ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ قارارى چەكلەش كۇچىگە ئىگىمۇ ؟

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى 12 - نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئىېچىلىشتىن 4 كۈن بۇرۇن 11 - ئاينىڭ 26‏ - كۈنى فىرانسىيىنىڭ سىتارىسبورگ شەھىرىدە ياۋرۇپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، ئۈلۈم جازاسى بىرىشنى توختىتىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتتى.

0:00 / 0:00

ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قېتىم ماقۇللىغان قارار لايىھىىسى بەلكىم ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسىتىنىڭ تەركىبىگە كىرىپ دىپلوماتىيە ساھەسىدە دائىمى سىياسەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بىر نەپەر ئۇيغۇر قىز ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارى چەكلەش كۇچىگە ئىگىمۇ دەپ پىكىر قىلدى. ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ قانۇن لايىھىسى ۋە قارار لايىھىىسىگە ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى قول قويغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارار لايىھىسى ۋە قانۇن لايىھىلىرىگە پرېزىدېنت قول قويغاندا ئاندىن قانۇنلۇق كۇچكە ۋە چەكلەش كۇچىگە ئىگە بولىدۇ.

مەن شەخسەن ھازىرغىچە ياۋرۇپا پارلامېنتى رەئىسىنىڭ ياكى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلىتى پرېزىدېنتىنىڭ، بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قايسى بىر دۆلەتنىڭ دەپسەندە قىلغانلىقى توغرىسىدا پارلامېنت ماقۇللىغان قانۇن لايىھىسى ياكى دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان قارار لايىھىسى، ياكى قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

ياۋرۇپا پارلامېنتى قاچاندىن باشلىدى،خەۋىرىم يوق ئىكەن، ئامېرىكىنىڭ دولەت مەجلىسى 90 - ،91 - يىللاردىن باشلاپ خىتايدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خا تىرىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان ئىدى. بىلىشىمچە، كىشىلىك ھوقۇق سابىق پرېزىدېنت كارتېر ۋەزىپە ئۆتىگەن يىللاردىن باشلاپ، ئامېرىكىدا تاشقى سىياسەتنىڭ تەركىپىگە ئايلاندى.

شۇ كۈندىن باشلاپ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىز كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىلىرى، بۇلۇپمۇ خىتاي جەمئىيىتىدە خورلۇق ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىلىرىگە ئادەتتىن تاشقىرى كۆڭۆل بۈلۈش بىلەن دىققەت قىلدى.

90‏ - يىللاردىن باشلاپ دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسىلەن، " كەچۈرۈم تەشكىلاتى"، " كۆزىتىش تەشكىلاتى " قاتارلىق تەشكىلاتلار تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا تۇلىمۇ ئەتراپلىق كۆڭۆل بۈلۈپ كەلدى. بۇ تەشكىلاتلار ھەر يىلى ئېلان قىلىدىغان "يىللىق دوكلات"نىڭ مەزمۇنلىرى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. مەسىلەن "كەچۈرۈم تەشكىلاتى " جۇڭگودا ئۈلۈم جازاسى بىرىشنىڭ قېتىم سانى، بۇلۇپمۇ سىياسىي جىنايەت ئۈچۈن " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى"دىن باشقا دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يىرىدە ئۈلۈم جازاسى بېرىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ كەلدى.

بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سابىق ئەمەلدارى مەررىي روبىنسۇن خانىم 2002 - يىللىرى خىتايغا بىر قانچە قېتىم بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قانۇنغا مەسئۇل ئورگانلىرى بىلەن خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بىرلىشىپ، خىتايدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىنى، ئۆلۈم جازاسى بىرىش قانۇن تەرتىپلىرىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بىرىش ھوقۇقىنى يەرلىكتىن مەركەزگە قايتۇرۇپ ئالغاندەك بولدى. ئەمدى ئۆلۈم جازاسى بىرىش ھوقۇقى يەنە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىلدىمۇ؟

دۆلەت بىلەن دۆلەت ئۆز ‏ - ئارا بىر - بىرىنى ئېتىراپ قىلىشقاندا، ئاددىلا چۈشەندۈرسەك، قارشى تەرەپنىڭ ئارمىيە تەشكىللەش، ساقچى تەشكىللەش، ئەدىلىيە ئورگانلىرىنى تەشكىللەش ھوقۇقلىرىنى ھەم ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. بۇ دېمەك، دۆلەتنىڭ باستۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ ئىتېراپ قىلىدۇ دېگەنلىكتۇر. مېنىڭ بىلىشىمچە، باستۇرۇش ھوقۇقى خەلقئارا قائىدە پرىنسىپلار، خەلقئارا قانۇن نىزامنامىلارنىڭ پرىنسىپلىرى يول قويغان دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پىسەنت قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەس. پىسەنت قىلىدىغان بولسا، ئاۋۋال دۆلەت ئىچىدە ئۆزى تۈزگەن قانۇنلارغا ئەمەل قىلغان بولاتتى.

نۆۋەتتە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتى دېگەندەك دۇنياۋى قۇرۇلمىىلارنىڭ ئىچىگە سۆرەپ ئېلىپ كىرىلدى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئوخشاشلا بىر مىللەتنىڭ سىياسىي مەسىلىسى ئورنىدا دۇنيا سەھنىسىگە يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ساختا قانۇنلىرى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت كۇچى ئالدىدا "جىنايەتچى" بولۇپ ئولتۇرغاندەك، خىتاي ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى بىر كۇچنىڭ ئالدىدا ھامان بىر كۈنى جىنايەتچى بولۇپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۇچى ئالدىدا جىنايەتچى بولۇپ ئولتۇرغان، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالدىدا جىنايەتچى بولۇپ ئولتۇرغان،گېرمانىيىنىڭ داڭلىق گېنېراللىرىمۇ خەلقئارا سوتتا شۇنداق ئولتۇرغان ئىدى. دۇنيا يۇقىرىقىدەك قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن. شۇڭا ئاللاھنىڭ كۈچىگە سېغىنىڭ قىزىم.