بىر ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن سىياسى ھادىسىلەر
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2009.11.24
2009.11.24
بىر كۈن ياكى ئىككى كۈننىڭ ئالدى - كەينىدە بېيجىڭدا سىياسى قانۇن ئۇنىۋېرستېتى تەرىپىدىن "شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىنلا "تەيۋەن تىنچ ئوكيان مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى " تەرىپىدىن ئىككى دۆلەت - جۇڭگو، تەيۋەنىنىڭ ھەربىي، دىپلوماتىيە، سىياسەت ئىشلىرى بويىچە تەيبىدە "مۇھاكىمە - تەتقىقات يىغىنى" ئۇيۇشتۇرۇلدى.
"شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى"دا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئىنتايىن نازۇك، ھەقىقىي ۋە ماھىيەتلىك، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە چېتىشلىق، ئاپتونوم رايون مەمۇرىي بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، كەسكىن سىياسىي ئىبارىلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا، شۇنداق سىياسىي ئىبارىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغان، ئاز - تولا سىياسى كاللىسى بارلىكى ئادەم چۇچۈش ھېس قىلماي تۇرالمايدۇ. يىغىندا جۇڭگو سىياسى قانۇن ئۇنىۋېرىستېتى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گو جىيۇ ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ،" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بىرى يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى " كۆرسەتتى. چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى "ھازىر خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتى ۋە تۈزۈم ئەمەلىيەتتە ئىمپېراتورلۇق تۈزۈمى بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئەمەس. ئەگەر خىتايدا ھەقىقىي ھالدىكى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كېرەك دەيدىكەنمىز، ئۇ چاغدا دالاي لاما، رابىيە قادىر قاتارلىقلارنىمۇ خىتايغا چاقىرىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئەركىن ھالدا سايلامغا قاتنىشىشىغا، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىشىگە يول قويۇش كېرەك " دەپ كۆرسەتتى. خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ جىمىن ئەپەندى، "بىز ئۇيغۇرلارغا ھەم سىياسى ھەم دىنىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىۋاتىمىز" دەپ، كۆرسەتتى. ئۇيغۇر زىيالىيىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئۇلار، " ئۇيغۇرلار بۇ 60 يىلدىن بېرى ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىدى، بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى، بۇ يىللاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرى يۆتكەپ كېلىندى "دەپ كۆرسەتتى.
يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسسلەردىن خۇنەن ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى پروفېسسورى شۇ جىمىن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس زېمىنى" دەيدىغان قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىپ، بۇ زېمىنغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى يۇمۇرلۇق ھالدا تەنقىد قىلدى. بېيجىڭ سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرىستېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان "شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" ھەقىقەتەن غەلبىلك ئېچىلدى. بەلكى جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي سىياسىي جامائەت پىكرى ... تەييارلاشنىڭ تۈنجى قەدىمى بولۇپ قالدى."
ئادەتتە بىر نەپەر موزدوز خىتايمۇ بۇنداق سۆزلىمىگەن بولاتتى، قانۇنشۇناسلار ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلەپ قالدىغۇ؟ بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى "شىنجاڭغا ئەۋەتكەن 400 كىشىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە تەكشۇرۈش ئېسلىپ بارغان" ئىمىش. بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 400 نەپەر كىشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭدا ئېرىشكەن نەتىجە زادى نېمىدۇر؟ خىتاينىڭ تۇراقلىق ئىبارىلىرىدىكى "ئات ئۇستىدە گۈل كۆرۈش" دېگەن شۇ ئەمەسمىدۇ؟ دىپلوماتلار ۋە يۇقىرى قاتلام كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن 28 نەپەر خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان، 85 نەپەر تەيۋەنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت ئەربابلىرى قاتناشقان، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە چاقىرىلغان "مۇھاكىمە، تەتقىقات يىغىنى" تەيبىدە ھېچقانداق يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلمايلا ئاخىرلاشتى.
سەۋەبى نېمىدۇ؟ دېگۈدەك ئوخشاش ۋاقىتتا، ئۇيغۇرىستانغا ئەۋەتىلگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىمۇ تەكشۇرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلمايلا، بۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى. بۇ سىياسى ھادىسىلەر يۈز بەرگەن ۋاقىت پرېزىدېنت ئوباما جۇڭگونى زىيارەت قىلغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى. تاسادىبىمىدۇ ياكى تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشمىدۇ؟ مەسىلەن، بېيجىڭدا، سىياسى قانۇن ئۇنىۋېرىستېتى ئۇيۇشتۇرغان "شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى"، تەيبىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىق "مۇھاكىمە - تەتقىقات يىغىنى" تاسادىپىيلىق ئىچىدە پاراللىل بۇلۇپ قالغان ئىشمىدۇ ۋە ياكى نېمە؟!