يېڭى يىل ھارپىسىدا جۇڭگوغا نەزەر

ب ب س 12‏ - ئاينىڭ 22‏ - كۈنى جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك ئېقىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ ئىجتىمائىي كرىزىسقا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا توختالغاندا خىي زىمىڭنىڭ كىنو فىلىمى "قالايمىقانچىلىق" نىڭ ئىسمىنى ئارىيەت ئېلىپ 2009‏ - يىلى جۇڭگودا "قالايمىقانچىلىق ياكى پاراكەندىچىلىك" يۈز بېرىدىغان بىر يىل بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

2008‏ - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ئوساللاشتى. 9‏ - ئايدىن باشلاپ مالىيە كىرىمى سوغا چىلاشتى. مەسىلەن سانائەت تورلىرىغا ئىشلىتىدىغان توكنىڭ سەرپىياتى تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ ئەھۋال زاۋۇتلاردا ئىش تەرتىپلىرىنىڭ ئازايغانلىقىدىن دېرەك بەردى. 3‏ - ئايدا %14.4 توك ئىشلىتىش سەرپىياتى 8‏ - ئايغا كەلگەندە %5.38 گە چۈشۈپ قالدى. پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە توك ئىشلىتىش %3 گە تۆۋەنلەپ كەتتى.

جۇڭگودا كەمبەغەللەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، كۈندە بىر دوللار خەجلىيەلمەيدىغان نوپۇسنىڭ سانى 300 مىليونغا يىتىپ باردى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چەتئەلگە بېقىنىپ قېلىش دەرىجىسى %70 ئەتراپىغا ئۆرلىدى. ياپونىيە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى ۋە بازىرىغا ئايلىنىپ قالدى. پۇقرالارنىڭ كۆپ پۇل خەجلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئامانەت قويۇشنى ئازايتىش جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان نىشان ئىدى. پۇل تاپقان خىتاي پۇقرالىرىغۇ خەجلىسۇن، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر نېمە خەجلەيدۇ؟

تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشلىرىغا قارىغاندا ، ئۈرۈمچىدە بىر كىلوگرام گۆشنىڭ باھاسى 40 يۈەنگە چىقتى، جەنۇبى ئۇيغۇرىستاندا 50 يۈەنگە چىقتى. ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلار ئىشلەپ چىققان گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىچكى بازارنى تەمىنلىمەي، ئىچكىرى خىتاينىڭ بازارلىرىغا يۆتكەلگەنلىكتىن باھا پەرقى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بىر زۇلۇم بولدى. نارازىلىق پارتلاش باسقۇچىغا يىتىپ كەلگەندە .... شۇڭا خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ قوراللىق ساقچىلىرى غۇلجا، ئۈرۈمچى، قەشقەر شەھەرلىرىنى قوراللىق چارلايدىغان بولدى.

خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى دەيدىغان ئۇقۇملارنىڭ پەرقى قالمىدى. ئىقتىسات بىر گەۋدىلەشكەن ھازىرقى دۇنيادا ئىقتىساد ساھەسىدە بىر دۆلەتتە بىر ئاز مەسىلە كۈرۈلىدىغانلا بولسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا دەرھال تەسىر كۆرسەتتى. سىياسەت ساھەسىدە چۇ؟ %70 ئىقتىسات چەتئەل مالىيە گۇرۇھىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، جۇڭنەنخەينىڭ سىياسى نوپۇزى قانچىلىك بولاتتى؟

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى ۋە يېقىندا فرانسىيىنىڭ پرېزىدېنتى ساركوزىنىڭ دالاي لامانى پولشادا قوبۇل قىلىشى، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى باش قاتۇرۇپ تىبەت توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما ئىشلەيدىغان ئورۇنغا چىقىرىپ قويدى.جۇڭگو فرانسىيە تاۋارلىرىنى بايقۇت قىلماقچى بولدى.مەقسەتكە يېتەلمىدى. دەل شۇنداق پەيتتە گېرمانىيە توساتتىنلا گۇئانتانامو تۈرمىسىگە گۇناھسىز قامالغان 17نەپەر ئۇيغۇرنى گېرمانىيە دۆلىتىگە قوبۇل قىلىشنى جاكارلىدى.جۇڭگو بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلغاندا خۇددى پايپاققا نالە قاققاندەك بىر ئىش بولدى.

مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا "يامانيار ۋەقەلىرى"،"قىزىلبويى ۋەقەلىرى"، "سەمەن يولى ۋەقەلىرى"، "كۇچار رەستە ۋەقەلىرى" 8‏ - ئاي ئىچىدە يۈز بېرىپ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن كۈنلەردە، مانى كۆرۈڭ! پەيزىۋاتنىڭ قوشئاۋات يېزىسىدا مادوتەينىڭ ئەۋلادى لى دوتەي ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا كەپتەر سېلىقى، كەكلىك سېلىقى سېلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى دىدەكلىككە ئىشلەتتى، ئۇيغۇر تىللىق ھېلىم ھاجى قىزىلباش لى دوتەيگە يانتاياق بولۇپ بەردى. بىلگىلى بولمايدۇ، مۈشۈك چاشقاننىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىۋاتامدۇ ياكى چاشقان مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئىئېسىلىۋاتامدۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ. بەزى چاغلاردا قىساس ئېلىشمۇ بىر خىل يوللۇق زوراۋانلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىشى سىرلىق بىر ھادىسە بولۇپ قالدى. 162مىڭدىن ئارتۇق خىيانەتچى خىتايلار شياڭگاڭغا ئورۇنلاشتى. ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان خىيانەتچى خىتايلار 495 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى دەپ كۆرسەتتى ساۋ ۋىلۇ ئەپەندى بۈيۈك ئىرا تور بېتىگە 12‏ - ئاينىڭ 23‏ - كۈنى يازغان ماقالىسىدە.

ۋاڭ لېچۈەن نېمە قىلىشنىڭ غېمىدە، خۇ جىنتاۋ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ غېمىدە، پارىخور خىتايلار قېچىشنىڭ غېمىدە، كەمبەغەللەر بىر قاچا ئۇماچنىڭ غېمىدە، پۇقرا بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا قالغان ئارمىيە قاچان قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ غېمىدە، ئەخلاقىنىڭ بار ‏ - يوقلۇقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان بىر ئەۋلاد خىتايلار ياشاۋاتقان جۇڭگو جەمئىيىتىدە قانۇن ، قانۇن بولمىدى، ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت بولمىدى، ئەخلاق ، ئەخلاق بولمىدى.

پەقەت ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ روھى دۇنياسىغا تەسىر قىلىپ پۇقرالارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ بىردىن - بىر ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.

ھۆرمەتلىك ۋەتەندېشىم ، يېڭى يىل ھارپىسىدا سىز ۋەزىيەتنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋەزىيەتنىڭ تېشىدا ، 2009‏ - يىلىنىڭ مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل بولۇپ قېلىشىنى، زۇلۇم ‏ - زەخمەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەل بولۇپ قېلىشىنى بىر ئاللادىن تىلەيمىز، دېيىشتى. يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!