ئوتتۇز يىل ۋە ئون سەككىز كۈن

ئوتتۇز يىللىق ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەت-مىسىر مۇبارەك ھاكىمىيىتى، خەلق ئىنقىلابى ئارقىلىق ئون سەككىز كۈن ئىچىدە ئاغدۇرۇلدى. خەلقنىڭ كۈچى قالتىس بولىدىكەن. دېموكراتىك ئىسلاھات ئىدىيىلىرى ھەرىكەتلىك نامايىش، ئىنقىلابقا ئايلانغان ھامان توسۇۋالغىلى بولمايدىغان كۈچكە ئايلىنىدىكەن.

0:00 / 0:00

شۇ قاتاردا ئارمىيىمۇ تىل ئۇقىدىغان ئارمىيە، ساقچىلارمۇ مىسىرنىڭ ساقچىلىرىدەك غەرەز ئۇقىدىغان ساقچى بولۇشى كېرەك ئىكەن. مۇستەملىكە ئەللەردە غەرەز ئۇقمايدىغان، ئارمىيە، ئورتاق تىلى بولمىغان ساقچىلار نامايىش قىلغۇچىلارنى باستۇرىدىكەن. مەسىلەن، ئۈرۈمچىدە خەلق مەيدانىدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى تۆكۈلدى. مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە، ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە ئىنقىلابچى خەلق تانكىلارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ بايراقلىرىنى لەپىلدەتتى.

قاھىرە شەھىرى نېمىلا بولسا ئۆز دۆلىتىنىڭ شەھىرى، مۇستەبىت بولسىمۇ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ جايلاشقان شەھىرى ئىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، مۇستەملىكىچىلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شەھەر ئىدى.

قائىدە بويىچە، ئەسلىدە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان ھامان خەلق بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ. مىسىر ھۆكۈمىتى مىسىر خەلقىنىڭ ھۆكۈمىتى ئىدى.

شۇ خەلق مۇبارەك ئەپەندىنى ئوتتۇز يىل قايتا-قايتا سايلىغان ئىدى. ئەمدى ھۆكۈمەت خەلققە كېرەك بولمىدى، ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.

خەلق ئىنقىلاب ۋە نامايىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بۇ يەردە ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار مۇناسىۋىتى دەيدىغان مۇناسىۋەتمۇ يوق. چۈنكى، ئۇيغۇرلار كۆچمەنلەر ھۆكۈمىتىنى سايلاپ چىققان ئەمەس. بويسۇندۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ھەرخىل جىنايەتلەرنى توقۇپ چىقىپ باستۇرۇش بۇ، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ كۈندىلىك ئىش تەرتىپىدۇر. شۇڭا، ئۈرۈمچىدە ئىنقىلاب باستۇرۇشقا دۇچار بولدى. شۇڭا مىسىردا ئىنقىلاب غەلىبە قىلدى.

ھۆكۈمەت ھوقۇقلۇق تەرەپ. بىر ئادەم ياكى بىر گۇرۇھ بۇيرۇق قىلالايدىغان ھوقۇققا ئېرىشكەن ھامان، باشقىلار ۋە پۇقرالار بۇيرۇققا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى مەسىلەن، باستۇرۇش ئارزۇلىرىنى ھوقۇق ئارقىلىق ئىپادىلەش، خىتايدەك مۇستەملىكىچى دۆلەتتە، ئەخلاقنىڭ، قانۇننىڭ سىرتىدىكى بىر ئىش بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.

ئۇنداقتا، ھوقۇق بىلەن بويسۇندۇرۇشنىڭ چېكى قانداق بولىدۇ؟ بۇنداق چەككە سىز ۋە بىز ھەر قەدەمدە دۇچ كېلىمىز. بۇنداق چەكنى ئادالەت پرىنسىپى دەپ ئاتاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەسلى قائىدە بويىچە، مەيلى پۇقرالار بولسۇن، باستۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە ياكى ھۆكۈمەت باستۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندا، ۋەقەلەرگە ئادالەت پرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلەتتى، ئوخشاشلا ھەر ئىككى تەرەپ ئادالەت پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلەتتى. مەسىلەن، مىسىردا ساقچىلار ۋە ئارمىيە نامايىشچى خەلققە ئادالەت پرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلدى. ئەمما، ئۈرۈمچىدە،خىتاي ھاكىمىيىتى 31 ئۆلكە، شەھەردىن ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇردى.

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە يۇمشاق بېسىم ئىشلەتكەندەك، مىسىردىمۇ پۇقرالار ھۆكۈمەتكە يۇمشاق بېسىم ئىشلەتتى. ئەمما، ئىككى خەلقنىڭ تەقدىرى ئىككى خىل قىسمەتكە ئىگە بولدى.

ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەت بىر جەمئىيەتتە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىغان چاغدىلا ھۆكۈمەت قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، ھاكىمىيەتمۇ قانۇنلۇق ھاكىمىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق چاغدا ئومۇمى پۇقرا ئېتىراپ قىلغان ھاكىمىيەت تۈزگەن قانۇن، پۇقرالار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قانۇن بولۇپ قالىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەلەپلىرى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ھامان مىسىردەك،تۇنىستەك دۆلەتلەردە قانۇننى، تەرتىپنى بىر تەرەپكە چۆرۈۋېتىپ ئىنقىلابنىڭ پارتلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر.

ئۇيغۇرلار قارشىلىق كۆرسەتكەن ھۆكۈمەت مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت بولسا، مىسىر خەلقى قارشىلىق كۆرسەتكەن ھۆكۈمەت مۇستەبىت ھۆكۈمەتتۇر.

تەبىئىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىيلاشقان كىشىلىك ھوقۇق پەرقلىق بولىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا، تەبىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە، ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ مەقسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغان ھاكىمىيەت تۈزگەن قانۇن ئادالەتسىز قانۇن، شۇنداق ھاكىمىيەت تەشكىللىگەن تەرتىپ ئادالەتسىز تەرتىپ بولۇپ قالغاندا، پۇقرالار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتى زوراۋانلىقنى ۋاسىتە قىلىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ،دە! پۇقرالار قارشىلىق كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق بولىدۇ.

شۇڭا، مىسىردا ئوتتۇز يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيەت خەلقنىڭ ئىنقىلابى ئارقىلىق ئون سەككىز كۈندە ئاغدۇرۇلدى.