بىرىنچى، پۇقرالارنىڭ نامايىش قىلىپ كوچىغا چىقىشى، ئىككىنچى ئىقتىسادى كاساتچىلىق، ئۈچىنچى يۇقىرى قاتلامدا ئۇۋىسىدا ئېلىشىش. ئۈچ خىل كۈچ بىر - بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن، بىر - بىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن، بۇ كۈچنى ھەر قانداق كۇچ توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئازاپ - ئوقۇبىتى، ئاچچىق - نادامىتى جۇغلىنىپ جۇڭگو جەمئىيىتى خۇددى سەرەڭگە چېقىلسىلا ئوت تۇتىشىدىغان قۇرۇق ئوتۇنغا ئايلىنىپ قالدى.
ليۇ شاۋجۇ مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: پۇل - مۇئامىلە كىرىزىسى، ئىقتىسادى كاساتچىلىق،دالىدا يانغان ئوتقا ئوخشاپ قالدى. ۋىڭئەندىن تارتىپ - شىنجىنغىچە، جىشوۋدىن تارتىپ - شىئەنگىچە، چۇڭچىڭدىن تارتىپ لۇڭ نەنگىچە پۈتۈن جۇڭگو زېمىنى پۇقرالارنىڭ سىياسى سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالدى، بىراق، ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ قەشقەر ئۆلكىسى سەمەن يولىدىن - مۇستەملىكە تىبەت لاساغىچە دەپ تىلغا ئالمايدۇ. بۈيۈك ئىمپېرىيىلەرنىڭ گۇمران بولۇشىغا سەۋەب بولغان مەسىلىلەرنىڭ تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا مىللىي مەسىلە، مىللەتلەر مەسىلىسىگە باغلىق بولۇپ كەلگەن تارىخنىڭ پاكىتلىرىنى ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى ئىسىدىن چىقىرىپ قويغان بولسا كېرەك.
مىنىڭ قارىشىمچە، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان بىلەن تىبەت مەسىلىسى خىتاينى ئوڭ تەرەپكىمۇ، سول تەرەپكىمۇ سالام قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويمىغان بولسا، ئۇيغۇر بىلەن تىبەت مەسىلىسى خىتاينى سەددىچىننىڭ ئىچىگە قايتىپ كېتىش تەھدىتىگە گىرىپتار قىلىپ قويمىغان بولسا، خىتاي، خىتايغا تەلەپ قىلغان دېموكراتىيىنى بېرىۋەتكەن بولاتتى.
خوش، ليۇ شاۋجۇغا قايتىپ كەلسەك، ليۇ شاۋجۇ ماقالىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەر ۋە ھەرىكەتلەر زورىيىشقا، كۆلەملىشىشكە قاراپ تەرەققى قىلدى. بىرلىشىش، ئالاقىلىشىش كۈنسايىن ئېنىق بولدى.خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتى بىرىنچىدىن بىخ ھالىتىدە يوقىتىش ئۇسۇلىنى تاللاپ ئالدى. ئىككىنچىدىن باستۇرۇش ۋاستىسىنى تاللاپ ئالدى. تۇتاشقان ئىنقىلابنىڭ ئوتىنى باستۇرۇش بىلەن ئۆچۈرۈشكە بولاتتىمۇ؟
بۈگۈن، چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە ئۈچ دەريا دېلتىسىدا بىر يۈرۈش كارخانىنى ۋە بىر يۈرۈش زاۋۇتنى قۇتقازغاندا، بىر دەرىجىلىك يامان ھېسابات بانكىلارغا قوشۇلىدىغان بولدى. بىرەر زاۋۇت ياكى بىرەر كارخانا تاقالغان ھامان بىر تۈركۈم ئىشسىز ئىشچىلار كوچىلارغا چىقتى. بانكىلارنىڭ يامان ھېساباتى بىلەن كارخانىلارنىڭ گۇمران بولۇپ تاقىلىشى ئوتتۇرىسىدا، پۇل - مۇئامىلە كىرىزىسى بىلەن ئىشسىزلىق كىرىزىسى ئوتتۇرىسىدا بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى سەكراتقا چۈشتى. جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق دېسە ئۇمۇ يوق بولدى، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش دېسە بۇمۇ يوق بولدى. ئادەمنى - ئادەم باشقۇرۇش دېگەندىمۇ ئادەمگە ئوخشايدىغان ئادەم يوق بولدى. ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، رەڭۋازلىق، داغۋازلىقتىن باشقا، خۇشامەتچىلىكنى ۋاستە قىلغان خىيانەت قىلمايدىغان ئەمەلدار بولمايدىغان بىر جەمئىيەت ئەلۋەتتە بۇ جۇڭگۇ جەمئىيىتى بولۇپ قالدى.
جەمئىيەتنىڭ سىياسى قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەندە بۇزۇش بولىدۇ ۋە قۇرۇش بولىدۇ. پۇقرالارنىڭ نامايىش بىلەن كوچىغا چىقىشى كۇچ توپلىغانلىقتۇر. پۇقرالارنىڭ پۇقرالارغا ياردەم بېرىشى يېڭى ئەخلاقنى تۇرغۈزغانلىقىدۇر. قىسقىسى بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، جۇڭگو جەمئىيىتى قۇرۇق ئوتۇنغا ئايلىنىپ قالدى. مەركەز - جۇڭنەنخەي ئازا - مۇزا سۆزلەشكە باشلىدى دەيدۇ، ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى.
پۇقرالارنىڭ كوچىغا چىقىشىنىڭ قېتىم سانى ئاشقاندا جەمئىيەت سىياسى ئۆزگىرىش دەۋرىگە كىرىپ كېلىدۇ، ۋاقىت 2009 - يىلىدۇر! ليۇ شاۋجۇ نېمە دېمەكچى بولىدۇ؟ " مۇستەملىكىچى خىتايلارغا بۇنىڭدىن ئېسىل پەسىل يوق، 2009 دىن ئاشمىسۇن يېشىڭ " دېمەكچى بولىدۇ.