڭ جانىجان مەنپەئەت تەلىماتىغا ئەگىشەمدۇ ياكى ئامېرىكا خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەت تەلىماتىغا خىرىس ئىېلان قىلامدۇ؟ دەپ سوئال قويۇپ، كەسكىن بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى.
ھازىرغىچە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئالاقىدار تەتقىقات ئورگانلىرى ياكى ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، شىنجاڭ - ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن نازۇك مەسىلە دەپ تىلغا ئىېلىپ باقمىدى . لېكىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى پەقەت "مۇرەككەپ"، "ئىختىلاپلار مەۋجۇت" دېگەن ئۇقۇملار بىلەنلا شەرھىلەپ كەلدى. بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟ سىياسى جەھەتتە پىشىپ يېتىلىگەن بىر دۆلەت، ئەنەنىۋى قىممەت قاراشلىرى بىلەن جانىجان دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ئەخلاق قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرگەن بىر دۆلەت بەلكى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتنىڭ، يەنى ھەل قىلغۇچ دەۋرنىڭ يىتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان دۆلەتتۇر.