يېقىندا بوشۈن تور بىتىدە جۇڭگو، سوۋېت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان، لېكىن ھازىرغىچە تولۇق ئاشكارىلانمىغان ئىككى پارچە شەرتنامە توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلدى. مەن بۈگۈن بۇ شەرتنامىلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
"ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشقا ئەگىشىپ، جۇڭخۋا مىللىتىنى شىمالىي قۇتۇبنىڭ ئاق ئېيىقىنىڭ غالجىرلارچە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشى - مىللىي ئاپەتكە ئايلىنىپ، بۇنىڭدا ماۋزېدۇڭنىڭ رولى ئاز بولمىدى" - دەپ باشلايدۇ ئاپتور يەن شى بوشۈن تور بىتىدە 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدا.
ئەينى چاغدا سىتالىننىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا 1 مىليۇن 5 يۈزمىڭ كۋادېرات كېلومىېتر زېمىنىنى، 8 يۈزمىڭ كۋادېرات كېلومېتىر دېڭىز تەۋەلىكىنى، 1 مىليۇن 560 مىڭ كۋادېرات كىلومېتىرلىق تاشقى موڭغۇلىيە زېمىنىنى يۈتۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش قارا نىيىتى ئاللىقاچان ئاشكارىلىنىپ بولغان، رىئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا ماۋزېدۈڭ نېمە ئىش قىلدى؟
1945 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىچكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ماۋزېدۇڭ لىن بىياۋ، گاۋگاڭ قاتارلىقلارغا كۆرسەتمە بېرىپ، سابىق سوۋېتلەرنىڭ ۋەكىللىرى مىكۇيان، كاسىنوفلار بىلەن "خاربىن شەرتنامىسى" نى ئىمزالىدى. كېلىشىمنىڭ مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. دىپلوماتىيە تاشقى ئىشلار بويىچە سوۋېتلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ.
2. سوۋېتلەر خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ئەتراپلىق ھەمكارلىشىپ، شەرقىي شىمالنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ.
3. خىتاي كوممۇنىستلىرى سوۋېتلەرنىڭ شەرقىي شىمالنىڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا تەۋەلىكىدە قاتناش جەھەتتە ئېمتىيازلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
4. سوۋېتلەر داۋاملىق خىتاي قىزىل ئارمىيىسىنى 50 دانە كۆرەشچى ئايروپىلان بىلەن تەمىنلەيدۇ.
5. سوۋېتلەر ياپۇنىيىدىن ئولجا ئالغان قورال - ياراقلارنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 6. سوۋېتلەر شەرقىي شىمالدا تىزگىنلەپ تۇرغان ھەربىي قورال - ياراق ۋە ھەربىي مۇلازىمەتلەر بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى تەمىنلەيدۇ.
7.شەرقىي شىمالدا ۋەزىيەتتە كەسكىن ئۆزگىرىش بولغاندا، سوۋېتلەر خىتاي ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي كورىيە ئارقىلىق سوۋېتلەر زېمىنىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.
8. مۇبادا گومىنداڭ ئارمىيىسى شەرقىي شىمالدا قىرغاققا چىقىپ قىزىل ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، سوۋېت ئارمىيىسى خىتاي قىزىل ئارمىيىسىگە ياردەم بېرىدۇ.
9. خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسى سوۋېتلەرنى گومىنداڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاخباراتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
10. خىتاي كوممۇنىستلىرى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
11. شەرقىي شىمالنىڭ پاختا، پۇرچاقلىرى بىردەك سوۋېت ئىتتىپاقىغا يوللىنىدۇ.
12. سوۋېتلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەسىر كۇچىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم قىلىدۇ.
13. لياۋنىڭ، ئەندۇڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايونلار، شىمالىي كورىيە ئارمىيىسى تۇرۇشلۇق رايونلار بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىككىنچى قېتىم ماۋزېدۇڭ 1948 - يىلى ياز پەسلىدە مەلۇم كىشىنى ئەۋەتىپ سىتالىن بىلەن "موسكۋا كىېلىشىمى"نى ئىمزالىدى. كېلىشىمنىڭ مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. جۇڭگو تېررىتورىيىسىدە كان ئىېچىش ھوقۇقى جەھەتتە ئاۋۋال سوۋېتلەر كان ئىېچىشقا ھوقۇقلۇق. جۇڭگو، سوۋېت ئورتاق باشقۇرىدىغان جۇڭخۋا سودا شىركىتى قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. سوۋېتلەر شەرقىي شىمالدا، شىنجاڭدا ئەسكەر تۇرغۇزۈپ، 3 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا تاقابىل تۇرسا بولىدۇ.
3. يەنە باشقا دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا جۇڭگو بىلەن سوۋېتلەر مۆرىنى - مۆرىگە تېرەپ كۆرەش قىلىدۇ.
4. جۇڭگو بىلەن سوۋېتلەر ئورتاق ھاۋا ئارمىيىسى تەشكىللەيدۇ.
5. يىراق شەرق كوممۇنىستلار ئاخبارات ئورنى جۇڭگودا قۇرۇلىدۇ.
6. دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغان ھامان خىتاي كوممۇنىستلىرى 100مىڭ كىشىلىك يىراققا يۇرۇش ئارمىيىسى ئەۋەتىپ سوۋېتلەرگە ياردەم قىلىدۇ.
7. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يېقىن ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ 11 پولك ئەسكىرىنى قوراللاندۇرىدۇ ۋە تەربىيىلەيدۇ.
تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، يۇقىرىقى مەزمۇنلار تور بىتىدە بىر قانچە يىل ساقلىنىپ كەلگەن، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئارخىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارمۇ غەيرى پىكىردە بولمىغان. شۈڭا بۇ ماتېرىيالنىڭ كىلىش مەنبىيى ئىشەنچلىك دېيىشكە بولىدۇ دەپ ئىلاۋە قىلدى ئاپتۇر. (2001 - يىلى خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنغان "خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر" ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ 70 - بىتىگە قارالسا بولىدۇ.)
يۇقىرىقى شەرتنامىلارنىڭ مەزمۇنلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، سابىق سوۋېتلەر ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرى ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۈشىنى چەكلەپ، شەرتنامە ئىمزالاش ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلدى. مەن ئىشىنىمەنكى، شەرتنامىلارنىڭ يۇقىرىقى مەزمۇنلىرى يېقىن كەلگۈسىدە خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىدىغان، تىلغا ئالىدىغان خەلقئارا مەسىلە بولۇپ قالغۇسى.