ماقالە ئاپتورى يەر شارى گېزىتىنىڭ ماقالىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە، جۇڭگونىڭ ئالدىدا تۇرغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇنداق بولۇپ قالدىكى، جۇڭگو، خىتاي پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش قىممىتىنى دۆلەتنىڭ سىياسى مەنپەئەتى قاتارىغا قويامدۇ ياكى ئاددىلا ئىقتىسادى مەنپەئەتنىڭ ئالدىغا قويامدۇ، دەيدىغان تارىخى خاراكتېرلىك ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالدى، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ ئىقتىسادى 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىكىدەك توكورنىڭ يىراققا سەكرىشىدەك، يىراققا سەكرىمەي، 90 - يىللارغا كەلگەندە ئىككى پۇت بىلەن يول مېڭىپ بىرى چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىش، يەنە بىرى ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە ئېكىسپورت قىلىدىغان تاۋارلارمۇ، مەبلەغ سالغان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تاۋار - ماللىرى ئىدى. خىتاي شىركەتلىرىمۇ چەتئەللەرگە مەبلەغ سالدى. بىراق بۇ شىركەتلەر خۇسۇسى شىركەتلەر ئەمەس، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر ئىدى. 30 يىل مابەينىدە خىتاي خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا يول قويمىدى. شۇڭا ۋىنجۇدەك شەھەرلەردە بارلىق خۇسۇسى شىركەتلەر بىراقلا گۇمران بولدى. جۇڭگونىڭ كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشى يەنىلا پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ قالدىكى، كاپىتالىزم دۆلەت كاپىتالىزمى بولۇپ تەرەققى قىلدى. خۇسۇسى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققى قىلىشىغا كاپىتالىست كوممۇنىستلار ھەرگىز يول قويمىدى. خىتاي پۇلىنى بازار باھاسى بويىچە ئايرىۋاشلاشقىمۇ يول قويماي، خەلىق پۇلىنىڭ كۇرسىنى بازار باھاسى بويىچە تەڭشەشكىمۇ يول قويماي، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قاتارلىق سودا شىرىكلىرىگە ئېغىر ئىقتىسادى زىيان كەلتۈردى. بۇنداق چاغدا ئامېرىكىدەك بىر دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا گەپ قىلسا بولمامدىكىنە؟
خىتايدا پۇل پاخاللىقى تېخى ئەكسىگە قايتقىنى يوق. ئەمدىلىكتە ئۆي - ئىمارەت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە دۇچ كەلدى.
ماقالىدە « ئەنئەنىۋى ئۇرۇش، سىياسى قارىمۇ - قارشىلىق بىۋاستىلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى داۋاملىق، داۋاملاشتۇرۇشقا مۇھتاج ئەمەس. بىراق، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سىياسى قارىمۇ - قارشىلىقتا بىۋاستە گەۋدىلىنىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇش شەكلىدۇر » دەپ كۆرسىتىلدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، بوشۈن تور بىتى :11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى « بۆرە ئاخىرى كەلدى....» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ: جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، خىتايدا ھۆكۈمەت ئەبەدى ئاغدۇرۇلمايدۇ دەيدىغان ئەپسانە يارىتىپ بەرگەن،لېكىن بۇ ئەپسانە خۇددى ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى گۇمران بولغاندەك گۇمران بولىدىغان بولدى، دەپ كۆرسەتكەن. بۈگۈنكى ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى، ئۆتكە ندىكىدەك، سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى، شىرىكلىك مۇناسىۋىتى، مەنپەئەتدار دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى دەيدىغان مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاتقىلى بولمىسا كېرەك. ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئاسىيا، تىنچ ئوكىيان رايونىدا سەن تۇرامسەن ياكى مەنمۇ دەيدىغان مۇناسىۋەت دائىرىسىگە كىرىپ قالامدۇ، قانداق؟