مۇخبىر ۋاڭ يىشياۋ مۇنداق خەۋەر قىلدى: كۆپۈكلىشىش دېگەن بۇ ئىبارە تىلغا ئېلىنغان ھامان، كىشىلەر ئەندى ئانچە ھەيران قالمايدىغان بولدى. كىشىلەر بۇ دەۋر كۆپۈكلىشىدىغان بەلكى ھەر قانداق نەرسە كۆپۈكلىشىدىغان بىر دەۋر دېيىشمەكتە. لېكىن جۇڭگودا قان بىلەن گۆشتەك جىپسىلىشىپ كەتكەن يەر - زېمىن، ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى، كۆپۈكلىشىشكە يۈزلەنگەندە، خىتايلار چوقۇنۇپ كەلگەن"تەقدىر بىلەن ئادەم بىردەك" نەزىرىيىسىمۇ، "تەيشەن تېغىدەك مۇقىم بولۇشقا تېگىشلىك" بارلىق نەرسىلەرمۇ ئۆزگىرىپ، چۈشلۈككە تاپسا، ئەتىگەنلىككە يوق، ئەتىگەنلىككە تاپسا، چۈشلۈككە يوق بۇلۇپ قېلىپ، جۇڭگودا ئۇمۇميۈزلۈك تراگېدىيە يۈز بېرىشكە قانچىلىك قالدى؟ دەيدىغان سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ساۋيەن جۈشى مۇنداق پىكىر قىلدى:
دائىرىلەر ئېلان قىلغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ، تيەنجىڭ، شىنجىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە سېتىلماي بوش قالغان ئۆيلەر قانچىلىك؟ 40% دېيىلدى. بۇ سان ئەلۋەتتە كىشىلەرنى چۆچۈتىدىغان سان بولۇپ قالدى. ئامېرىكىدا كرىزىس يۈز بەرگەندە بۇنداق ئەھۋال 20% ئەتراپىدىلا يۈز بەرگەن. لېكىن جۇڭگونىڭ بۇ سىتاتىستىكىسى ئىشەنچىلىك ئەمەس. چەتئەللەردە ۋە دۆلەت ئىچىدە ئالىملارنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ئۆي - ئىمارەت سېتىلماي بوش قالىدىغان ھادىسە 60% گە يەتتى.
نېمىشقا تىجارەتچىلەر توختاپ قالماي يەنە داۋاملىق ئۆي - ئىمارەت سالىدۇ؟ تىجارەتچىلەر توختاپ قالاي دېسىمۇ توختاپ قالالمايدىغان بىر ھالەتكە كېلىپ قالدى. چۈنكى جاي - جايلاردا بەگلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆي - ئىمارەت تىجارىتىگە بېقىنىپ قېلىشى ئېغىر بولماقتا، مەسىلەن، شاڭخەيدە مالىيە كىرىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى،ئىككىنچى خىل مالىيىدىن كېلىدىغان بولدى. ئىككىنچى خىل مالىيە دېگىنىمىز - ئۆي - زېمىن ئېلىپ - سېتىشتىن كېلىدىغان مالىيىدۇر. ئۆي - ئىمارەتنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، يەر - ز ېمىننى قىممەت ساتقىلى بولىدۇ - دە، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كىرىمىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
ۋېن جياباۋ ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى بەلگىلەپ، 4 مىڭ مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغاندا، بۇ مەبلەغ ئۇمۇمىي سېلىنمىنىڭ يېرىمى ھېسابلىناتتى. مەبلەغنىڭ يەنە بىر تەڭ يېرىمىغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇل بولۇشى، بىر ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە يۈرۈشلەشكەن مەبلەغقە كاپالەت قىلىشى تەلەپ قىلىندى. بۇ مەبلەغ قەيەردىن كېلەتتى؟ پەقەت يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەر - زېمىن سېتىش بىلەنلا مەركەزنىڭ مە بلەغ سېلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىغاندا 4 مىڭ مىليارد يۋەن بىلەن ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايتتى.
ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە ھۆكۈمەت يۇقىرىقى ۋاستىدىن پايدىلىنىپ،ئۆي - ئىمارەتنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە ۋە ئۆي - ئىمارەت تىجارىتىنى شۇ يول بىلەن رىغبەتلەندۈرمەكتە.
بۇنداق ۋەزىيەت جۇڭگودا ئۇزاققا بارالمايدۇ، ھامان ئاخىرقى چەك بولىدۇ. ئاخىرقى چەككە يىتىپ كەلگەندە، يار ئېلىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. مەركىزى ھۆكۈمەت بۇ خەتەرنى كۆرۈپ يەتتى. ئاۋۋال بانكا گۇمران بولىدۇ. ھۆكۈمەت ماناپولىيە قىلىش كۈچىگە تايىنىپ كۆپلەپ پۇل بېسىپ چىقىرىپ، بانكىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ. ئۇنداق قىلغاندا ناھايىتى ئېغىر پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جۇڭگو ئىنتايىن ئېغر خەتەر ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش سەۋىيىسى يەنە 10يىل كەينىگە چېكىنىپ كېتىپ، ئىقتىساد ۋە سىياسەت ساھەسىدە ئۇمۇميۈزلۈك بوھران ياكى تراگېدىيە دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ دەپ ئاياقلاشتۇردى ساۋيەن جۈشى ئەپەندى.
ساۋيەن جۈشىنىڭ ھۆكمىنى تەستىقلىغاندەك، ئۇيغۇر بىز تور بىتىدە 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى: جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى 2010 - يىللىق ئىقتىساد "كۆك تاشلىق كىتابى"دا كۆرسىتىشىگە ئاساسلىنىپ جۇڭگودا 85% ئائىلىنىڭ ئۆي سېتىپ ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۈيۈك ئىرا تور بىتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى: كونا ئۆينىڭ بىر كۋادرات مېتىرنىڭ بېيجىڭدا، 13مىڭ يۋەنگە چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مۇبارەك بولسۇن ئىقتىساد بىلەن "باش كۆتۈرگەن" خىتايلارغا! مۇبارەك بولسۇن ئۇمۇميۈزلۈك تراگېدىيىگە يۈز تۇتقان خىتايلارغا.