' ئەخلاق ئېڭى ئويغانمىغان مىللەتنىڭ ھوقۇق ئېڭىمۇ ئويغانمايدۇ '

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مۇنداق سوئاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ: " خىتايلار تۈرمىگە تاشلىدى، دېدۇق. چۈنكى تۈرمىگە تاشلاندۇق. خىتايلار ئەزدى دېدۇق. چۈنكى شۇنداق ئېزىلدۇق. خىتايلار ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئاتتى دېدۇق، چۈنكى ئېتىلدۇق. نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە كىردۇق؟ نېمە ئۈچۈن ئېتىلدۇق؟ يەنە نېمە ئۈچۈن ئىزىلدۇق؟ تۈرمىگە كىرىش، ئېيتىلىش،ئېزىلىش ئۇيغۇرنىڭ پاتېنت ھوقۇقىمىدى؟ ياكى تەقدىر ئۇيغۇرنىڭ پېشانىسىغا پۈتۈپ كەتكەنمىدى. ئۇيغۇر بىر مىللەت سۈپىتىدە ئىككىنچى بىرسىنى ئېزىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇيغۇر ئىككىنچى بىرسىنى تۈرمىگە تاشلىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇيغۇر ئىككىنچى بىرسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ بۇنداق ھوقۇق زۆرۈرىيەت ئىچىدە ھەر قانداق ئادەمگە، ھەر قانداق مىللەتكە تەبىئەت ئاتا قىلغان پاتېنت ھوقۇقى ئەمەسمىدى؟نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئىككىلەمچى - بوزەك بولىدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى؟ نېمىشقا يەنە باشقا بىر مىللەت ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىرلەمچى ئورۇنغا چىقىپ ئالدى؟ "

0:00 / 0:00

كىم شۇنداق سوئال قويدى؟ سوئال قويغان كىشىلەرنى سەن كىم ئىدىڭ دېسەڭچۇ؟ سوئال قويۇپ يەنە كىم شۇنداق ئەھۋالدا قويغان سوئالنىڭ مەزمۇنىنى ئويلاندى؟ يەنە كىم قويغان سوئالغا چوڭقۇر ئويلاش ئارقىلىق جاۋاب تاپالىدى؟ يۇقىرىقى مەسىلە ۋە ھادىسىلەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاق ئېڭىغا ۋە بىر مىللەتنىڭ ھوقۇق ئېڭىغا باغلىق مەسىلىلەر ۋە ھادىسىلەر ئىدى. ئەخلاق ئېڭى ئويغانمىغان مىللەتنىڭ ھوقۇق ئېڭىمۇ ئويغانمايدۇ دېگەن بىر گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم.

مەلۇم تور بېتىدە كۆڭۈلنىڭ ئىزتىراپلىرى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلاندى: "مەن بەزىدە مىللىتىمىزنىڭ ياخشى مىللەت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالىمەن، دائىم ئويلايمەن؛ نېمە ئۈچۈن بىزدە ھاراقكەش، بۇزۇق، ئەپيۇنكەش، تىلەمچى، نامرات، مۇھەببەتسىز، ساداقەتسىز، غەيۋەتخور،ھېسسىياتچان، نادان، ھۇرۇن، ھەسەتخور... كىشىلەر كۆپ. ئانىسىنى خورلىغان ھېلىقى دەۋزەخى بالا بىلەن بالىسىنى خورلىغان بۈگۈنكى بۇ ئانا زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟" سوئال شۇنداق قويۇلدى.

مەلۇم تور بېتىدە يېقىندا "ئەخلەت ساندۇقىدىكى بىچارە بوۋاق ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى" سەرلەۋھىلىك ماقالىدە خەۋەرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق جارى قىلدۇرۇلدى: دۆڭ كۆۋرۈكتە ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر بوۋاق خەلقنىڭ كۆزىچىلا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلدى. تېخى تۈنۈگۈنلا كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ھەر قانچە ئويلىماي دېسەممۇ كاللامغا كىرىۋالدى....

ھوي، قاراڭلار! بايا مىدىرلىغان ئىدى ئاۋۇ بالا... ھازىر جىم - جىملا تۇرىدۇ... تىنىقتىن قالغانمىدۇ... بوۋاق مەسچىتكە كىرىپلا تولىمۇ ئاپئاق تاۋۇتلىنىپ چىقتى. نامىزى چۈشۈرۈلدى، ئۇزۇندىن - ئۇزاق دۇئا قىلىشتى... ئارىدا كۆز يېشى قىلغان ئەرلەرمۇ بولدى... كۈپ - كۈندۈزدە بولغان بۇ ئىشنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەچكىمىكىن تولىمۇ كۆڭلۈم بىئارام بولدى....

ئۇيغۇر مىللىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر مىنى ھەر دائىم خىيالغا سالماقتا... پىكىرلىرىم تاقا - تۇققا. مۇشۇ ئاپتورنىڭ شۇنچىلىك ئېچىنىش ئىچىدە شۇنچىلىك ئويغىنىشى مىللەتنىڭ بېشىدىكى قىسمەتلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت ئېھتىماللىق.

50 ‏ - يىللاردا شائىر مىرزاھىت كېرىمى"ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق" ماۋزۇلۇق داستانى ئارقىلىق ئاتالمىش ئاپتونوم رايۇننىڭمۇ بۈشۇگىدە بوغۇپ تاشلانغانلىقىنى بەدىئىي ۋاستىلار ئارقىلىق قەيت قىلغان ۋە زامانغا لەنەت ئوقىغان ئىدى. بۈگۈن ئۇيغۇر بۇۋاقلىرى، ھەتتا ئۇيغۇر ئادەملەر، ئۇيغۇر ئادەملەرنىڭ ئىستەكلىرى، ھاياتلىق، ياشاش مۇددىئالىرى يۇقىرىقى بوۋاققا ئوخشاش ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاندى. خىتاينىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇرلار ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغان بولسا، بۇ زوراۋانلىق، زومىگەرلىك دېيىشكە بولاتتى.

ئامما ئۇيغۇر،ئۇيغۇرنىڭ قولى بىلەن بۇغۈپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر، ئۇيغۇرنىڭ قەلىمى ئارقىلىق خىتايغا چېقىشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر، ئۇيغۇرنىڭ قولى ئارقىلىق خىتايغا تۇتۇپ بېرىلدى. ئۇيغۇرنىڭ چېقىپ قويۇشى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىېتىۋېتىلدى. ئۇيغۇرنىڭ چېقىپ قويۇشى ئارقىلىق ئۇيغۇر تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ بېرىشى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىلدى.

ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئارقىلىق، ئۇيغۇر چىقىمغا، غەيۋەت‏ - شىكايەتكە، تىل ‏ - ھاقارەتكە دۇچار بولدى. ئۇيغۇرنىڭ ئىش قىلغانلىرى تور بەتلىرىدە قەلەم ئارقىلىق ھاقارەتلەندى. ۋەتەن دېگەن ئۇيغۇر كىشىلەر ھەسەتخورلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق تۆھمەتلەرگە دۇچار بولدى. ئۇيغۇر - ئۇيغۇردىن قاچتى، ئۇيغۇرنى - ئۇيغۇر بىر - بىرىگە دۈشمەن دەپ قارىدى.

بۇ ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ ئويلا، ئىنسان تۈنۈگۈن سەن كىم ئىدىڭ، بۈگۈن كىم بولۇپ قالدىڭ؟!