ئامېرىكا كىمگە، قايسى دۆلەتكە 'يېلىندى'؟

يېقىندىن بېرى تور بەتلىرىدە، " خىتاي تىلىدا ئامېرىكا جۇڭگوغا يېلىندى"، "ئامېرىكا خىتايغا دۆلەت زايومى سېتىپ قەرزدار بولۇپ قالدى"، "شۇڭا ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىقراق گەپ قىلالمىدى"، "خىتاي يەنە 20 يىلدا ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كېتىپ دۇنيانى سورايدۇ"، " خىتاينىڭ خەلق پۇلى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ دۇنياۋى پۇل بىرلىكى بولىدۇ، ۋەھاكازا" دەيدىغان گەپ سۆزلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

0:00 / 0:00

ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گېزىتلەردە "خىتاي بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ دۇنيانى باشقۇرۇشى كېرەك" دەيدىغان گەپ - سۆزلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

2009‏ - يىلى 12‏ - ئاينىڭ 11‏ - كۈنى "بۈيۈك ئېرا" تور بېتىگە مۇنداق بىر پارچە خەۋەر بېسىلدى: "ئەنگلىيە 'كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى' گېزىتىگە ماقالە يازغان شۇ گېزىتنىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى ئابرۇس ئاۋانىس مۇنداق كۆرسەتتى: ھالسىراپ كەتكەن غەربنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ يېڭى ئىقتىسادىي ئۆرلەشنىڭ يېتەكلىگۈچىسى بولماستىن، جۇڭگو ئەمدى تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ دۆلەتنىڭ باشقىلارغا ئورا كولايدىغان ئىقتىسادىي سىياسىتى دەل بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا سودىسىغا زىيان ئېلىپ كەلدى، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىنى 2 - قېتىملىق پات - پاراقچىلىق ۋەزىيىتىگە ئىتتىرىپ قويۇشى مۇمكىن، ھازىر كىشىلەر زوق - شوخ بىلەن ئامېرىكا جۇڭگوغا يېلىندى، دېيىشمەكتە. بۇنداق دېگۈچىلەر ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەرنى چۈشەنمىگەن كىشىلەردۇر. ۋاشىنگتون ھەر قانداق بىر ۋاقىت، ھەر قانداق بىر دەقىقىدە ئامېرىكا بازىرىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىپ، جۇڭگونى تىز پۈكتۈرۈشى مۇمكىن. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەرگىز بىر - بىرىگە ماس كەلمەيدۇ. بېيجىڭنىڭ، قولىدىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زايومىنى سېتىۋېتىش ئارقىلىق كىمگىدۇر تاقابىل تۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى جىددىي پەيتكە كەلگەندە كاپىتالنى كونترول قىلىش ئارقىلىق توختاتقىلى ۋە تارمار قىلغىلى بولىدۇ. ھەر قانداق بىر ئەمەلىي كۈچكە ئىگە، تەييارلىقى تولۇق بولغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت، مەسىلەن ئامېرىكا، نېمە قىلىمەن دېسە شۇنى قىلالايدۇ."

مېنىڭچە، ئالدىرايمىز، تىتىلدايمىز، "ئامېرىكا شۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ، جۇڭگوغا تاقابىل تۇرسا بولمامدۇ"، دەيمىز. بۇ بىزنىڭ تەلەپچان ھېسسىياتىمىزنىڭ بىردەملىكىدۇر. ياكى بىلىمسىزلىك ياكى تەجرىبىسىزلىكتىن كېلىپ چىققان ئەقلىي كەمتۈكلۈكتۇر. ئامېرىكا بازارنىڭ دەرۋازىسىنى تاقايدىغانلا بولسا، ئاتالمىش بىر مىلياردتىن ئارتۇق خىتاي نېمە كۈنگە قالار؟ دۇنيانىڭ ئىقتىسادى قايسى كۈنگە قالار؟ ئىقتىسادىي كرىزىس تۈپەيلى قايسى دۆلەتلەردە ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ كېتەر؟ مېنىڭچە ئامېرىكىلىقلار ئۆزىگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي جەھەتتە مەسئۇل بولغانلىقتىن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ، ئامېرىكا بازىرىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقىمايدۇ.

ئاپتور، ئابرۇس ئاۋانىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، " ئەگەر ئامېرىكا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىغۋاگەرچىلىككە يولۇقىدىغان بولسا، ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى رايونغا ئىچكىرىلەپ كىرەلەيدىغان ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى شىمالىي ئامېرىكا 'ئەركىن سودا كېلىشىمى'، 'نافتا' نىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا ئۆزىنى - ئۆزى تەمىنلەيدىغان مۇھىتقا چېكىنىپ، تاموژنا بېجى قورغىنىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ، ھەر قايسى كەسىپلەرنى يېڭىدىن قوراللاندۇرۇپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئەنگلىيە 'ئىمپېرىيىنىڭ ئېتىۋار بېرىش سىياسىتى' دىن پايدىلانغاندەك، ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئامېرىكا، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. ۋاقىت شۇنداق ۋاقىتقا توغرىلانسا، ئەھۋال شۇنداق ئەھۋال مۇھىتىغا كىرىپ قالسا، جۇڭگو گۇمران بولىدۇ. جاي - جايلارغا قاتۇرۇلغان ماۋزېدۇڭنىڭ ھەيكەللىرى كوچا - كوچىلاردا ئۆرۈلۈپ، كوچا - كوچىلاردا سۆرۈلۈپ يۈرۈشى مۇمكىن" دەپ، كۆرسەتتى.

ئاپتور، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ، جۇڭگونى زىيارەت قىلىشنىڭ ھارپىسىدا: "ئاسىيا يەنە قايتا، قەرزدار بولۇپ قالغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تاۋار، يېمەك - ئىچمەك ئەۋەتىپ بېرىشىگە تايىنىپ ھاياتلىق ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ"، دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "بىز (غەرب) تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدۇق. ئوخشىمىغان يوللارنى تاللاپ ئېلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشتۇق. ئەگەر بىز بۇ يولدا ماڭمىساق ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن زور بېسىم پەيدا بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

ئاپتورنىڭ، "بۇ يولدا ماڭمىساق دېگەنلىكى" نېمە دېگەنلىك؟ "باي بولۇپ خۇدىنى يوقاتقان جۇڭگولۇقلار ئېسىنى يىغىپ ئېلىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسى ئىشلىرىغا ئەقەللىي مۇئامىلە قىلىشى لازىم، بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايلۇق شۇنداقلا جۇڭگولۇقلارمۇ بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىشى كېرەك" دېگەنلىكتۇر.