ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىنىش ئىقتىدارىنىڭ پىشىپ يىتىشكەنلىكىنى، ئۆزىگە قايتىپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلاردا كوللېكتىپ ئاڭنىڭ پىشىپ يېتىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن نامايىشلار بولۇپ قالدى. بۇ نامايىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغانغانلىقىنى ۋە داۋاملىق ئويغىنىۋاتقانلىقىنى ئەمەلى ھەرىكەت ئارقىلىق تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.
ئويغىنىش ھەرىكىتى - مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتى، دىنىي ئېتىقادى - ئويغىنىش ھەرىكىتى، ئىقتىسادى ئويغىنىش - مىللىي گۈللىنىش ھەرىكىتى، ئەنئەنىچىلىك ۋە ئەنئەنىچىلىكىنى توغرا نىشانغا يېتەكلەش ھەرىكىتى، تارىختا مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇش ھەرىكىتى بولۇپ ئىپادىلىنىپ كەلگەن. 100 مىڭ كىشىلىك كۆچ - كۆچ ۋەقەسى غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار 1944 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تارتقۇزۇپ قويۇپ 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابغا 17 يېشىدا قاتناشقان كىشىلەر 34 ياشقا كىرگەن چاغلاردا پارتلىغان نامايىش ۋەقەسى ئىدى. بىز تەكىتلەۋاتقان ئويغىنىش ھەرىكىتى ئاخشىمى يېتىپ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس. ئويغىنىش ھەرىكىتى مىللىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشى يەنى مىللىي ئاڭ دېگىنىمىز - ئادەتتە پەرق ئىتىش، پەرقلەندۈرۈش ئېڭى، سېلىشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە بولۇشى، ھۆكۈم قىلىشنىڭ مىللىي مەنپەئەتكە ئۇيغۇن بولۇشى دېگەنلىكتۇر. ئويغىنىش ھەرىكىتى قورقۇشتىن، مىللىي ئاڭسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ئەلەڭ - سەلەڭ قاراپ تۇرۇشتىن قۇتۇلۇپ، قورقماسلىقنى ئاڭلىقلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بارلىقىنى ۋەتەنگە ئاتاش دېگەنلىكتۇر. "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" بۇ قېتىم بۇ نوقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.
ئۇيغۇرلار ئۇمۇميۈزلۈك ئويغىنىش دەۋرىگە يېتىپ كەلگەنمۇ؟ يېتىپ كەلدى. مەيلى ئاڭلىقلىرى، ئاڭسىزلىرى، دېھقانلىرى، زىيالىيلىرى، ئوخشاشلا شۇنداق ئويغىنىش دەۋرىگە يېتىپ كەلگەنمۇ؟ يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىم ئۈرۈمچى نامايىشىدا ئۆلۈمگە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، " خوش دادا، خوش ئانا! مىنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭلارغا رازى بولۇڭلار! ۋەتىنىمگە سالام ئېيتىڭلار! ئازادلىققا ئېرىشكەندە بىزنى ئەسلەپ قويۇڭلار!" دېيىشتى.
ئويغىنىش ھەرىكىتى دېگەن نېمە؟ گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ كانت مۇنداق كۆرسەتكەن: "ئويغىنىش ھەرىكىتى دېگەنلىك - ئىنسانىيەت ئۆز - ئۆزىگە تېڭىپ قويغان پىشىپ يېتىلمىگەن ھالەتتىن قۇتۇلۇش دېگەنلىكتۇر. پىشىپ يېتىلمىگەن ھالەت دېگىنىمىز، ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە تايانماي، ھەرقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالماسلىق دېگەنلىكتۇر، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئەقىل - پاراسەتنىڭ كەملىكىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە تايانماي تۇرۇپ، ئىشلىتىشكە تېگىشلىك غەيرەت، شىجائەت ۋە ئىرادىنى كەم ئىشلىتىشتىن ئىبارەت . پىشىپ يېتىلمىگەن ھالەت، ئىنسانىيەت ئۆز - ئۆزىگە تېڭىپ قويغان پىشىپ يېتىلمىگەن ھالەتتۇر. غەيرەت - شىجائىتىڭلا بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئۆزەڭنىڭ ئەقىل - پاراسىتىڭنى ئىشلەت! مانا بۇ ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ شوئارىدۇر."
