"ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتى ئىقتىسادى مەنپەئەت ئىۈچۈن جۇڭگوغا ھەددىدىن زىيادە يول قويۇپ، تەيۋەننىڭ دېموكراتىيىسى ۋە ئەركىنلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن" دەيدۇ ئاپتور. بىزنىڭچە بولغاندا ۋەزىيەتكە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلغاندا، يىرىكلىشىپ تۇرغان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، بولۇپمۇ جۇڭگو دائىرىلىرى تەيۋەنگە ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى قويۇپ - تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى دەپ تەكرارلاپ تۇرغاندا، تەيۋەن رەھبەرلىرىنىڭ پەقەت ئىقتىسادى مەنپەئەت ئۈچۈنلا تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى قۇربان قىلىۋېتىشى مۇمكىنمىدۇ؟
تەيۋەن ئەمەلىيەتتىكى مۇستەقىل دۆلەت ئىدى، لېكىن ئاستا - ئاستا شاڭگاڭغا ئوخشاش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمگە يېقىنلىشىپ قالدى ... جۇڭگوغا بىقىندى بولۇپ قېلىش ئېھتىياجى دەرىجىسىنىڭ پاكىتتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىگە تەيۋەن ئىشىنىشكە باشلىدى ... تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن سىياسى جەھەتتە يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بېيجىڭنى غەزەپكە كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىنى قوشۇمىسىنى تۈرۈشكە مەجبۇرلىغاندا ... نۆۋەتتە گومىنداڭ گويا، باشقا بىر ئاخىرىقى چەككە يېقىنلاپ قالدى ... دېدى ئاپتور.
تەيۋەندە دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇنداق پىكىر قىلدى: قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەت ئۈچۈن ما يىڭجۇ، بېيجىڭغا يول قويدى. بۇ ئەھۋال بېيجىڭنىڭ باشقۇرۈشىغا ئۇچرىمايدىغان تەيۋەننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۇچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇ خىل تاكتىكا بېيجىڭنىڭ تەسىر كۇچىنى ئاشۇرۇپ، بۇ تاكتىكىنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى، تەيۋەننىڭ مەلۇم دەرىجىدە خەلقئارا ماكاننى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدە قانۇنلۇق مەنپەئەتى بارلىقىنى خىتاي كوممۇنىستلىرى قوبۇل قىلامدۇ - قىلمامدۇ، دېگەن مەسىلە تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى. تەيۋەن بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلا بولسا، بېيجىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنى ئوڭايلا ئىجرا قىلىدۇ، بەلكى كۆپلىگەن تەيۋەنلىكلەر بۇنداق تۈزۈمگە قارشى تۇرسىمۇ.
قارىغاندا كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىشىچە، تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان گومىنداڭ پارتىيىسى جۇڭگو بىلەن تەيۋەننى بىرلەشتۈرۈشكە ئىقتىساد ساھەسىدىن كۇچ چىقىرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. پرېزىدېنت ئوباما جۇڭگونى زىيارەت قىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن پىكىر تەكرارلانغان ئىدى. پەخرى رەئىس ليەن جەن بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن تەيۋەنگە قارىتىپ "كونفىدېراتسىيە" دۆلەت شەكلىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
لى دىڭخۇي "ئىككى دۆلەت نەزىرىيىسى" نى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. سابىق پرېزىدېنت چىن شۈيبيەن "فىدېراتسىيە" دۆلەت شەكلىگە قارشى تۇرۇپ، "ئۇ تەرەپ بىر دۆلەت، بۇ تەرەپ بىر دۆلەت" دېگەن دۆلەت شەكلىنى تەشەببۇس قىلغانتى. بەزى ىسياسەتچىلەر " بىر دۆلەتتە 3 خىل تۈزۈم "دۆلەت شەكلىنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بەزى سىياسىئونلار "ئوتتۇرا مۇساپىلىق كېلىشىم" نى تەشەببۇس قىلىشقانتى. ئاخىرىدا پرېزىدېنت ما يىڭجۇ، خىتاي تەرەپ بىلەن "ئىقتىسادى ھەمكارلىق كېلىشىمى" ئىمزالىماقچى بولدى. بىراق يىل ئاخىرىغىچە ئىمزالىنىشى كېرەك ئىدى، توختاپ قالغاندەك قىلامدۇ - نېمە؟
شاڭگاڭ جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىلدى، ئاۋمىن جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىلدى، جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغاچقا، مۇبادا تەيۋەن جۇڭگوغا "قوشۇلۇپ" كېىتىدىغان بولسا، ياكى "ئاپەت"تىن، ياكى "بەخىت"تىن دېرەك بەرگەندەك، "قوشۇلۇپ كېتىش" ئۇيغۇرىستان بىلەن تىبەتنىڭ تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ تەيۋەن بىلەن جۇڭگو بىرلىشىدىغان بولسا، تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئۈچۈن "ئاپەت"ياكى "بەخىت" تىن ئىېيتقاندا، ئاپەت"تىن دېرەك بېرەمدىغاندۇ ياكى" بەخىت" تىن دېرەك بېرەمدىغاندۇ؟
