خىتاينىڭ ئاتاقلىق قانۇنشۇناسى، يۋەن خۇڭبىڭ ئەپەندى يازغان"تەيۋەنگە كېلىدىغان ئاپەت" ماۋزۇلۇق كىتاب رەسمى بازارغا چىقماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ مەخپىي ئىشلار ئورگانلىرى كىتابنىڭ مەزمۇنىنى قولغا چۈشۈرۈپ يۇقىرىغا يوللىغاندا، خىتاينىڭ سىياسى بيۇروسى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قارار ماقۇللاپ " دۆلەت قۇرۇلغاندىن بېرىكى، ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان بىر ۋەقە" دەپ، ھۆكۈم قىلدى. جۇڭنەنخەينى زىلزىلىگە سالغان بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى 2012 - يىلىدىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنىنىڭ سىياسى، ھەربى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ساھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش ئىستراتېگىيىسى ۋە تاكتىكىسىغا بېرىپ تاقىلاتتى.
ئاپتور پروفىېسسور يۋەن خۇڭبىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە: خىتاي پارتىيىسىنىڭ ھوقۇق قاتلىمىدىكى ۋىجدانلىق، ئەخلاقلىق كىشىلەر ئىنتايىن زور خەتەرگە قارىماي، خىتاي پارتىيىسىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسى ئىستراتېگىيىلىك پىلانىغا ئائىت ماتېرىياللارنى يۋەن خۇڭبىڭ ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، شۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا يۋەن خۇڭبىڭ ئەپەندى "تەيۋەنگە كېلىدىغان ئاپەت" ماۋزۇلۇق بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان. كىتابتا ئەركىن، دېموكراتىك تەيۋەنگە خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ قانداق تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلىگەن.
تور بىتىگە خەۋەر يازغۇچى مۇخبىر ئەپەندى، پارتىيە ئىچىدە ھاكىمىيەتتە يۇقىرى قاتلامدا ئەخلاقلىق كىشىلەر مەخپىيەتلىكنى پاش قىلدى دېگەن گەپ، مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا، يۋەن خۇڭبىڭ ئەپەندى توختىلىپ ئۆتكەن، يۇقىرى قاتلامدا يۈز بەرگەن ئىچكى كۆرەشنىڭ سىياسەتكە تەسىر قىلىشى ئاستىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ دېيىلگەن بىر ئىشنىڭ ئۈستىگە "تەيۋەنگە كېلىدىغان ئاپەت" ماۋزۇلۇق كىتاب نەشر قىلىنىپ، تەۋرىنىپ تۇرغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسى مۇھىتىغا بىر تال بومبا بولۇپ تاشلاندى دەپ، كۆرسەتتى.
2008 - يىلى 6 - ئايدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى، تەيۋەن خىزمىتىگە ئالاقىدار ئورگانلار مەخپىي يىغىن ئېچىپ بۇ يىغىندا، 2016 - يىلىدىن بۇرۇن، ئۇرۇش قىلماي تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى. قاراردا خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئارقىلىق تەيۋەننىڭ دېموكراتىك جەمئىيىتىنى كونترول قىلىش، ئومۇمى ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتنى ئىككى باسقۇچ بويىچە يولغا قويۇش، 1 - قەدەمدە 2012 - يىلىدىن بۇرۇن، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە تەيۋەن بىلەن ئەتراپلىق ئالماشتۇرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۈش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تەيۋەن جەمئىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ 2012 - يىلىدىن كېيىن سىياسى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەيۋەننى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش.
مېنىڭچە بولغاندا "سىڭىپ كىرىش"،" كونترول قىلىش"، " 2012 - يىلىدىن كېيىن سىياسى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەيۋەننى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش" دەيدىغان جۈملىدىكى سىياسى مەزمۇنلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ ھازىرقى ئىككى دۆلەتلىك مۇناسىۋەتلىرىدە يولغا قويۇلغان بېرىپ - كىلىشلەردىن قارىغاندا سىياسەتتە ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوق.
مەسىلەن، تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ليەن جەن بىلەن خۇ جىنتاۋ 2005 - يىلىدىن ھېسابلىغاندا جەمئى 5 قېتىم ئۇچراشتى. خىتاينىڭ تەيۋەن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن تەيۋەن قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىمۇ بېرىپ - كېلىش ئارقىلىق ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ قېتىم پەخرى رەئىس ليەن جەن، پرېزىدېنت ما يىڭجيۇنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە سىنگاپورغا بېرىپ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىدا رەئىس خۇ جىنتاۋ بىلەن ئالاھىدە ئۇچراشتى. نۆۋەتتە تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ تىنچ يول بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشنىڭ تەييارلىقى، بۈگۈن ياكى تۈنۈگۈن باشلانغان ئىش ئەمە س، ئاللىبۇرۇن 1972 - يىلى سابىق پرېزىدېنت نىكسون شاڭخەيگە چۈشكەندە، 1979 - يىلى ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، جۇڭخۋا خەلق رېسپوبلىكىسىنى جۇڭگونىڭ بىردىن - بىر قانۇنىي ھۆكۈمىتى دەپ ئېتىراپ قىلغان كۈندىن ھېسابلىغاندا، توپ - توغرا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى.
بۇ يەردە بىز قىزىقىدىغان مەسىلە تەيۋەن، خىتاي دۆلەتلىرىنىڭ شىرىن ئايلىرى باشلاندىمۇ؟ بەلكى چۇڭقۇر قاتلامغا يوشۇرۇنغان سىر نېمە؟ دېگەن مەسىلىدۇر.
