پارتلاش نۇقتىسىدا تۇرغان خىتاي، دەرھال گۇمران بولامدۇ؟
2011.06.02
ماقالىنىڭ ئاپتورى جاڭ جيادۈن 5-ئاينىڭ 29-كۈنى «خىتاي پارتلاش نۇقتىسىدا تۇرۇپتۇ، ئامېرىكا نېمە قىلىشى كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالە يېزىپ ماقالىدا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئەرەب دۇنياسىغا سۆزلىگەندە: «مۇستەبىت دۆلەتلەر قارىماققا مۇقىمدەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەر ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە تەلپۈنۈشىنى ھەرگىز توسۇپ قالالمايدۇ. كىشىلەر مەيداندىن-مەيدانغا، شەھەردىن-شەھەرگە، دۆلەتتىن-دۆلەتكە يۆتكىلىپ، خەلقلەر قوزغىلىپ نېگىزلىك ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ۋاشىنگتون باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە تەييارلىق قىلمىدى، ئەكسىچە ۋاشىنگتون جۇڭگونى تىنچ، ئاسايىش زۆرۈرى ھەمراھ بولغۇچى دەپ قاراۋاتىدۇ... جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس ئاجىزلىقى ئېنىقكى، ئۇ دۇنيادا ئەڭ زور تەۋرىنىپ تۇرغان دۆلەتنىڭ بىرىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.
جاڭ جيادۈن مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كرىزىسقا تولۇپ كەتتى. ھاكىمىيەت ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي پارتلاش نۇقتىسىدا تۇرۇپتۇ. خىتاي گۇمران بولۇش دەۋرىگە كىرگەندە، ئامېرىكا قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىش شۇكى،ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىستلىرىنى قوللىماسلىقى كېرەك، جاڭ جيادۈن يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى جۆرجى بوش ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغان ئىدى.
كېسىنگىر يازغان كىتابنىڭ ئىچىدە 41-نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بوش تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقى ئۆتۈپ 3 ئايدىن كېيىن، مەسلىھەتچىسى ۋە مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار كاتىپىنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ، دىڭ شىياۋپىڭغا ياخشىچاق بولغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا 41-نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بوش خەلقئارا جەمئىيەت بۇ كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە قوللىشى كېرەك دېگەن، دەيدىغان مەزمۇنلار ئاشكارىلاندى. جاڭ جيادۈن كانادالىق دېموكراتچى شىڭ شۆ خانىمنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ :«ئامېرىكا تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، دىڭ شىياۋپىڭنىڭ بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي جەھەتتە كۈچ كۆرسىتىپ باستۇرۇشىنى مەلۇم دەرىجىدە قوللىغان» دەپ كۆرسەتتى.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا سودا-تىجارەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئايرىۋېتىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، غەرب دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا قويۇپ خىتايغا مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى سوۋېتلار ۋە شەرقى ياۋروپانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پەخەس بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ۋە رەڭلىك ئىنقىلابقا تاقابىل تۇرالايدىغان بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى جۈملىدىن، كوممۇنىستلار مىلتىقنى چىڭ تۇتۇپلا قالماستىن، ئىقتىسادنىمۇ چىڭ تۇتۇۋېلىپ مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. خىتايدا پارتىيىنىڭ مەنپەئىتىنى مۇستەھكەملىيەلىگەن ھامان خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىپ تىنچ يول بىلەن ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، مىللەتچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، غەربنىڭ خىتايغا قاراتقان بىرلىك سېپىنى پارچىلاشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى. جاڭ جيادۈن مۇنداق كۆرسەتتى: «ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىستلىرىنى يەنە بىر قېتىم قۇتقۇزۇپ قالماسلىقى كېرەك...خىتاي كوممۇنىستلىرى ئارقىغا چېكىنىۋاتىدۇ، خەلق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدا ئىككى قۇدرەتلىك كۈچ ئەكسى تەرەپكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ...ئىلگىرى-كېيىن بولسىمۇ ھامىنى خىتايدا ئىنقىلابى پارتلاش يۈز بېرىدۇ. خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئىنتايىن تىز ئارىدا ئاشكارا پارتلايدۇ.»
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا جاڭ جيادۈن مۇنداق كۆرسەتتى: «ۋاشىنگتون قارشى ئېلىنمايدىغان خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى قوللاپ ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلدى. خەلققە قارشى بىر ھاكىمىيەتنى قوللاشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن يامان بولىدۇ، بەلكى يەنە بىر قېتىملىق تارىخى خاتالىق بولۇپ قالىدۇ.»
شۇنداق، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى «ئۇيغۇر خەلق ئىنقىلابى» پارتىيىسىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى، 1997-يىلىدا پارتلىغان ئىلى ئىنقىلابىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇلۇشىنى تارىخى ۋە خەلقئارا سىياسەت بويىچە ئەسلەپ ئۆتسەك، تەپەككۇرىمىز بىزنى ئىنتايىن چوڭقۇر سەۋەبلەرنىڭ بىر-بىرىگە قانداق باغلىنىپ قالغانلىقىنى ئويلاشقا يېتەكلەيدۇ.
پېقىر ئوبزورچى نېمە دەيدۇ، ئەگەر خىتاينىڭ ۋەزىيىتى راستىنىلا جاڭ جيادۈن ئەپەندى ئېيتقاندەك كەسكىن بىر دەۋرگە كىرىپ قالغان بولسا، بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خۇددى ئەينى چاغدا يىمىرىلىش دەۋرىگە كىرگەن سابىق سوۋېتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا، ئەمدى يىمىرىلىش دەۋرىگە كىرىدىغان خىتايغا ھەم شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.